ستالىننىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان مەخپىي «ز» يولى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.09.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yapongha-qarshi-ghelbe-parat-2.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-3.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-4.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك پاراتتا ھەربىي كۈچلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-5.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-6.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

بۇ يىل 3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ياپونغا ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر پارات مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ياپونغا ۋە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ قولغا كېلىشىدە ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق فاشىمىزغا قارشى ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ ئالاھىدە زور ئىكەنلىكىگە ئائىت مۇھاكىمىلەرمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1937-1942-يىللىرى خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىغا ھەربىي ياردەملەرنى بەرگەن بولۇپ، بۇ ياردەملەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئالدىنقى سەپلەرگە يەتكۈزۈلگەن ئىدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشقانلىقى ۋە رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەترىتىنىڭمۇ مەزكۇر پاراتقا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولى ۋە كۆرسەتكەن ياردەملىرى ھەققىدە قايتىدىن تۈرلۈك ماقالە -ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.

ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرىشىگە بەرگەن زور ماددىي، قورال-ياراق، ئەسكىرىي كۈچ ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ياردەملىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مۇھىم تارىخى تېما بولۇپ كەلدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1931-1942-يىللىرى ئارىسىدىكى ياپونغا قاراتقان سىياسىتى ۋە خىتايغا بەرگەن ھەربىي ياردەملىرى ھەم باشقىلارغا ئائىت ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان بىر قىسىم ئارخىپ ھۆججەتلىرىمۇ ئاشكارىلاندى.

ئارخىپلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن جاڭ جېشى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت 1928-يىلى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئىككى ئەل ئارىسىدا دىپلوماتىيەلىك ئالاقە ئۈزۈلگەن، ئەمما 1931-يىلى مانجۇرىيە ياپونلار تەرىپىدىن ئىگىلىگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەدىن خەۋپسىرەشكە باشلىغان. 1933-1937-يىللىرى ئارىسىدا بۇ خەۋپ تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا مەخپىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى.

تارىخى ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1931-1934-يىللىرى ئارىسىدا ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلى، گەنسۇ قاتارلىق جايلارنى سوۋېتقا قارشى بازىغا ئايلاندۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ياپونغا قارشى تۇرۇشقا ئۈندەپ، ئاخىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە زور مىقداردا قورال-ياراق، ئوق-دورا بېرىش، بۇ قورال-ياراق ۋە ئوق دورا ھەم ئەشيالارنى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق توشۇپ، گەنسۇ-شەنشى رايونلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان.

رۇسىيە تارىخچىسى، پروفېسسور ب. گورباچيوۋنىڭ رۇسىيەنىڭ «مۇستەقىللىق» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «موسكۋا -بېيجىڭ قانلىق جەڭلەردە مۆرىنى-مۆرىگە تىرىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1937-1941-يىللىرى ئارىسىدا خىتايغا كۆرسەتكەن ياردەملىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1937-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى لۇگوچاۋ ۋەقەسىدىن كېيىن ياپون-جۇڭگو ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى. ياپونىيە ئارمىيىسى كەڭ كۆلەمدە شىمالىي جۇڭگوغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇگوچاۋ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 44 كۈندىن كېيىن، يەنى 1937-يىلى، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆزئارا «ھۇجۇم قىلماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالاندى.

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى «ئۆزئارا ھۇجۇم قىلماسلىق شەرتنامىسى»ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ياپونىيەگە قارشى ھەربىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان بولۇپ، ئەنە شۇ شەرتنامە ئاساسىدا شۇ يىلى، 14-سېنتەبىر كۈنى جۇڭگو تەرەپ ۋەكىللىرى موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-تېخنىكا ياردىمىگە ئېرىشىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ خىتايغا تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرز ھېسابىدا قورال-ياراق،ئوق-دورا ۋە باشقا ئەشيالارنى بېرىشكە ماقۇل بولغان.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. گومىنداڭنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىدا ئۇيغۇر ئېلى چوڭ ئارقا سەپ بولغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن خىتايغا توشۇلىدىغان قورال-ياراقلار ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر ئەڭ بىخەتەر قورال-ياراق توشۇش يولىنى مەخپىي تۈردە «ز» يولى دەپ ئاتىغان ئىدى. رۇسىيە تارىخچىسى ۋ. نېخنىڭ «ن ك ۋ د نىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ئوپېراتسىيەلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى باش بولۇپ قۇرغان مەزكۇر قازاقىستاننىڭ سارى-ئۆزەك رايونىدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، لەنجۇغىچە يېتىپ بارىدىغان مەزكۇر «ز» يولى خىتاينىڭ 1937-1941-يىللىرى ئارىسىدا ياپونىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د ئورگىنىنىڭ مەخپىي پائالىيەتلىرى قاتارىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى نكۋد سى ئۆزىنىڭ بىر قانچە پولكىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىپ، بىخەتەرلىكنى قوغدىغان ئىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى بويىچە بىر قىسىم كىتاب ۋە ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى، سابىق سوۋېت ئارمىيىسى پولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا مۇنداق ھەربىي ياردەم بېرىشى خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان شۇنىڭدەك يەنە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ چىقىش قىلىنغان.

ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا قورال-ياراق ۋە ھەربىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە تۆمۈر يولدىن ئىبارەت ئۈچ خىل لىنىيىنى ئىشقا سېلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق، دېڭىز ۋە تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇش قامال قىلىنغان بولغاچقا مەخسۇس قازاقىستاندىن باشلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتۈپ، لەنجۇ ۋە باشقا جايلارغا تۇتاشتۇرۇلغان تاش يول ئارقىلىق توشۇش بىردىن بىر بىخەتەر يول بولغان ئىدى. بۇ يولنى تېز ياساش ئۈچۈن زور ساندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك ئاھالىلەر ئەمگەككە سېلىندى.

مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان بۇ يول سوۋېت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن «ز» يولى دېگەن شەرتلىك نام بىلەن ئاتالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.