خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

16-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن چاقىلىق ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان قۇملۇق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر قۇملۇق تۆمۈريولى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، غەربتە خوتەن ۋىلايىتىدىن باشلىنىپ، شەرقتە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگە تۇتۇشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ تۆمۈريولنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، تەكلىمكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى 5 ناھىيە بىلەن بىڭتۇەن دېۋىزىيەلىرىنى تۆمۈريول ئارقىلىق باغلايدىكەن. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ تۆمۈريول چەمبىرى ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنى تولۇق ئايلىنىپ ماڭىدىغان پويىز ئايلانما لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى زادى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟

خىتاي نېمە ئۈچۈن «دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق كارىدورى» بەرپا قىلدى؟

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئارىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر كۈنسېرى ئەۋجىگە چىقىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار ۋە ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان ئىمبارگو، خىتاينىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان ئىزچىل مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتقان سىرتقىي ئايلىنىشنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە مەجبۇر قىلدى. 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلانى» دا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئىچكىي ئېھتىياجنى ئاساس، تاشقىي ئېھتىياجنى قوشۇمچە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ پىلانى تاشقىي دۇنيادا خېلى زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھادىسىنى خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئىشىكنى تاقاش سىياسىتىنىڭ قايتىدىنق باش كۆتۈرۈشى دەپ قاراشقان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي بىلەن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يولىنى باغلايدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ «ئىشىكنى تاقاش» ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالدا ئالدى-كەينى بولۇپ ياسىلىپ، «قوش چەمبىرەك» ھاسىل قىلىنغان تۆمۈريوللارنىڭ بىر ئۇچى خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان بولسا، يەنە بىر ئۇچى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى. يەنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ تۆمۈريوللار خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇستەھكەم باغلانغان ئىدى. ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بولسا «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» بىلەن «21-ئەسىرىكى دېڭىز يىپەك يولى» نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندا، ئۇيغۇر دىيارى دەل «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» نىڭ تۈگۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

2015-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» خەرىتىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۈز يول خەرىتىسىدە ئۇيغۇر دىيارى بۇ پىلاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈگۈن نۇقتىسى قىلىنغان. يەنى ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ بازا» يەنى، چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش بازىسى، يېقىلغۇ كۆمۈر بازىسى ۋە چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتر بازىسى؛ «ئۈچ لېنىيە» يەنى، ئېنىرگىيە، قاتناش ۋە ئالاقە لېنىيەسى؛ «بەش مەركەز» يەنى، يېپەك يولىنىڭ قاتناش مەركىزى، سودا-ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا مەركىزى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىغا زور مەبلەغ سېلىنىپ، بۇ خىلدىكى زامانىۋىي تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلۈشى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر دىيارنىڭ «يىپەك يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى» قىلىنىدىغانلىقى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن. يەنە كېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈريوللار پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشىدىكى ئەڭ قولاي قاتناش لېنىسىيەسىگە ئايلاندۇرۇلدى.

قىسقىسى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقارغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ چىڭخەي، تىبەت، گەنسۇ ۋە سىچۈەنلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋرو-ئاسىياغا چىقىشىنى قولايلاشتۇرىدىغان «دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق كارىدورى» بارلىققا كەلگەن.

«دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق كارىدورى» نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟

«دېڭىزدىكى يىپەك يولى» بىلەن «قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى» لېنىيەسىنى باغلاش، خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلانى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇيغۇر دىيارى بۇ ئىككى لىنىيەنىڭ تۇتۇشىشىدىكى تۈگۈن نۇقتىسى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي ئىقتىساد زەنجىرىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇنداق بولۇشىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەبلەر بەلگىلىگەن:

توسالغۇسىز دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يولى ئېچلغان: خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» نىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولىنى تۇتاشتۇرۇش پىلانى، دەل ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي بىلەن ياۋرو-ئاسىيانى باغلايدىغان قۇرۇقلۇق يولى بەرپا قىلىش بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ يول ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئىلگىرى-كېيىن ياسىلىپ چىققان تۆمۈريول ۋە تاشيول لېنىيەلىرى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇردى.

ئۇيغۇرلارنى «بويسۇندۇرۇلغان» : خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقلىرىنى، مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنى، ئىقتىسادىنى، شۇنداقلا تەبىئي بايلىقلىرىنى ھۆكۈمەت ۋاستىسى بىلەن مونوپول قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ھەر خىل سىياسىي ۋاستىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ۋەيران قىلدى. ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «مائارىپتىكى قالاقلىق» ۋە «خىتاي تىلى بىلمەسلىك» كە باغلاپ، ئۇلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن لاگېرلارغا، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» قا ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا مەھكۇم قىلدى. ئۇلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش ۋە قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. خىتاي مائارىپى، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە مەجبۇرىي تېڭىلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلدى. دېمەك، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پۈتۈنلەي «بويسۇندۇرۇلدى»، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارى خىتاي ئۈچۈن «ئەڭ بىخەتەر جاي» غا ئايلاندى.

ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلغان بۈيۈك «قۇل ئىشچىلار قوشۇنى» شەكىللەندۈرۈلگەن:

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا قاتناشقانلار، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەر، بىڭتۇەن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى، مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە «ئۆزئارا ھەمكارلىق زەنجىرى» ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ «ھەمكارلىق» ئۇيغۇرلارنىڭ 19 ئۆلكىدىكى خىتاي كارىخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا قۇل ئىشچى قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدىغان جەنۇبتىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى نوقتىلىق رايون» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. شۇندىن بۇيان، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرى ۋە 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلىرىنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامى ئاستىدا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئىشچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 2000-يىلىغىچە ئارىلىقتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلىنىش ئېھتىماللىقى ئەڭ ئېغىر «خەتەرلىك گۇرۇپپا» دەپ ئايرىپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تەربىيەلەش دائىرىسىگە ئېلىش ھەققىدە چىقىرىلغان تۈزۈمىدۇر.

«شىنجاڭدىكى تەرەققىياتلار» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا شارائىت ھازىرلانغان:

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان سىياسىي ئويۇنى دېگەن تەشۋىقاتنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇغا چىلىشاي دېگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى قايتا جانلىنىپ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشتى. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلدى. ئىقتىساد بىلەن باغلانغان مۇناسىۋەتلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى. گەرچە بۈگۈن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ماللىرىغا، شىركەتلىرىگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتناش لېنىيەلىرى ئارقىلىق دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرۇشى، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.

يوقۇرىقى ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا پايدىسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۈردە ئۆز ماكانلىرىدىن قوغلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سەرسان، ئاققۇن ھايات كەچۈرۈش قىسمىتىگە داۋاملىق يۈزلىنىشى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى خىتاينىڭ «قوش تىل مائارىپى» ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىشى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئىمكانى بولمىغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە، ھەر خىل پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن.

دۇنيا ئىىقتىسادى كېلىمات ئۆزگىرىشى، كورونا ۋىرۇسى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئېغىر كىرىزسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن «قىممەت يارىتىشى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپ مۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش، قۇل قىلىش بەدىلىگە روياپقا چىقارماقچى بولغان «خىتاي چۈشى» نىڭ ماھىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتمەكتە. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەم ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىدۇر.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.