شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ «جۇڭخۇا مىللىتى» بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئىشقا ئاشامدۇ؟
2024.02.07
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا چىقىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «ئىزدىنىش» تا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىشقا ئاشىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر، شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىماقتا، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس خىتايلاشتۇرۇپ، خىتايدىن ئىبارەت پەقەت بىرلا تەك ئۇلۇس مىللىتى يارىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بېشارىتى، دەپ ھېسابلىماقتا.
شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق بۇ ماقالىسى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئىزدىنىش» تە ئېلان قىلىنغان.
شى جىنپىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش، مىللىي رايونلاردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ خىتايچە توغرا يولى قىلىش كېرەك».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) شى جىنپىڭ ئارزۇ قىلغان ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» توغرىلىق ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى. ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايدىكى باشقا بارلىق مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، خىتايدىن ئىبارەت تەك ئۇلۇس مىللىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«مېنىڭچە، بۇنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بۇنىڭ بىرى، بۇ ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىما بېرىش ئۇسۇلى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. يەنى خىتاي مىللىتى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا بەرپا قىلىنغان بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بىر پۈتۈن ئىدېئولوگىيە. جۇڭخۇا مىللىتى (خىتاي مىللىتى) بەرپا قىلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت سىياسىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى بولۇپ كەلگەن. بۇ ئېنىقكى، دۆلەتنىڭ ئۇلۇس مىللىتى بەرپا قىلىش جەريانىدۇر. بۇنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاشنىڭ ئىككىنچى بىر ئۇسۇلىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ پۈتۈن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش جەرياننىڭ بىر قىسمى. بۇ بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار بۇرۇن، يەنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئوتتۇرىغا چىققان. خىتايچىلاشتۇرۇش جەريانى خىتاي مىللىتىنى مۇتلەق ئۈستۈن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. مانا بۇ ئىككىنچى تۈرلۈك ئىزاھلاش ئۇسۇلىدۇر.»
خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر يولغا قويۇلغان بىر قانچە يىلدىن بۇيان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق پەرقلىق ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان سىياسەتلەرنى پائال قانات يايدۇرغانلىقى مەلۇم. خىتاي بۇ سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە ئىگە قىلىش» نىڭ ئاساسى، دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن.
شى جىنپىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەھلىل قىلغاندا، غەربنىڭ بىر يۈرۈش مىللەت نەزەرىيەسىنى تەقلىد قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. جەزمەن مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا قويۇش، ئۇنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە نەزەرىيە لوگىكىسىغا ئەمەل قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە ۋە پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.»
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) شى جىنپىڭ يۇقىرىقى تەشەببۇسلىرىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ پىكىرلەرنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ دېگىنى بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك. چۈنكى ئۇ غەربتە مەيدانغا كەلگەن ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى قوبۇل قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ غەربنىڭ مىللەت نەزەرىيەسىنى رەت قىلماقتا. شۇڭا ئۇنىڭ رەت قىلىۋاتقىنى غەربنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ئىچىدىكى كۆپ خىللىقتۇر. ئامېرىكادا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە مىللەتلەر بىر يەرگە كېلىپ ئورتاق ئامېرىكا خەلقىنى شەكىللەندۈرگەن. شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك ياكى ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ-يۇ، ئەمما ئامېرىكالىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى رەت قىلىدۇ. بۇ پەقەتلا ئامېرىكانىڭلا كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى ئەمەس، بەلكى بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدۇر. بۇنىڭغا 1928-يىلى خىتايمۇ ھەم رۇسىيەمۇ ئىمزا قويغان. بۇ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە ئەركىن سايلام، سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىقلار مەزمۇنلار بار. لېكىن ھازىر شى جىنپىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ماركسىزمغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، خىتاي تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زومىگەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.»
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ (胡平) ئەپەندى، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يېڭى مىللەت نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
«بۇ تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ماركسىزملىق ئەنئەنىۋى سىياسەت ۋە مىللەت نەزەرىيەسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا مىللىي سىياسەت تۇرغۇزۇش نەزەرىيىسى بولۇپ، بۇنى ستالىن ئۆز دەۋرىدە تولۇقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دەل مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەدۇر. بىزگە مەلۇمكى، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ سىياسەتنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئۇنى توختاتقان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىلگىرى يولغا قويغان بۇ مىللىي سىياسەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا ئۇلاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى پەيدا قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك يولىغا باشلىغان. شۇڭا خىتاي بۇ مىللىي سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلاشماقتا. ئۇلار ئون نەچچە يىل ئىلگىرى «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى› دەپ ئاتالغان يېڭى بىر سىياسەتنى يولغا قويغان ئىدى. بۇنىڭ مەقسىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. خىتاي دائىرىلىرى يېڭى نەزەرىيە سىستېمىسىغا موھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىتايغا خاس بولغان مىللەت نەزەرىيەسىنى ‹ئىجاد› قىلىپ ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.»
شى جىنپىڭ مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىشقا ئاشىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسىدۇر.»
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» تەشەببۇسىنى، خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايدىن ئىبارەت تەك ئۇلۇس مىللىتى يارىتىش ئۇرۇنۇشى، دەپ كۆرسەتتى.