خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى 29-سېنتەبىر كۈنى «ب د ت كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىشى كېرەك؟» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفېي رېچاردسون، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پروفېسسورى داۋىد كېي (David Kaye)
كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا مۇلازىمىتى پروگرامما دىرېكتورى سارا بروكس ( (Sarah Brooks، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىقلار قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار ب د ت ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت ب د ت ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، گەرچە بۇ دوكلات خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېگەن گەپلىرىنى تامامەن يالغانغا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي، بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، چۈنكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا سوت بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقماقچى بولسا، مەزكۇر تەكشۈرۈش كومىتېتنىڭ دوكلاتىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
جەۋھەر ئىلھام ب د ت ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ نېمىلا بولسۇن خىتاينىڭ جىنايىتىنى جەزملەشتۈرۈپ، بۇ جىنايەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنىشى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئۇنى تونۇشى ۋە دىققەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا مۇلازىمىتى پروگرامما دىرېكتورى سارا بروكس بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كېلىشىمىگە قول قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ب د ت پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئورگىنى بىلەن ب د ت پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت ئورگىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، يەنى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفېي رېچاردسون بۇ قېتىملىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ بۇ دوكلاتتىن كېيىن بىرەر قارار ئېلىنىشىغا پۈتۈن كۈچى توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، بۇ كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ياكى خىتايغا قارشى گەپ قىلالمايدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ خېلى بارلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ب د ت دا خىتاي بىلەن رۇسىيەدەك كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىدىغان بىر تارىخىي دەۋر يارىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر ئۈمىد قىلىۋاتقىنىمىز، ت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيەگە چارە قوللانغىنىغا ئوخشاش، خىتايغىمۇ بۇ جىنايىتىدىن ھېساب بەرگۈزۈش. بىزدە چوقۇم بارلىق دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن بارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتالايدىغان بىر خەلقئارالىق ئورگان بولۇشى كېرەك».
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پروفېسسورى داۋىد كېي بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى بۇزۇشقا، كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھوقۇقى، شۇنداقلا ئايرىمىچىلىق ۋە كەمسىتىشكە بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ب د ت نىڭ رولىنى داۋاملىق تەكىتلەش ناھايىتى مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ خىزمىتىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسىي ماددىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ب د ت نىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئېنىق بايانات بېرىپ، مەلۇم مېخانىزم ئارقىلىق ھەرىكەت قوللانمىسا ئاقىۋەت يامان بولىدۇ. كىشىلەر بۇ كېڭەشنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ يەردە گەرچە خىتاي مەسىلىسى مۇھىم بولسىمۇ، ئۇ پەقەت خىتاي مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ب د ت دىن ئىبارەت بىر پۈتۈن سىستېمىنىڭ ئىناۋىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە».