خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۇرۇشى: ئالۋۇن بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.10.18
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەم ئىنكار قىلالمايدۇ ھەم يوشۇرالمايدۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

ئۆتكەن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئەڭ تىپىك شەكىلدە مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار تۈرلۈك باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى مەلۇماتلار بولۇپ كەلدى. ئەمما 2022-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئۇچۇر ئۇرۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا نامايان قىلىۋاتقىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «بەختىيارلىق ۋە ئىناقلىققا تولغان ئىجتىمائىي مۇھىتى» ھەققىدىكى تەسۋىرلەر بولدى. شۇلار قاتارىدا بۇ خىل ساختا ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ بىر يېڭى تەسۋىرى 17 مەملىكەتتىن كەلگەن 22 مۇخبىرنىڭ 2023-يىلى 21-سېنتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «نەق مەيدان زىيارىتى» ھەمدە بۇ جەرياندا توپلىغان «نەق مەيدان تەسىراتى» بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە بۇ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ بازارلارنى ئايلانغانلىقى ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى. بولۇپمۇ خىتاي باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «زىيارەتكە كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر ساھەسىدىكى رەڭدارلىقتىن ھەيران قالدى» دېگەندەك بايانلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئۆڭىدە مۇقىملىشىپ قالغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئاساسىي بايانلارغا پۈتۈنلەي زىت بىر مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ساياھەتچىلەر ئۇسسۇل كۆرۈۋاتىدۇ، قەشقەر، 2019-يىلى 18-ئاۋغۇست
قەشقەر قەدىمىي شەھرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ساياھەتچىلەر ئۇسسۇل كۆرۈۋاتىدۇ، قەشقەر، 2019-يىلى 18-ئاۋغۇست
www.gov.cn

بولۇپمۇ ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى تەركىبىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى، گېرمانىيەدىكى «بېرلىن گېزىتى» نىڭ تەھرىرى سايمون ماكس زېيس (Simon Max Zeise) نىڭ «بېرلىندا ياشلارنىڭ كوچىدا ياشايدىغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ يول بويىدا يېتىپ-قوپىدىغانلىقى ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمما مەن ئۈرۈمچى، قەشقەر ياكى غۇلجا شەھەرلىرىدە بۇنداق ياشلارنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەنلىكى، كانادا «كۈندىلىك رىقابەت گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى دونوۋان مارتېن (Donovan Martén) نىڭ «شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك تولۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋېتىپتۇ. بۇنى ئىنكار قىلغانلار پۈتۈنلەي جاھىللاردۇر» دېگەنلىكى، توققۇز كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا مالايسىيا، ئىران، قازاقىستان، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى باھالارنى بەرگەنلىكى خىتاي كونتروللۇقىدىكى «خەلق گېزىتى» نىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا تولۇق يەر ئالدى. بولۇپمۇ مالايسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ «ھەربىي قوراللار ۋە پىچاقلارنى ۋاسىتە قىلغان زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قانچىلىك بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، بۇ خىل قىلمىشلارنى چەكلەش يولىدا ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ ئەھمىيىتى» دىن قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا «ئاشقۇنلۇقنى چەكلەش چارىلىرى» نىڭ ۋە لاگېرلاردا «قايتا تەربىيەلەش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دېگەن بايانلىرى بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ مىسال بولدى. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتۇر ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) بۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ دۆلەت ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان بىر زور قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدا قولغا كەلگەن «نەتىجە» لەرنى دەسمىي قىلىپ سېلىنغان مەبلەغگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاز، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «خىتاي ھازىر تەشۋىقات ئىشلىرىغا مىلياردلاپ دوللار خەجلەۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ھېسابسىز پۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ‹دوستانە› بولغان، شۇنداقلا خىتايغا قارىتا ئىجابىي قاراشتا بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىن مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ‹سۈپەتلىك دوكلات› لارنى تەييارلاپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن تەشۋىقاتچىلىق ساياھىتى، خالاس. بۇ خىلدىكى ئېكسكۇرسىيەلەرنىڭ ئاخىرى ھەر دائىم ئاشۇ ئۆمەكلەر تەركىبىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن دەپ قويغان مۇنداقلا بىر گەپلەرنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن تۈگەللىنىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئەسلىدە مۇستەقىل خەۋەر يېزىشقا تېگىشلىك بولغان بۇ مۇخبىرلار قوشۇنى ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاينىڭ كانىيى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا دەل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى تۈپەيلىدىن بۇ رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى مەلۇم دەرىجىدە يېپىلىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل تەشۋىقاتلار ھازىر بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ سەرپ قىلغانلىرىغا نىسبەتلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، بۇنىڭدا قولغا كەلگەن ‹ئۇتۇق› ھەرقاچان ‹چىقىم› دىن راۋرۇس ئاز بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، پۈتكۈل شىنجاڭنى ھازىر باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرگە كۆرسىتىشنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق تاماملانغان بولغاچقا بۇ جايدا بارلىققا كېلىۋاتقانلىرى پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاساسىدىكى زىيارەت بولۇۋاتىدۇ. »

ھالبۇكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە خىتاي ئويناپ چىققان بۇ قېتىملىق ئويۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىدىكى ئۆز تەسۋىرىنى ئىجابىي شەكىلگە ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ قۇرۇلۇشقا ھەر يىلى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەۋاتقانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «دۇنياۋى ئىشتىراك مەركىزى» تەييارلاپ چىققان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتنىڭ نەق مۇشۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانچىلىك دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالدى.

 «خىتاي ھازىر دۇنيا ئۇچۇر مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە قانداق ئۇرۇنۇۋاتىدۇ؟ » سەرلەۋھىلىك بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشى، رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش، خىتاي تىللىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق سەككىز چوڭ تېما بويىچە مەخسۇس بايانلار بېرىلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ يالغۇز خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي بايانلارنى كۆپەيتىشنىلا مەقسەت قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنياۋى مىقياستا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن قانداق زور خەتەرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى جانلىق شەرھلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۇنيا ئۇچۇر مۇھىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ جايدا يالغان ۋە بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارنى دېڭىزدەك قويۇپ بېرىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى خىتاي ھەققىدە خاتا قارار ئېلىشقا، شۇنىڭدەك ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ يېتىلەپ مېڭىشىغا رازى بولۇشقا يول ئاچقان. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا فېيسبوك، X (بۇرۇنقى تىۋېتتېر) ، يۇتۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇپىلاردا ئۇيغۇر دىيارى، تەيۋەن بوغۇزى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان ئۇچۇرلارنى ۋە يالغان ھېساباتلارنى تۆكمە قىلىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە ۋە قاتلامغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات جېڭى ئارقىلىق ئۇچۇر مۇھىتىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدىكى پىكىرىنى سورىغىنىمىزدا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىكى شۈ (Vicky Xu) ئۆزىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى خىزمەت تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇنىڭ ئىككىلەمچى دەپسەندىچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەن بۇ خىلدىكى «ئېكسكۇرسىيەچىلەر» ئۆز دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئۆزلىرى كۆرگەن كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىمۇ مۇشۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا قىزىقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك 2017-يىلى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ساياھەت گۇرۇپپىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ‹سىياسىي قانۇن كومىتېتى› نىڭ، ‹مۇقىملىقنى ساقلاش ئىشخانىسى› نىڭ، شۇنداقلا ‹بىرلەشمە قوماندانلىق سۇپىسى› نىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. 2018-يىلى بولسا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خادىملىرى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. 2019-يىلى بولسا خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرى› نى ئۆگەندى. ئاندىن كېيىن نېمە بولدى؟ بىز شۇنى بىر-بىرلەپ كۆردۇقكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا بولغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى باشقا ئۆلكە ۋە رايونلارغا تەتبىقلاندى. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، بۇ خىل مېخانىزم دەل مۇشۇ خىل ساياھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئارقىلىق باشقا جايلارغا تونۇشتۇرۇلىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ ساياھەتچىلەر بارغان جايلاردىكى ئاھالىلەر كومىتېتى بۇ خىل ئۆمەك تەركىبىدىكى ھەر بىر شەخسنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى يېقىندىن كۆزەت قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ساياھەت گۇرۇپپىلىرىدىكى بىرەر ئىنسان يەرلىك كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەشكە بەل باغلىغان ھالەتتىمۇ ھېچ نەرسە ئىگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ خىل بىيۇروكرات قۇرۇلما ياكى ئىدارە قىلىش تاكتىكىلىرى دەل مۇشۇ خىل زىيارەتچىلەر ئارقىلىق باشقا جايلارغا تارقىلىدۇ. ئەگەر تاشقى دۇنيا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاپەتلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشنى توغرا تاپسا شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىكى دەپسەندىچىلىك بەكمۇ ئېغىر. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ ئىلاج يوق. »

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ «ئۇچۇر ئۇرۇشى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى دەل ئۇيغۇر دىيارى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ ئىشەنگەن قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن سەلبىي مەزمۇنلۇق ئۇچۇرلارنىڭ مەلۇم بولۇشى، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىشى بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۇنياۋى كۈچ» دېگەندەك دۇنياۋى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن چەتئەللىك «ساياھەتچى» ياكى «مۇخبىر» نامىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئۆزلىرى ھەققىدىكى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە بۇنىڭغا غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقان. ئەنە شۇ قاتاردا 22 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «بەختىيار ۋە ئىناق جەمئىيەت» ھەققىدىكى باياناتلىرى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى باشقىلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي بايانلارنى ئىنكار قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى ساختا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى ئارقىلىق تور دۇنياسىغا يېيىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قوشۇندىكى «ئىشچىلار» سانىنىڭ كۆپلۈكى ھەر ساھەنى چۆچۈتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.