0:00 / 0:00
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە ئائىلىلەردىكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلماقچى بولغان شەھۋانىي تور بەتلىرىنى سۈزۈش سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى: خۇاۋېي ئۈستىگە ئالغان.
ئىلگىرى خۇاۋىي شىركىتى جاسۇسلۇق بىلەن گۇمان قىلىنىپ ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىدىكى تىجارىتى توختىتىلغان ئىدى. كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىمۇ كۆپ قېتىم دوكلات ئېلان قىلىپ كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان ئىدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.