ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون 3 مىليون خوڭكوڭلۇقلارغا ئەنگلىيە پاسپورتى بېرىش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەم خوڭكوڭلۇقلارغا دائىر بىر يۈرۈش قانۇنلارنى ماقۇللىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ھەپتىدىن بېرى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇشى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون 3-ئىيۇن كۈنى تاراتقۇلارغا سۆز قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويسا، ئەنگلىيەنىڭ تاماشا كۆرۈپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، 3 مىليونغا يېقىن خوڭكوڭلۇقلارغا ئەنگلىيە پۇقرالىق پاسپورتىنى بېرىش ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 3-ئىيۇندىكى «باش مىنىستېر جونسون: ئەگەر خىتاي خوڭكوڭ ئۇسلۇبىدىكى ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› نى يولغا قويۇشقا كۈچىسە، ئەنگلىيە خوڭكوڭلۇقلارنى مىليونلىغان پاسپورت بىلەن تەمىنلەيدۇ» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2-ئىيۇن ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرى جونسون «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئەمما ھازىر نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭلۇقلار تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› نىڭ تەھدىتىگە يولۇقۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە» دېگەن.
جونسون يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «ئەگەر خىتاي داۋاملىق مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردە ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ۋىجدانى مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرۇشقا يول قويمايدۇ. بەلكى خوڭكوڭلۇقلارغا ياردەم قىلىش ئەنگلىيەنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەنگلىيە ئۇلارنى باشقا ئىمكانلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ھازىر 350 مىڭ خوڭكوڭلۇقلار ئەنگلىيە پاسپورتىغا ئىگە بولۇپ، يەنە 2 يېرىم مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەنگلىيە پاسپورتىغا ئېرىشىپ ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ياشاش ھەم خىزمەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئەگەر ئەنگلىيە پاسپورتىغا ئېرىشسە ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغان يۈزلىگەن خوڭكوڭلۇقلارغا ئوخشاش خەتەرلىك ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئەنگلىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇش مۇددىتىنى 6 ئايدىن 1 يىلغا ئۇزارتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىمۇ 3-ئىيۇن كۈنى قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ ئويلىنىشقا ۋاقتى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيەلىك تۈزۈمىگە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.»
خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ياش رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ جىفېڭنىڭ «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇبادا بۇ قانۇننى خوڭكوڭدا يولغا قويسا، خوڭكوڭدىكى قانچە مىڭلىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى بېيجىڭغا ئاپىرىلىپ سوراق قىلىنىدىكەن ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ خوڭكوڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىدىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنى ئەنگلىيە پۇخرالىقى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشى ئەركىنلىكى كۈنسېرى ئېغىر تەھدىتكە يولۇقۇۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن ھەمدە جانغا ئەسقاتىدىغان ئاقىلانە تەدبىر ھېسابلىنىدىكەن.
«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى بۇ ھەقتە 3-ئىيۇن ئېلان قىلغان «جونسون خوڭكوڭغا بىلەت تاشلاپ، كۆچمەنلەر نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ۋەدە بەردى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويۇشنى تەستىقلاپ بىر كۈندىن كېيىن ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پرىتى پاتېل بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەگەر خىتاينىڭ ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› خوڭكوڭدا ئەمەلىيلەشسە ئەنگلىيە خوڭكوڭ پۇقرالىرىغا ئەنگلىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىدۇ،» دېگەن. 7 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى شۇ كۈنى باش مىنىستېر جونسوننى دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى ئالىي ئاپتونومىيەلىك تۈزۈلمىسىگە خاتىمە بېرىدىغان دېكتاتورلۇق قورالى بولۇپ، بۇ قانۇن يولغا قويۇلسا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەنلەر غايىب بولۇپ خوڭكوڭنىڭ خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن پەرقى قالمايدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى خوڭكوڭنى ئەنگىلىيەدىن قايتۇرۇپ ئالغاندا 50 يىلغىچە خوڭكوڭنىڭ مەۋجۇت سىستېمىسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا دۇنياغا ۋەدە بەرگەن.
0:00 / 0:00