غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ باھالىرى - «خىتاي ئۆز تارىخى بىلەن چىقىشالمايدۇ»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىدىغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى زور مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەش ئالدىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ياپون تاجاۋۇزچىلىقىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىرىپ، زور داغدۇغا قىلىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ مۇراسىمنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز تارىخى بىلەن چىقىشالمايدىغان تەبىئىتىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىماقتا ۋە بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ تارىختىكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان زور كۆلەملىك پارات ئالدىدا بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇنىۋېرسال پروگراممىلارنى چەكلەپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىللىرىگە ئائىت فىلىملارنى، ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئۇلاپ تارقىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنداقتا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەتبۇئاتلاردا ھەقىقەت زادى قانچىلىك دەرىجىدە يورۇتۇلۇۋاتىدۇ؟ چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت ھەقىقىي تارىخنى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەتتا نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان تارىخلىرىغا ئالدىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەسئۇل سابىق ياردەمچىسى، 2049 ئىش پىلانى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى راندال شىرىۋېر دىپلومات گېزىتىدە «خىتاي ئۆز تارىخى بىلەن چىقىشالمايدۇ» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، مانا بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ سايىسىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا قانداق بىر شارائىت ئاستىدا غەلىبە قىلىپ قالغانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاينىڭ تارىخنى ئۆز ئالدىغا بۇنداق بۇرمىلىشىغا دۇنيا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىزى بولۇۋاتقانلار بىزنى ئۆتمۈشى بىلەن يۈزلىشىشنى خالىمايۋاتقان تەرەپنىڭ پەقەت ياپونىيە ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. ئەمەلىيەت بولسا ئۇلار يالغۇز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تارىخنى بۇرمىلايدىغان، قايتا يازىدىغان ۋە نۇرغۇن تارىخى پاكىتلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن يوققا چىقىرىدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتچى خىتاينىڭ ئۆزى. بىز بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشىمىز كېرەك، چۈنكى خىتاي بۇ ئارقىلىق ھەقىقەتەن نەتىجىگە ئېرىشىۋاتىدۇ.

ئاپتور تارىخىي مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە ئوبيېكتىپ بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقان تارىخىي پاكىتلارنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:
خىتاي كومپارتىيىسى 1931-1945 يىللىرى ئارىسىدىكى تارىخ توغرىسىدا سۆزلەشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما 1949-يىلىدىن كېيىنكى تارىخنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇنىڭغا پەقەت بىرلا مىسال بېرەي، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن بىھۇدە يەرگە جېنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ سانى چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلەردىن كۆپ. يالغۇز «چوڭ سەكرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىدە ئۆلگەنلەرلا چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلەردىن كۆپ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەلۋەتتە بۇلار خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس ھەم بۇ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە خىتاي پۇقرالىرىغا قىلغانلىرىنى يوققا چىقىرىشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئەمەس. لېكىن بىز تارىخىي مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە چوقۇم توغرا نۇقتىدىن باھا بېرىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار، شەخسەن مەنمۇ ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغاندا ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا بولغان پوزىتسىيىسىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولغان ئىدىم. ھەتتا بۇ پىكرىمنى ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بىلدۈرگەن ئىدىم. لېكىن، قانچىلىك ئامېرىكىلىق خىتايدىكى مۇزىيلىرىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ ئۆز تارىخىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولدى؟ خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا جايلاشقان دۆلەتلىك مۇزىيدىمۇ تيەنئەنمېن ۋەقەسى قەتئىي تىلغا ئېلىنىپ قويمىغان، جاۋ زىياڭنىڭ ھەيكىلى كومپارتىيىنىڭ سابىق رەھبەرلىرى ئارىسىدىن يەر ئالمىغان، چوڭ سەكرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى تىراگىدىيىلەر تىلغا ئېلىنىپمۇ قويمىغانغۇ؟ خىتاينىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە بولۇشى كېرەك. خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرى ھەقىقەتنى ئوبدان بىلگەچكە بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. ياپونىيەنىڭ تارىخى بىلەن يۈزلىشىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، خىتاينىڭ تارىخى بىلەن يۈزلىشىشىمۇ ئوخشاش مۇھىم. لېكىن خەلقئارادا خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۆز تارىخى بىلەن يۈزلىشىشكە بېسىم قىلىدىغان ئىش يوق.

راندال شىرىۋېر ئەپەندى ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلىتى 1979-يىلىدىن باشلاپ، خىتايغا ياردەم بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ياپونىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ياردەم مەبلىغىنىڭ ئۆزىلا 26 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ تېخى خۇسۇسىي كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ، 2014-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا ياپونىيەدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى 35 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. بىراق ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ بار كۈچى بىلەن ياپونىيەنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنىلا تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش كېسىلىنىڭ پەقەت ياپونىيەگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر شېرىكى بولغان تەيۋەنگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن:
-نۇرغۇن ئامېرىكىلىق رەھبەرلەر ئەپسۇسكى دائىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئاغزىغا سېلىپ قويغان «تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن جۈملىنى تەكرارلايدۇ. ئەجەبا قانچىلىك ئامېرىكىلىق رەھبەر تەيۋەننىڭ خاتىرىلىنىپ ماڭغان كېيىنكى 400 يىللىق تارىخىدا چوڭ قۇرۇقلۇق دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان ۋاقتىنىڭ ھەتتا ئون يىلغىمۇ توشمايدىغانلىقىنى بىلىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ تەيۋەنلىكلەرگە پايدا بولغانلىقىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر پاكىت. كومپارتىيىنىڭ ئىدارىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان تەيۋەن بۈگۈنكى كۈندە بىر زامانىۋى، دېموكراتىك ۋە بازار ئىقتىسادىغا تايانغان ھەم شۇنداقلا دىنىي ھوقۇقلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر جايغا ئايلاندى. ئۇنداقتا بىز پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگىلا خىزمەت قىلىدىغان ئويدۇرمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قاراپ تۇرساق بولامدۇ؟

ئاپتور شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا ئامېرىكىنى ئۆزى ئويدۇرغان تارىخنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىشنى خىتاينى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنۇش، دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
3-سېنتەبىردىكى مۇراسىمغا كەلسەك، بىز بۇ ۋەقەنى پەقەتلا بىر ئەقىلگە سىغمايدىغان غەيرىيلىكنى كۆرگەندەكلا ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كەسىپ ئەھلىلىرى خىتاي رەھبەرلىرىنى بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا، دوستلىرىمىزغا ۋە بىزگە قىلىۋاتقان سىياسىي ئۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ياپونىيە ئۇزۇن زامان ئىلگىرىكى خاتالىقى ئۈچۈن تەنقىد نىشانى قىلىنىدۇ‏-يۇ، ئەمما ئۇنىڭ 70 يىلدىن بۇيان رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى بولسا ئىنكار قىلىنىدۇ. بىزنىڭ دوستىمىز ۋە بىخەتەرلىك شېرىكىمىز تەيۋەننىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولى بولسا ئوغرىلانغان. ياپونىيە خىتايغا تاجاۋۇز قىلغاندا ياپون ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قىلغان ئۇرۇشى ئىنتايىن ئاز ۋە ئۇنىڭ ئاران 10 پىرسەنت ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى. ئامېرىكا بولسا بۇ قېتىملىق پارات ئارقىلىق ئۈستى يوپۇق تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. 200 گە يېقىن غەربلىك تارىخچى يېقىندا ئوچۇق خەتكە ئىمزا يىغىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەقىقىي تارىخ بىلەن يۈزلىششكە چاقىردى. ئۇنداقتا، ئوخشاش ئۆلچەم خىتايغىمۇ قويۇلۇشى كېرەك. خىتايمۇ تارىخىي ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك.