خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات دۇنيا ئاخباراتىدا كۆپلىگەن مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەرگە سەۋەب بولدى، ئەمما تىلغا ئالغۇدەك ئىجابىي باھاغا ئېرىشەلمىدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مەزگىلىدە تىنچلىق شوئارىنى كۈچەپ توۋلىغان بولسىمۇ، دۇنيا جامائىتى ۋە بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىدىكى زىتلىقنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ خىتاينى ئەيىبلىدى.
فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پېتىر ئەپەندى 6-سېنتەبىر كۈنى مەتبۇئاتلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، شى جىنپىڭنىڭ تىنچلىق شۇئارىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي رەھبەرلىرى تىنچلىقنى ئاغزىدىلا داۋراڭ قىلماي، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تىنچلىققا مۇخالىپ بولغان ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى، فېلىپپىننىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا قاتنىشى ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى بۇ قېتىمقى پارات ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ پەقەتلا خىتاي خەلقنىڭ دىققەت نەزىرىنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي بۆھران ۋە پايچېكى مەغلۇبىيىتىدىن ۋاقىتلىق بۇراش مەقسىتىگە يىتەلىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ پارات ئاخىرلاشقان ھامان خەلقىنىڭ دىققىتىنىڭ يەنە رېئال مەسىلىلەرگە قايتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىمۇ بۇ خۇسۇستىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ پارات ئارقىلىق خەلققە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قانچە 10 يىلدىن بۇيانقى جىنايەتلىرىنى، بازار ئىگىلىكىدىكى قالايمىقانچىلىق ھەمدە تيەنجىندىكى پارتلاشنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇلدۇرۇش، خەلقنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىلىتارزىملىق ھېسسىيات بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، بىراق بۇ پاراتنىڭ ئەمەلىيەتتە قوشنا ئەللەرگە تەھدىت ياراتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرىغا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بېرلىن كۈندىلىك گېزىتى ماقالىسىدە، خىتاي رەئىسى ئاغزىدا تىنچلىق دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرخىل ئېغىر ئۇرۇش قوراللىرىنى بۇ پاراتتا نامايان قىلغانلىقىنى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىر بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەسكىرى قۇۋۋىتى كۆرگەزمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوشنا ئەللەردە ھەربىي تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تەيۋەندە نەشردىن چىقىدىغان ئالما گېزىتى 89-يىلىدىكى بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋاڭ دەننىڭ سۆزىگە ئورۇن بېرىپ، خىتاينىڭ بۇندىن 26 يىل ئىلگىرى دەل مۇشۇ ھەربىي كۈچ بىلەن دەل مۇشۇ ئورۇندا ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق قىرغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەسلىدە فاشىستىك بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى ئەسلەتتى. ۋاڭ دەن سۆزىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى، تۈركۈملەپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ قاتتىق ئاياق ئاستى قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتىمۇ 6-سېنتەبىر بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە گومىنداڭنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا تۆھپىسى يوقلۇقىنى شەرھىيىلىدى. ماقالىدە خىتاي زىيالىيسى ئىلى شانىڭ ئېغزى ئارقىلىق، فاشىزمغا قارشى كۆرەشنىڭ ماھىيەتتە ياۋايىلىق بىلەن مەدەنىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
د ئۇ ق نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ توغرىلىق توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ تىپىك فاشىستىك سىياسەت بولىدىغانلىقىنى مىسالغا ئالدى.
گېرمانىيەدىكى خىتاي زىيالىيسى جاڭ پىڭمۇ 3-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەربىي پارات توغرىسىدىكى ئوبزورىدا، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتىكى ۋەقەلەرگە خىتاينىڭ فاشىستىك سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي خەلقىنىڭ ساۋاق ئالمايۋاتقانلىقىنى، كومپارتىيىنىڭ مىلەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.