ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس كاۋاتو: ئوتتۇرا ئاسىيانى كىم كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.11.30
yaponiye-shinzo-abe-turkmenistan-ziyaret.jpg شىنزو ئابىېنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ياپونىيەلىك خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، موسكۋا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مېھمان لېكتورى، ئىلگىرى ئۆزبېكىستان،تاجىكىستاندىكى ياپونىيە ئەلچىخانىلىرىدا دىپلوماتىيە ۋەزىپىسىدە بولغان مۇتەخەسسىس ئاكىئو كاۋاتو يېقىندا ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيانى كىم كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابىېنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان زىيارىتىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە ئاپتور، بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان شىنزو ئابىېنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملىرى ۋە شۇنداقلا ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى كىمنىڭ كونترول قىلىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت بىر قىسىم دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرلىۋاتقان كۈچلۈك رىقابەتلەر توغرىسىدا توختالغان.

ياپونىيەلىك خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كاۋاتو ماقالىسىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىېنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە باھا بېرىپ:«ئابىېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ناھايىتى خوشاللىنارلىق بىر سەپەر بولدى. ئېنېرگىيەگە ئۈزلۈكسىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ياپونىيە دۆلىتى تۈركمەنىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. قارىماققا بۇ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ نەپگە ئېرىشىشىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئەمەليەتتە بۇ ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان سىياسىي مەيدانىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈپ قويدى» دەيدۇ.

ئاكىئو كاۋاتونىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيانى كىم كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ؟» ناملىق ماقالىسى
ئاكىئو كاۋاتونىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيانى كىم كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ؟» ناملىق ماقالىسى

مۇتەخەسسىس كاۋاتو ماقالىسىدە ئەنگلىيىلىك پروفېسسور ھارفورد جوننىڭ «كىم ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلالىسا، شۇ دۇنيانى باشقۇرىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا 19 - ئەسىردىن باشلاپ رۇسىيە، ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تارىخىي «بۈيۈك ئويۇنلار»نى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىپ بۇ رايوندا يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەر بارلىققا كەلگەندىن بىرى ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ رايونغا خوجا بولۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز ئوينىلىۋاتقان يېڭىچە بۈيۈك ئويۇنلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى بىر سىياسىي مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

كاۋاتونىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىليون بولۇپ، ئۇلار بىر - بىرىگە قوشنا بولغانلىقتىن ئىبارەت جۇغراپىيەلىك جەھەتتىكى بۇ ئەۋزەلىكتىن پايدىلىنىپ ھازىرغىچە ئۆز - ئارا ئېكسپورت - ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىچە دۆلەت دارامىتىنى نورمال شەكىلدە ساقلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ،ئەمەليەتتە بۇ بەش جۇمھۇرىيەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ پۇلى بىلەن يېتەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ماقالىدە ئاپتور خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ رايوندا بارلىقا كەلگەن يىپەك يولى ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە، بېيجىڭ «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى» ئارقىلىق ئىقتىسادىي ياردەمدە بولماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئەزەلدىن خىتاينىڭ سېڭىپ كىرىشىنى توسۇپ كېلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىپ بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاينىڭ «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى»غا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىنى ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىش دەپ قارايدۇ.

مۇتەخەسسىس كاۋاتا بىر قانچە سەۋەبلەر ئۈستىدە تارىخىي نۇقتىلاردىن توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەزەلدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغان، چۈنكى تارىختا چېڭگىزخان خىتايلارغا بۇ پۇرسەتنى بەرمىگەن شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايدىن كۆپ پەرقلىق بولغانلىقتىن خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىگىپ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس.

بىراق، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس غالىپ مىجىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىنى ھەرگىز ئۇنداق دەپ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كاۋاتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى زىيالىيلار ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ رايوندىكى نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار رۇسىيەدە تەربىيلەنگەن، ئۇلار زېرەك ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىلىملەرگە مول، شۇڭا ئۇلار ھەر جەھەتتىن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئوبدان بىلىدۇ» دەيدۇ.

شۇنداقلا مۇتەخەسسىس كاۋاتا يېقىن كەلگۈسىدە ئافغانىستاندىكى رادىكال تالىبانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ«بەش جۇمھۇرىيەت بۇ مەسىلىدە رۇسىيەنىڭ تاجىكىستانغا قويغان ئەسكىرى كۈچىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدە ئاپتور «خىتاي زادى ئوتتۇرا ئاسىيادا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن تىما ئاستىدا، خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرى ياپونىيە بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىگە يۈرۈگۈزگەن ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتىگە ئوخشاش، قوشنا دۆلەتلەرگە پۇل چېكى كۆرسىتىپ، نەق پۇل بەرمەسلىك ھېلىسى بىلەن ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور خىتاينىڭ ياۋرو ئاسىيا تۆمۈر يول پىلانىدا بۇ رايوندىكى بەزى دۆئەتلەر بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيەسى ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، ئۆز مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىشىگە،سەزگۈر مەسىلىلەردە ياپونىيە بىلەن ھەمشېرىك بولۇشقا شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەمدە بولىدۇ» دەيدۇ.

ماقالىدە شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ بەش جۇمھۇرىيەتكە بەرگەن ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى بىر - بىرلەپ ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس يامادا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«ئابىېنىڭ شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان بۇ خىل دىپلوماتىيەسى ئەلۋەتتە ياپونىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇشقىمۇ بەلگىلىك پايدىسى بار دەپ قارايمەن.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.