چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان خوتەن ياڭىقىنىڭ پايدىسى كىمگە بولۇۋاتىدۇ؟
2022.12.30
30-دېكابىر «خىتاي ئىشچىلار تورى» دا خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولغان ياڭاقنىڭ قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. مەزكۇر خەۋەردە، 752 توننا ياڭاق بېسىلغان بىر يۈك پويىزى خوتەن ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، ئالاتاغ ئېغىزىدا يۈك ساندۇقىغا ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ مەلۇم بىر رايونىغا يەتكۈزىلىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنداقلا، بۇنىڭ 2022-يىلى خوتەن ياڭاقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىشى بولغانلىقى، بۇ ھادىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىىكى مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ھالقىپ، ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول ئېچىلغانلىقى سۆزلەنگەن.
ياڭاق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمىي مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياڭاقنىڭ ئەڭ سەرخىل تۈرلىرى ئىقلىم شارائىتى سەۋەبىدىن ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا، بولۇپمۇ خوتەن بوستانلىقىغا جايلاشقان. شۇ ۋەجىدىن ياڭاق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىدىكى يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە داڭدار مەھسۇلاتتۇر. خوتەن ياڭىقىنىڭ پوستى نېپىز، دانىسى يوغان، مېغىزى سۈپەتلىك بولۇپ، ئۇنى ھۆل ھەم قۇرۇق پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. «خوتەن ياڭىقى» دىن ئىبارەت داڭلىق ماركا جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخىي ئاساسقا ئىگىدۇر. ئەسىرلەردىن بېرى خوتەن دېھقانلىرى ياڭاقنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن. ياڭاقنى خوتەن مەدەنىيىتىنىڭمۇ ماددىي ئاساسلىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان خوتەندە، ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش قوشنا ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىشى، كىشىگە باشقىچە ئۈمىد بەخش ئېتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇ ئىش قارىماققا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئىشتەك كۆرۈنىدۇ.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مېۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمىنىڭ 320 مىڭ مودىن كۆپ ئىكەنلىكى، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمىدا ياڭاق تېرىلىدىغانلىقى، مەھسۇلات كۆلۈمىنىڭ 29 مىڭ 780 تونناغا يەتكۈزۈلگەنلىكى سۆزلەنگەن. شۇنداقلا بۇ جەرياندا باشلامچى شىركەت، دېھقانچىلىق كوپېراتىپى ۋە دېھقان قوشۇلغان تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ خوتەن دېھقانلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا قوللىنىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، يېزىلىرىنى بۆلۈپ بەرگەنىدى. ئەنە شۇ چاغدا بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 14-دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان. خوتەن ناھىيەسى بولسا خوتەندىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق ئۆستۈرۈلىدىغان ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن خوتەن ياڭاڭچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بېيجىڭ ۋە خوتەن ناھىيەسى بىلەن زىچ باغلانغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2022-يىلى 23-ئىيۇلدىكى بىر (نۆۋەتتە توردىن ئۆچۈرۈلگەن) خەۋىرىدە «شىنجاڭ مېۋەچىلىك گورۇھى چەكلىك شىركىتى» ئۆتكەن يېرىم يىلدا 100 مىڭ تونناغا يېقىن ياڭاق سودىسى قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئۇلار باشلامچى كارىخانا، ھەمكارلىق كوپېراتىپى ۋە دېھقان قوشۇلغان تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە، 200 مىڭ مو يەرگە ياڭاق ئۆستۈرۈشكە زاكاس قوبۇل قىلغان. شۇنداقلا دېھقانلار كوپېراتى ۋە كەنتتە زاۋۇت قۇرۇش ئارقىلىق 50 مىڭغا يېقىن دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش، پاي قوشۇش قاتارلىق يوللاردا باي بولۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
دېمەك، خوتەندىكى دېھقانلار ئاتالمىش «دېھقانچىلىق كوپېراتىپى» غا يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە باشلامچى شىركەتلەر تېرىقچىلىق بازىلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش بىلەن كىرىم قىلىش ئەھۋالى خوتەندە ئومۇملاشقان. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، دېھقانلار كەسپ ئۆزگەرتىشكە، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى بولسا ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم نامىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىن كەلگەنلەرنىڭ «تەرەققىي قىلدۇرۇشى» غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
«خىتاي مىللەتلەر تورى» نىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. يەنى مەزكۇر خەۋەردە، خوتەن ناھىيەسى، بوزاق يېزىسىنىڭ ئازنا كەنتىدە 4 دانە ياڭاق دېھقانچىلىق ھەمكارلىق كوپېراتىپى بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى قەغەز ياڭاق تىجارىتىنى قىلىدىكەن. ئۇلاردىن بىر كوپېراتىپقىلا 100 ئائىلە ئەزا بولغان بولۇپ، ھەر يىلى 300-500 تونناغىچە ياڭاق سېتىپ، 2 يۈز مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىكەن. ئەمما بۇ كىرىمنى ھەر بىر ئائىلىگە سۇندۇرغاندا، بىر ئائىلىگە بىر يىلدا تېگىدىغان پۇلنىڭ سانى ئارانلا 2000 يۈەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەمكارلىق كوپېراتىپىگە ئەزا بولۇپ، كەسىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىنمۇ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئالاھىدە بۇرۇلۇش بولمىغان.
يەنە بىر مىسالنى ئالساق، «تەڭرىتاغ تورى» 2021-يىلى 6-ئاپرىلدىكى بىر خەۋىرىدە، خوتەن ناھىيەسىدىكى مىۋە-باغۋەنچىلىكى كۆلۈمى 600 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، مېۋىلىك باغلاردىن كىرىدىغان كىرىمى يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 44 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە خوتەن ناھىيىسىنىڭ لايقا يېزىسى، ئاقچىل كەنتىدە مىۋىلىك كۆچەت تىكىش كۆلۈمى 1300 موغا يەتكەنلىكى، 2020-يىلى بۇ كەنتتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10876 يۈەنگە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. دېمەك، يوقۇرىقى ھېسابات بويىچە، خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى ئارانلا 900 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولغان. بۇ سان خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭنىڭ 2020-يىلى ئېچىلغان خىتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا تىلغا ئالغان «600 مىليۇن ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمى ئارانلا 1000 يۈەن» دېگەن ئۆلچەمدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ.
يوقۇرىقى بىر قاتار دەلىل-پاكىتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاي يېقىندىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك «ئۇيغۇر ئېلىدا كۈندىن-كۈنگە راۋاجلىنىۋاتقان يېزا-ئىگىلىكى» نىڭ، ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ۋە ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھېچ بىر پايدىسى بولغان ئەمەس. ئەكسىچە بۇ كەسكىن ئۆزگىرىشلەر، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىش، ئۇلارنىڭ ئەنئەنۋىي تېرىقچىلىق ۋە ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇش، ئىجتىمائىي ھايات قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى شالاڭلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن ئاتالمىش ياردەم نامىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي «ئىختىساس ئىگىلىرى»، تېخىمۇ ئېنىقراقى، خىتاي ھۆكۈمىتىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلار قانداقتۇر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغۇچىلار» ياكى «يەرلىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار» بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي مونوپۇللۇق ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغىچىلاردۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.