مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: «بالىلار يات مىللەتكە نىكاھلانسا، ئۆزىمىزدىن كۆرىمىز»
2018.01.17

«بالىلار يات مىللەتكە نىكاھلانسا قانداق قىلىسىز» دېگەن تېمىدىكى زىيارەتلەر داۋامىدا ئاتا-ئانىلاردا تەربىيەگە ئۇنىمىسا ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش، قوشۇلماسلىق، ئادا-جۇدا بولۇش، تۈرك قانلىق بولۇشنى تەكىتلەش، مۇسۇلمان بولۇشنى تەكىتلەش، بالىنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ نەۋرىنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلەش دېگەندەك پەرقلىق قاراشلار مەيدانغا چىقتى.
خېلى كۆپ قىسىم ئاتا ئانىلار ئۇيغۇردىن باشقا ھېچ بىر مىللەتتىن كېلىن ياكى كۈيئوغۇللۇق بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بۇنى بالىلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇھاجىرەتكە كونىراق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىتىشىچە، ئاتا-ئانىلار يات ئەللەرگە كەلگەندە يەرلىكلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە قاتناش، ۋاقىت ۋە تۈرلۈك ئۆزۈرلەر سەۋەبىدىن قاتنىشىپ بولالمايدىكەن. ئۆزى يېڭى تىل ئۆگىنىشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقاچقا بالىلارنىڭ شۇ تىلدا راۋان سۆزلەشلىرى ئۇلارنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىكەن ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە باشلايدىكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە يات تىلغا ماسلىشىشى بالىلاردا كۆنۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئانا تىل ئۇنتۇلىدىكەن. ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەسلىك بالىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇنىدىن قېچىش، ئۇيغۇرلاردىن ياتسىراش، پىششىق بىلىدىغان تىلدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن ھېس قىلىپ شۇ تىلدىكى كىشىلەرگە مايىللىق، مۇھەببەت كۆرۈلىدىكەن ۋە شۇ تىلنى سۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن نىكاھلىق بولىدىكەن. تەكشۈرۈشىمىزچە، مۇھاجىرەتتىكى ئىككىنچى ئەۋلادتا يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشلار تۈركىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەردە ئاللىقاچان كۆرۈلۈپ ئاجرىشىشلارمۇ يۈز بېرىپ بولغان.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەئىد ئەكرەم ئاكا يۇقىرىقى رېئاللىقنى كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بالىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇنىدا چوڭ قىلىش، ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، ئەگەر يات مىللەتتىن بولغانلارغا مايىللىق كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن.
ياۋروپادا ياشايدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەگەر بالىلاردا جورا تاللاشتا يات مىللەتكە مايىللىق كۆرۈلسە، ئادا-جۇدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھرىئاي بەشتوغراق بالىلارنىڭ يات مىللەتكە نىكاھلىنىشىغا قەتئىي قارشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرى ۋە تەدبىرلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان بىر ئۆلىما ئەگەر ئۇيغۇر بالىلاردا يات مىللەتكە نىكاھلىنىش كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنى ئۆزىدىن كۆرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.
كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كۆچمەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئورنىدا يات مىللەتتىن بولغان ياشلارنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن بولۇپ، مىللەت ئاتلاپ نىكاھلانغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشلارنىڭ ئاجرىشىشلىرىغا ۋە بەختسىز ئائىلە تۇرمۇشىغا شاھىت بولغان. ئۇ مۇنداق مىللەت ھالقىغان نىكاھ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئائىلە زوراۋانلىقىغا، بالىلاردىكى پسىخىك بىنورماللىققا، ئاياللاردىكى ئۇيقۇسىزلىق، ئەندىشە، ئەرلەردىكى ھاراقكەشلىك، زەھەرگە بېرىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا كىچىكىدىن ئۇيغۇرلۇق تەربىيەسى بېرىشكە دەۋەت قىلسا، ياشلاردىن نىكاھنى بىر خۇسۇسى ھادىسە دەپ ئاددىي قارىماسلىققا چاقىرىق قىلىدىكەن.
ئۇ، بالىلىرىنىڭ يات مىللەت بىلەن نىكاھلىنىشىغا قەتئىي قارىشى ئىكەن، ئالىمادىس شۇنداق بولۇپ قالسا، نەۋرىسىنى ئۆزى بېقىپ ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلەيدىكەن.
ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتكە يۈزلىنىشى 1949-يىلدىن كېيىن ۋە ئۇندىن كېيىنكى سىياسىي باستۇرۇشلار داۋامىدا ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار بۇرۇن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئىچىدە نىكاھلىنىپ ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەن. تۈركىيەگە كۆچكەن ئۇيغۇرلارمۇ قەيسەرى شەھىرىدە بىر مەھەللە بىنا قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىن ۋە ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىپ كىملىكىنى يوقاتمىغان. 90-يىللاردىن كېيىن غەرب دۇنياسىغا يۈزلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى بىرەر ئەلدە بىرەر چوڭراق مەھەللە بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىككىنچى ئەۋلادقا قانداق يەتكۈزۈش ھەققىدە جىددىي غەم يېيىشكە باشلىغان بولۇپ، نىكاھلىنىش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى بىرى ئىكەن.