ياپونىيە رادىئو ئىستانسىسى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى تېررورلۇق ۋەقەمۇ؟» دېگەن تېمىدا رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
2013.11.20

11-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە رادىئو ئىستانسىسى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى تېررورلۇق ۋەقەمۇ؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
ياپونىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇ سۆھبەت پروگراممىسىغا ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا نەق مەيداندىن جاۋاب بەرگەن.
بۇ قېتىمقى رادىئو سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇندىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر ئېلىدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدىمۇ ھازىر جاۋاب سۆھبەت پروگراممىسى ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى رادىئو سۆھبەت پروگراممىسىغا ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن رادىئو-تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ماتياسۇكاۋا رىياسەتچىلىك قىلغان.
سۆھبەت پروگراممىسى رادىئو ئىستانسىسىدىن نەق مەيداندىن ئاڭلىتىلغان.
توكيونى مەركەز قىلغان ھالدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلاردىن 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشى بۇ قېتىمقى رادىئو پروگراممىسىنى ئاڭلىغان.
ئاڭلىتىش 15-نويابىر چۈش ۋاقتى سائەت 12:45 تىن 14:15 گىچە بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان.
بىز مەزكۇر رادىئو سۆھبەت پروگراممىسى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىكەن بولۇش ئۈچۈن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.