بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئالىي يىغىنىدا شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سىتېفان لۇپۋەن خىتايدىكى كىلىمات بۇلغىنىشىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.
بۇ خەۋەرگە شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرى ئورۇن بېرىپ، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى بۇرۇندىن تارتىپ خىتاينى ئاياپ كەلگەن ئىدى، بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن ئەيىبلىدى؟ راستىنىلا خىتايدا كىلىمات بۇلغىنىشى بارمۇ؟ دەپ يازغان. بۇ خەۋەرنى ب ب س مۇ ئېلان قىلغان. شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر پارىژدا كىلىمات يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى كىلىمات بۇلغىنىشىنىڭ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ۋە ئوخشاشلا ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى توغرىسىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ سۇنۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، شىۋېتسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما شىۋېتسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتنى دەپ كىلىمات بۇلغىنىشقا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 147 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قاتنىشىۋاتقان كىلىمات يىغىنى 30-نويابىر كۈنىدىن 11-دېكابىر كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00