كۆزەتكۈچىلەر: «خوڭكوڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدەك ئىدارە قىلىنىشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.01.10
كۆزەتكۈچىلەر: «خوڭكوڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدەك ئىدارە قىلىنىشى مۇمكىن» شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي باستۇرۇشلارغا باشلامچىلىق قىلغان گېنېرال مايور پېڭ جىڭتاڭنىڭ خوڭكوڭدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى گارنىزونىغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتتى.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى قامالىنى كۈچەيتىشى ۋە ئۇ يەردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشى خەلقئارادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى ئارىسىدا زور ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي باستۇرۇشلارغا باشلامچىلىق قىلغان گېنېرال مايور پېڭ جىڭتاڭنىڭ خوڭكوڭدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى گارنىزونىغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتىلىشى زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان پېڭ جىڭتاڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ شىتاب باشلىقى بولغان بولۇپ، ئۇ رايوندا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشتە ئالدىنقى سەپتە تۇرغان «تاغ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى» ناملىق ئالاھىدە قىسىمنى تەشكىللەپ چىققان.

مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇندىن 3 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ ئەترەت 2018-يىلى ئاتقان ئوقنىڭ سانى شىنجاڭدىكى باشقا بارلىق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭكىدىن 3 ھەسسە كۆپ، بىزنىڭ ھەر بىر پاي ئوق جەڭ مەيدانىغا قارىتىلغان» دېگەنىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قىلغان زوراۋانلىقلىرىدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆز ئاچىدىغان بىرىنىڭ خوڭكوڭغا كېلىشى خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن بىر زور بەختسىزلىك، دېدى. «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر بەختسىزلىك. پېڭ جىڭتاڭ يىللاردىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ يەردە ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شۇنچە قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماي خىتاينىڭ پېڭ جىڭتاڭنى خوڭكوڭغا يۆتكەپ كېلىشى خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن بەك يامان خەۋەر. پېڭ جىڭتاڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان ئەترەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ھەرقانداق قوراللىق قىسىملارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئوق ئاتقانلىقىدىن يەنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان قوراللىق زوراۋانلىقىدىن ماختىنىپ تۇرۇپ سۆز ئاچىدىكەن. مانا مۇشۇنداق بىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەركىن شەھەرگە يۆتكەپ كېلىنىشى شۇملۇقنىڭ بېشارىتى».

مەلۇم بولۇشىچە، پېڭ جىڭتاڭ يېتەكچىلىكىدىكى بۇ «تاغ بۈركۈتى» ئەترىتى ئۆتكەن يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «91 نەپەر تېررورچىنى ئۆلتۈرۈپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە زور رول ئوينىغان» دەپ تەقدىرلەنگەنىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى بولغان «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» ئەينى چاغدا بۇ «تاغ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى» قۇرۇلغاندا تارقاتقان خەۋىرىدە «‹تاغ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى› نىڭ بەرپا بولۇشى شىنجاڭنىڭ، ھەتتا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ. ئۇلار قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ» دەپ يازغان.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا ھازىر «تېررورلۇق» دېگەن سۆزنى بارغانسېرى كۆپ قوللىنىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدەك ئىدارە قىلىنىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق ئەمەسكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بۇنى ناھايىتى زور، كۆرۈنەرلىك ۋە شۇملۇقلارچە بىر تەرەققىيات، دەپ قارايمەن. ھازىرقى يۆنىلىشتىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تېررورلۇققا كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ئادەتتىكى تىنچلىقپەرۋەر ھەرىكەتلەرنى ۋە تەنقىدلەرنى تېررورلۇق دەپ سۈپەتلەۋاتىدۇ. تېررورلۇق سۆزىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى بىلەن تەڭ پېڭ جىڭتاڭنىڭ يۆتكەپ كېلىنىشى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس، بۇندىن كېيىن تېررورلۇق كەلىمەسى خوڭكوڭدا يەنىمۇ كۆپ قوللىنىلىشى مۇمكىن. مەنچە بۇ خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسىدە خۇددى ئۇيغۇر ئېلىدەك ۋە تىبەتتەك باشقۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى».

دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە داۋاملىق ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلقئارالىق سودا دېگەن ئىبارىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن خوڭكوڭنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان جايدا ۋەزىپە ئالغان خىتاي گېنېرال مايور پېڭ جىڭتاڭ بىلەن بىرلىكتە ياد ئېتىلىشى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى بۇنى كەڭ خەۋەر قىلدى. ئاندېرس كور ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ خوڭكوڭدەك چوڭ ئىقتىسادىي بازىنى مۇتلەق كونترول ئاستىغا ئالىمەن دېيىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش دېموكراتىيە، پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياشاۋاتقان خەلقنىڭ خىتايدىكى پۇقرالار ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمىدى. ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زور تەھدىت دەپ قاراپ ئۇنى مۇتلەق كونترول ئاستىغا ئالماقچى بولدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى خوڭكوڭدا ناھايىتى زور خاتالىق سادىر قىلىۋاتىدۇ. خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھازىر ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئۇسلۇب خاتالىقى سادىر قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەسلىدە بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇشـتەك نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈنمۇ پايدىسىز بىر ئەھۋال ئىدى. ئەمما خاتالىق ئۆتكۈزۈش شى جىنپىڭگە ئوخشاش دىكتاتورلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئاقىۋىتىدۇر. چۈنكى دىكتاتورلارنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي راست گەپ قىلالمايدىغانلار بىلەن ئورالغانلىقتىن، ئۇلار دائىم خاتا قارارلارنى بېرىپ مەغلۇپ بولۇشقا يۈز تۇتىدۇ».

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پېڭ جىڭتاڭ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن خىزمىتىدە گارنىزوننىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى تەتقىقاتچى مايا ۋاڭ بولسا بېسىم بولغان يەردە قارشىلىقنىڭ بولىدىغانلىقىنى، قارشىلىقلارنىڭ كېلەچەكتىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.