يالقۇن روزىنىڭ «كىرىشىپ قالىدىغان» خاراكتېرى

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.09.10
obzorchi-yalqun-rozi.jpg ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى.
Social Media

يالقۇن روزىنىڭ رەسىمىگە ھەر قارىسام، مەرھۇم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ئۇنى «كىرىشىپ قالىدىغان ئادەم» دېگەن باھاسى ئېسىمگە كېلىدۇ. يالقۇن روزىنىڭ شۇنداق كىرىشىپ قالىدىغان مىجەزى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوبزۇرچىلىقى، نەشرىياتچىلىقى ۋە مائارىپىدىكى تۆھپىسىگە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭ قاماقتا تارتىلغان رەسىمىدىكى قايتماس جاسارىتىمۇ مۇھاجىرەتتىكى چۈشكۈن روھلارنى ئويغاتتى، غەمكىن كۆڭۈللەرنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ قاماقتىكى جەسۇر سىماسى ئۇنى داۋا سەيناسىغا چىقىرىپ بىھۇدە ئازاپ چېكىۋاتقان ھۆرمەتلىك شەخسلەرنىڭ ئوبرازىغا ئايلاندۇردى.

1. كىرىشىپ قالىدىغان ئادەم

2000-يىللارنىڭ بېشىدا يالقۇن روزى چىقارغان «مەمتىلى ئەپەندى»، «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما» دېگەن كىتابلار قىزغىنلىق قوزغىۋەتتى. بۇ قىزغىنلىق مەكتەپلەر، سورۇنلار ۋە دەرسخانىلارغا قەدەر يېيىلدى. قىزىل بىنادىكى بىر قېتىملىق دەرستە يۇقۇرىقى كىتابلار تەنقىدىي يوسۇندا تىلغا ئېلىندى. بىر قانچەيلەن ئوبزۇر يېزىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. رەھمەتلىك ئابدۇكېرىم راخمان ئۇلارنى توسۇپ: «يالقۇن روزىنىڭ كىتابىغا كىم ئوبزۇر يازسا، شۇنىڭ بىلەن كىرىشىپ قالىدىكەن، شۇڭا يازماسلىق كېرەك،» دېدى.

شۇندىن كېيىن يالقۇن روزىنىڭ تالاي قېتىم «كىرىشىپ» قالغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېڭى مائ‍ارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ بايراقدارى مەمتىلى تەۋپىق تېمىسىدا يالقۇن روزى ھەقىقەتەنمۇ كىرىشىپ قالدى. ئۇ ئارتۇشتا ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىغا ئۇل سالغان باھاۋۇدۇن مۇساباي ۋە ھۈسەيىن مۇسابايلارنىڭ ھەيكىلىنى ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتىپىگە تىكلەتتى. ئۇ يەنە مۇسابايلار جەمەتىنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىقتىسادىغا ئىلھام بەردى.

يالقۇن روزى ئالى مەكتەپتىكى ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدىمۇ «كىرىشىپ قالدى». ئۇ مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتابلار ئارقىلىق ئۇستازنىڭ يىقىلماس مەنەۋىي مەڭگۈ تېشىنى تىكلەپ چىقتى. ئۇ ئارتۇشتىكى مائارىپچىلار ھەققىدە مەخسۇس كىتاپ چىقاردى. مەمتېلى ئەپەندى تۇغۇلغان بۇيامەت يېزىسىغا مەمتېلى ئەپەندىمنىڭ مۇزىيىنى ياساشقا تەشەببۇسكار بولدى. مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى تېپىپ، داڭلىق رەسسام ئابدۇشۈكۈر كۆك ئەپەندىگە سىزدۇردى. يالقۇن روزى ئۆزى يالغۇز ۋۇجۇتقا چىقارغان يۇقىرىقى ئىشلاردىن ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «كىرىشىپ قالىدىكەن» دېگەن بۇ سۆزىنىڭ راستلىقى بىر قانچە قېتىم ئىسپاتلاندى.

2. ئۇ ئۆزىنى ئىنكار قىلالىغان

يالقۇن روزىنىڭ ئۆزى خاتا ئۆزلەشتۈرگەن قاراشلارنى ئىنكار قىلىشىدا بىر قەتئىيلىك بار ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپنىڭ تارىخى ھەققىدە خاتا مۇقىملاشقان چۈشەنچىلەرنى ئىنكار قىلىشىمۇ تەقدىرلەشكە سازاۋەر ئىدى. ئۇيغۇر يېڭىچە مائ‍ارىپى 1885-يىلى ئارتۇشنىڭ ئېكىساق يېزىسىدا قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن باشلانغان دېگەن قاراش 80-يىللاردىن باشلاپ تاكى 2000-يىللارغىچە نوپۇزلۇق بىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

يالقۇن روزى ئۆزىمۇ «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتابىدا شۇنداق يازغان. ئەمما ئۇ كېيىنكى ئىزدىنىشلەر جەريانىدا ئۆزى كىتابىدا مۇئەييەنلەشتۈرگەن قاراشنى ئىنكار قىلىپ، ئېكىساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1914-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئۆزى ياقلاپ چىققان، كىشىلەر ئاساسەن قوبۇل قىلغان قاراشنىڭ خاتاسىنى ئۆزى ئىنكار قىلىش جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ خاتاسىنى ئۆزى بايقاپ، ئۆزىنى-ئۆزى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئاستىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئىش ئىدى.

يالقۇن روزىنىڭ قەتئىيلىكى، قەيسەرلىكى، ئەقىدە قىلغان ئىشنى كىرىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىزچىللىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆمۈلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان تەۋپىق روھىنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە بولغان ۋاپادارلىقى مەزكۇر كۆپ قىرلىق، مول-ھوسۇللۇق ئالىمنىڭ سىماسىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئ‍الدىدا نۇرلاندۇردى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.