مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى
2023.02.17
2009-يىل يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خىتاينىڭ 60 يىلدىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئەمدى بۇ سىياسەتنى يۇقىرى دولقۇنغا چىقىرىشنىڭ كونكرېت قەدەملىرىنى باسقان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى يېقىندا چىقارغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىلغار، نەمۇنىچى رايونلارنى قۇرۇش پىلانى» توغرۇلۇق ھۆججەت تارقاتقان. مەزكۇر پىلاندا «شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن دىققەتنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈش؛ سىياسىي ئورتاق گەۋدە، ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە، مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە جەمئىيەت ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق تۆت تەرەپتىن پىلان تۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئىلغار، نەمۇنىلىك رايونلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش» ۋەزىپىسى بېكىتىلگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانىدا، ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) نىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئاساسى، مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە نەمۇنىچى رايون قۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) نى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش رايونى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش رايونى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش رايونى» دېگەن ئۈچ رايونغا بۆلگەن ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 40 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە، 3 چوڭ قۇرۇلۇش ۋە 2 تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانىنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى» نىڭ «ئالىي نۇسخىسى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، 2025-يىلغىچە 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) نى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مەملىكەت بويىچە نەمۇنىچى رايون» غا ئايلاندۇرۇش، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ناھىيە (بازار، شەھەر) نى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئاپتونوم رايون بويىچە نەمۇنىچى رايون» غا ئايلاندۇرۇش، 1000 دىن ئارتۇق ئىدارە-ئورگاننى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە نەمۇنىچى ئورۇن» غا ئايلاندۇرۇش نىشانى بېكىتىلگەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدىكى بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دېگەنلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئۆزگەرتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش؛ شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا بولغان تەۋەلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىش. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى».
يۇقىرىقى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانى ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە باشتىن ئاياغ سىڭدۈرۈش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ھەمدە بۇ پىلاننى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن «رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، خىزمەت باھالاشتا ئۆلچەم قىلىش، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا كۈچلۈك ئىلھام بېرىش ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» دېگەندەك 16 تۈرلۈك سىياسەت-ھۆججەتلەرنى چىقارغان ۋە تولۇقلىغان.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن نەرسىلىرىنىڭ ماھىيەتتە باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش جەريانى. نېمىشقا خىتايلاشتۇرىدۇ؟ چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى شۇنى بىلىدۇكى، ئوخشاش مىللەت، ئوخشاش ئىدىيەدىكى پۇقرالارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئاسان. ھەممىسى ئوخشاش بولغاندا، دۆلەت ماشىنىسىنىڭ بىر ۋېنتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان دىن مەۋجۇت بولسا، ئوخشىمىغان ئىدىيە تۇغۇلىدۇ. بۇنى خىتايدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەت قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار ياكى باشقا مىللەتلەر خىتايلاشسا خىتايغا پايدىلىق. شۇڭا دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، خىتايلاشتۇرۇشلا راست».
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى چىقارغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يىل1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش» نى ئاساس قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىي قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتىكى ۋەزىپىلەر سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، يەنى خىتاي مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قەلبلەرنى «ئانارنىڭ ئۇرۇقىدەك» بىرلەشتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى خىتاي تىلىغا ئالماشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇۋېتىش، ئۇلارنىڭ دىنلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇش نىشانى بەلگىلەنگەن.
ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى ھازىرقىدەك بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش خەتىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئاغدۇرۇلمىغۇچە، خىتايدىكى مىللەتچىلىك يوقالمىغۇچە ئۇيغۇرلار ياخشى كۈن كۆرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يوق. بۇ، ئۇيغۇرلار ۋە شۇ رايوندا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم ئېنىق تونۇشى كېرەك بولغان، قىلچە شەك-شۈبھىسى بولمىغان بىر رېئاللىقتۇر».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭى» دېگەن يېڭى قالپاق، يېڭى نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سۇيىقەستىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، خەلقئارادا قارشىلىق قوزغاش، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.