ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا شى جىنپىڭ داۋاملىق دەۋر سۈرىدىغان خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرلىككە كېلەلەمدۇ؟

0:00 / 0:00

شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنى داۋاملىق پۈتۈنلەي چاڭگىلىغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوبرازى ۋە تەسىرى يەنە بۇرۇنقىدەك بولامدۇ؟ خىتاي يەنە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە دۆلەت بولالامدۇ؟ غەرب دۇنياسى خىتاي بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن؟ دېگەندەك سوئاللار مۇھاكىمە قىلىنماقتا.

27-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكادا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا خىتاي مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە يېقىنلاشماقتا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قارىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ئەگەر تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىككە كېلەلەيدىغانلىقى، ئەمما تەيۋەنگە ئەسكەر چىقىرىش ياكى قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، غەرب ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ بۇنى قوللاش نىسبىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا گەرچە ئورتاق مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە غەرب دۆلەتلىرى بولسىمۇ، دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى ئىختىلاپلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن. خىتاي دەل بۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەرگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا چەكلىمىسى قويۇشى، خەلقئارا سودىدا ئادىل بولماسلىقى ۋە بەزى دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي تەھدىت سېلىشى، تەيۋەنگە ھەربىي بېسىم قىلىشى قاتارلىقلار ياۋروپانى خىتاي سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا مەجبۇرلىغان ئامىللار ئىكەن. شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشى خىتاينىڭ يەنىلا شۇ يولنى داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ، «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە خىتاينىڭ جوڭيۈەن دېڭىز ترانسپورت شىركىتىگە ھامبۇرگ پورتىنىڭ 25 پىرسەنت پېيىنى سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىقتىساد، تىجارەت ئىشلىرىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسىمۇ، سىياسىي مەسىلە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش جەھەتتە خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالايدىكەن.

گېرمانىيە مارشال فوندى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 14 دۆلەتتىكى خەلقنىڭ پىكىرىنى ئېلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ خىتاينى بارغانسېرى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ ھەر دائىم «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بارغانلىقى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

ئەمما خەلقئارا مۇناسىۋەت ھەر دائىم دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا بىلەن تامامەن بىردەك ئويلاپ، بىردەك ھەرىكەت قىلىدۇ دېگىلى بولمايدىكەن. گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئەل رايى دوكلاتى ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا مۇرەككەپ ۋە مۈجمەل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، 30 پىرسەنت ياۋروپالىق تېخى خىتاينىڭ دوست-شېرك، رىقابەتچى ياكى رەقىب ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.

ئوكسفورد ئومنىيا خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى ئېلىنا بېرنىنى (Elena Bernini) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە، يەنى خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە يىغىنىدىن چىقىرىۋېتىلىش ۋەقەسىدىن قارىغاندا شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتورلۇقى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مەنچە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتىمىز دەپ يۈرمەسلكى كېرەك، بولمىسا خىتاي تېخىمۇ زوراۋانلىشىدۇ. گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ دوكلاتىدىنلا ئەمەس، باشقا كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندىمۇ ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، بۇ خىل مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلەنمەكتە. ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسىي ئۆكتەملىكى، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى قوللىماقتا».

ئېلىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشنى ئالدى بىلەن ئىقتىساد ۋە سودىدىن باشلىشى، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە بىردەك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرىدا بىرلىككە كەلسە، يەنى ياۋروپامۇ ئامېرىكانىڭ يولىدا مېڭىپ، خىتايدىن ئايرىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويسا بولىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولۇشنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن مەجبۇرىي ئەمگەك شارائىتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەييار مال ياكى خام ئەشيانى كىرگۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوچۇق ئېيتقاندا، شىنجاڭنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەركىزى دېيىشكىمۇ بولىدۇ».

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كېتىشنى خالىمىغان، ئەمما كېيىنكى سىياسىي تەرەققىياتلار ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۇ دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرغان. بولۇپمۇ، شى جىنپىڭ قايتا چىقىپ، تەيۋەننى ئىگىلەش نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، غەرب ئەللىرى خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ھالبۇكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئەل رايىنى سىناش دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكادىكى 8 پىرسەنت ئادەم تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەشنى، 7 پىرسەنت ئادەم ئەسكەر ئەۋەتىشنى قوللايدىكەن؛ ئەمما ياۋروپادا بۇ نىسبەت 3 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. گېرمانىيەدە 43 پىرسەنت، فىرانسىيەدە 39 پىرسەنت، ئىتالىيەدە 34 پىرسەنت ئادەم خىتاينى پەقەت سودا رىقابەتچىسى دەپ قارايدىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، غەرب ئەللىرىگە «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسى قوللىنىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا ئاجىزلىغان ۋە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان پەيت كەلگەندە تەيۋەننى ئېلىشقا ئۇرۇنىدىكەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا بويلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئېنېرگىيە كرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھازىرچە جىددىي مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خىتاينىڭ سىياسىتى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتلەرگە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىدىن قانچە نەپرەتلەنسە، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ».