خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى مىللىي مائارىپتىن ئايرىۋېتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش تاكتىكىسى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار تاشقىي دۇنياغا تېخى يېقىنقى يىللاردا ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «قوش تىل» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى 1950-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ سىياسەت 1994-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ داۋام قىلغان. چۈنكى 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە 1989-يىلىدىكى «تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ باشلامچى ۋە قاتناشچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى خىتاينى چەكسىز ئەندىشىگە سالغانىدى. گەرچە 1978-يىلىدىكى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدە، دېڭ شياۋپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا پەقەت شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىلا قوللاش بىلەن ئۇيغۇرلارنى ۋاستىلىق ھالدا نامراتلىق ۋە قالاقلىققا مەھكۇم قىلىۋېتىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە لاۋۇلدىغان ھۆرلۈك ئاتەشلىرىنى ئۆچۈرەلمىدى. تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىك كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىمۇ ماس قەدەمدە كۈچىيىپ ماڭدى.

1992-يىلى دېڭ شاۋپىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونى (خىتايلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دېڭىز ئەتراپىدىكى شاڭخەي، شېنجېن، گۇاڭجۇ، جۇخەي قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن جايلار) كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاساس بولغان مەشھۇر بىر نوتۇقىنى ئېلان قىلغان. بۇ نوتۇق خىتاي تارىخىدا «دېڭ شاۋپىڭنىڭ جەنۇب سەپىرىدىكى نوتۇقى» دەپ ئاتىلىپ، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك دۇنياۋىي قۇدرەت تېپىشىنىڭ يول خەرىتىسى دەپ قارالغان. دېڭ شياۋپىڭ مەزكۇر نوتۇقىدا، خىتاي نوپۇسىدىن تەشكىل تاپقان دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇلار تەرەققىي تاپقاندىن كېيىن، نامرات قالغان شىمالىي رايونلار (ئۇيغۇر رايونى، موڭغۇل رايونى، تىبەت رايونى، تۇڭگان رايونى، جۇاڭزۇ رايونى) نىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇنداقلا، ئالدىن تەرەققىي تاپقان خىتاي رايونلىرىنىڭ نامرات رايونلارغا ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە ئاتالمىش «ئورتاق تەرەققىيات» ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە نامراتلىقنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەسلىكى، بەلكى سوتسىيالىزمنىڭ نامراتلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇب سەپىرىدە تىلغا ئالغان «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، سوتسىيالىزم نامراتلىقنى يوقىتىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىدىن كېيىنكى، 1994-يىلى خىتاي مەركىزىي كومىتېتى پۈتكۈل خىتايدا نامراتلارنى يوقىتىش نىشان قىلىنغان ئاتالمىش «8•7 نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى» نى داغدۇغىلىق باشلىدى. مەزكۇر پىلاننىڭ تۇنجى جۈملىسى دەل دېڭ شياۋپىڭنىڭ «سوتسىيالىزىم نامراتلىقنى يوقىتىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن باشلانغان. بۇ پىلان بويىچە خىتايدىكى 80 مىليۇن نامرات خەلقنى 2000-يىلىدىن بۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان قىلىنغانىدى.

نۇرغۇن ئۇيغۇرلار 1994-يىلىدىن باشلاپ يولغان قويۇلغان «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» ھەققىدىكى پىلاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «مىليۇن كىشىنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» نامىدا باشلانغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 1986-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بولغان 7 يىل جەريانىدا نامراتلارنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر نامراتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. گەرچە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى، ئاتالمىش بىڭتۇەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋاستىسى بىلەن كېلىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىققا باشقىچە ئېنىقلىما بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن كېلىپ چىققان پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتماسلىق، نامراتلاشقانچە كۆپ بالىلىق بولۇش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىكى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەرگە ئارتقان بولۇپ، نامراتلىقنى يوقىتىشتا ئۇيغۇر نوپۇسىنى تىزگىنلەش بىلەن بىرگە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، نامراتلىقنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت پرىنسىپى قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇيغۇر رايونىدىكى «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى» ئەمەلىيەتتە «ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانى» سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا قوللانغان ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

«قوش تىل» نامىدا خىتايلاشتۇرۇش

خىتاي تارىخىدىكى قاباھەتلىك «ئون يىللىق مالىمانچىلىق» تىن كېيىن ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» ئۇيغۇر دىيارىدا قايتا باش كۆتۈرگەن.

1992-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون دانە خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرىۋېتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بىر قىسىم دەرسلىكلىرىنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈشنى سىناق قىلىش باشلانغان. 1996-يىلىغا كەلگەندە دەسلەپكى ئون دانە تەجرىبە سىنىپىنىڭ سانى 26 گە يەتكەن. 1999-يىلى يانۋاردا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى قوش تىللاشتۇرۇش لايىھەسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانى ئومۇمىييۈزلۈك ئازىيىشقا باشلاپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي مائارىپىدا تەربىيەلىنىشى يوقۇرى نىسبەتنى ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش ياكى مەجبۇرىي يوسۇندىكى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش سەۋىيەسىنى ھازىرلاش دولقۇنى ئەۋج ئالغان. 2004-يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى قارار» ى ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا، ئاتالمىش «يەسلى يېشىدىكى بالىلارنى قوش تىلدا تەربىيىلەش ھەققىدە تەكلىپ» ئېلان قىلىنغان. خىتايدىكى داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس ما روڭنىڭ «ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىل مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى» ناملىق دوكلاتىدا مۇنداق يازغان: «مەلۇم بىر ئىسىتاتىستىكىدا 2004-يىلى پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىدىكى 943 مەكتەپتە ‹قوش تىل تەجرىبە سىنىپى› ئېچىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 35 مىڭ 948 نەپەر بولۇپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى بولسا 1847 نەپەر بولغان. 2005-يىلىغا كەلگەندە بولسا، پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندا قوش تىل دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 8487 گە يەتكەن. ئەگەر بۇ ئىككى يىلدىكى سانلىق مەلۇمات توغرا بولغىنىدا، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىدا ھەقىقەتەن چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش يۈز بېرىپتۇ دەپ قارىساق بولىدۇ. يەنە بىر ھۆكۈمەت قارارىدا يەنى 2005-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان جەمىي 85524 نەپەر خىزمەت ئۈستىدىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا كۈچەيتىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىدىكى قوش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانىدىن زور نىسبەتتە ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ سانلار بەلكىم قوش تىل دەرسى بېرىدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى يوقۇرىقى سانلىق مەلۇماتلار قانداق چۈشىنىلسۇن، بىر نەرسە ئېنىقكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى قوش تىل مائارىپىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئىلگىرلەش بەك تېز بولغان».

ياتاقلىق مەكتەپ ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2008-يىلى ئېلان قىلغان «ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىدىكى تەرەققىياتلار» ناملىق دوكلاتىدا، 1980-يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان 14 مىليۇن 480 مىڭ يۈەننىڭ 11 مىليۇن 740 مىڭ يۈەنىنى يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (ئاساسلىقى يېزا-چارۋىچىلىق رايونلىرىدا) ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ سانى 374 كە، ئوقۇغۇچىلار سانى 268 مىڭ 200 گە، ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سانى 539 گە، ئوقۇغۇچى سانى 436 مىڭغا، ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سانى 245 كە، ئوقۇغۇچىلار سانى 197 مىڭ 600 گە يەتكەنلىكى يېزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 30 پىرسەنتى خىزمەت تاپالمىغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولغان. مەسىلەن، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش نىسبىتى ئارانلا 16 پىرسەنت، يەركەن ناھىيەسىدە بولسا 57. 2 پىرسەنت بولغان.

«شىنجاڭ سىنىپى» ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش

1999-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى ئىچىدە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» قۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىدا ياكى ئۆز يۇرتىدىن باشقا جايلاردا پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا تەربىيىلەش باشلانغان. 2010-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق «مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى 12 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنى بۆلۈشىۋالغان خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەر ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» قۇرۇش ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساس قىلغان رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. گەرچە 1999-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» غا ھەر يىلى 800 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بېكىتىلگەن بولسىمۇ، 2010-يىلىغا كەلگەندە ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 مىڭغا، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن شىمالىي ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» غا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتكەن.

خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش

2003-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «غەربىي دىيار پىلانى» نى يولغا قويۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا، تېخنىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ياكى خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا پىدائىيلىققا قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. «پىدائىي» نامىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە 1-3 يىلغىچە پىدائىيلىق خىزمىتى قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پىلاننىڭ سىياسىي تەلىپى بويىچە، بۇ ئوقۇغۇچلارنى ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ قېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمەت ۋە قولاي ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئۆي، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەملەرنى بېرىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. بۇ پىلان يولغا قويۇلۇپ تاكى 2018-يىلىغىچە بولغان 15 يىل جەريانىدا، ئۇيغۇر دىيارىغا «پىدائىي» بولۇپ بارغان خىتاي ياشلىرىنىڭ سانى 270 مىڭغا يەتكەن. بۇ خىتاي ياشلىرى ئاساسلىقى مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ «قوش تىل سىنىپلىرى» ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە بۇ ياشلار ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر بالىلىرىغا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىش، خىتاي كىملىكىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە رول ئوينىغان.

دېمەك، ئاتالمىش نامراتلىقنى يوقىتىش پىلانى نامىدا باشلانغان «ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى» ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان مەكتەپلەرنى يوقىتىش، ئۇيغۇر پەرزەتنلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيەلەش، ياتاقلىق مەكتەپ، يەسلىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئومۇمىييۈزلۈك مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارغان. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنىنى ۋەيران قىلغان بولسا، ئۇيغۇر مائارىپىغا سوزۇلغان قارا قولى بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىپ تاشلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.