«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن باشقا ھۆججەتلەرنىڭمۇ ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ساقچىخانىلىرىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن « ناھايىتى مەخپىي» دەپ بەلگە قويۇلغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ھەم باشقا خەلقلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغالدى شۇنداقلا بۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 31- ماي كۈنى كەچتە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» توغرىسىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» توغرىسىدا پىكىر – ئانالىز يۈرگۈزدى. بۇ تور سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم سۆز باشلاپ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم ئەشەددىي جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بىز ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئۆز تۇپرىقىمىزدا سۆيۈملۈك خەلقىمىز قانداق قىرغىن قىلىندى، قانداق دەرد- ئەلەمگە تولدى ۋە پۇچىلاندى بۇلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەن بولدۇق. پۈتۈن دۇنيادىكى مېدىيا- ئاخباراتلاردا، ئاساسلىق چوڭ- چوڭ گېزىت - ژۇرناللاردا 20 – ئەسىردىكى بۇ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى بولغان خىتاي ساقچى ھۆججەتلىرى خەۋەر قىلىندى ۋە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى چۈشىنىشى ۋە تونۇپ يېتىشى كېرەك دەپ ئويلايمىز».

تور سۆھبەت يىغىنىدا رىياسەتچىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى - ئابدۇۋەلى ئايۇپ، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئالدى بىلەن ئىككى ھۆججەت ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بىرى قەشقەر – كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئونمىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قاچان؟ قەيەردە نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ۋە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى؟ قانچىلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ قەيەردە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت ئىكەن. يەنە بىر ھۆججەت بولسا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ 18 مىڭ كىشىنىڭ ئىسىم – تىزىملىكى يېزىلغان ھۆججەت ئىكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، كوناشەھەر ناھىيەسىدە 2017 – يىلى 5 – ئايدىن كېيىن تۇتۇلغانلارنىڭ سانى بىلەن يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دېگەن نامدىكى ھۆججەتلەردە 2018 – يىلى تۇتۇلغان 23 مىڭ كىشىنىڭ سانىنى قوشقاندا، ئىككى قېتىم ئېلان قىلىنغان خىتاي ساقچى ھۆججەتلىرىدە، قەشقەر – كوناشەھەر ناھىيەسىدىن جەمئىي 30مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىق مەلۇماتنىڭ بارلىقىنى، قەشقەر – كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ نوپۇسىنىڭ 260 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، يەنى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 12پىرسەنتىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ساننى تولۇق دېيىشكە بالدۇر كېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى 2019 _ 2020- ۋە 2021 _ يىللىرى تۇتۇلغانلار بۇ ساننىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي دائىرىلىرى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2021 – يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە زۇليار ياسىن ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ 2021 – يىلى 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ساقچى ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلقئارادا ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:« دەسلەپتە كوناشەھەر تىزىملىكى ۋە بىزنىڭ ۋەتەنگە ئائىت 18 مىڭ كىشىلىك تىزىملىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى، كېيىن بۇ ساقچىلارنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، بىزنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا پاكىتلىق تەسۋىرلەپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ھۆججەتلەرنى ھەر قانداق ئورۇندا دەلىل – پاكىت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ».

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە يەنە بۇ ھۆججەت ۋە ئارخىپلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى بىر - بىرلەپ ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىش ئۈچۈن تۈرلەر بويىچە تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ تەييارلاش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلاردىن خالىسانە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.