ياپونىيە ژۇرنىلى: ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بومبىسى تۈركىيەنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىۋەتتى

0:00 / 0:00


ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپوزلۇق سىياسىي مەتبۇئاتلاردىن «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»نىڭ 4 - ئاۋغۇست سانىدا ژۇرنالىست ئارىس ساندورىيانىڭ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بومبىسى تۈركىيەنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىۋەتتى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور نۆۋەتتىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە تۈرلۈك سىياسىي ئانالىز ئېلىپ بارغان.

ماقالىدە تۈركىيە تەۋەسىدە ئۆزىنى پارتىلىتىش خاراكتېرىدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى رەسمىي باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ تەشكىلاتنى پەقەتلا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ژۇرنالىست ئارىس ساندورىيا ماقالىسىدە:«ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئادەم بومبىلىرى ئۇزۇندىن بىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى باستۇرۇش ئىستراتىگېيەسىگە ئەگەشمەي،تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان تۈركىيە دۆلىتىنى ئويغىتىۋەتتى. تۈركىيە سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ھالقىلىق، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاچقۇچلۇق دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن سۈرىيە بىلەن چېگرىداش بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ قۇدىرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن» دەيدۇ.

سۈرىيە مەسىلىسىدە بولۇپمۇ، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاراشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتا تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئامېرىكىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قوشۇلماي،پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇشىنىڭ بىردىن - بىر سەۋەبىنى ئاپتور ماقالىسىدە «تۈركىيە ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئۆزلىرىگە تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ تەشكىلاتنى ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى بولغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا پايدىلىق دەپ قارىغانلىقىنى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئادەم بومبىلىرى سۈرىيە چېگرىسىدىن ھالقىپ تۈركىيە تەۋەسىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە شۇنداقلا يېقىندا تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان سۇرۇچ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەدە 32 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن تۈرك خەلقى ھۆكۈمەتكە بېسىپ قىلىپ تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئارىس ساندورىيا ماقالىسىدە، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇنىڭ :«ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تۈركىيەگە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلسا، بىز ئۇلارغا قارىتا ئون قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھاۋادىن رەسمىي ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا تۈركىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ھاۋا بازىلىرىدىن پايدىلىپ، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىغا ئىجازەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلەردىن كېيىن، ھۆكۈمەت باشلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 13 ئۆلكىدىن 250 كىشىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ماقالىدە تەپسىلىي بىلدۈرگەن.

ماقالىدە سۈرىيەدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بىر قانچە شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، ئۇلار ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇرۇش ئوتىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تۇتاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ژۇرنالىست ئارىس ساندورىيا ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھۇجۇم باشلىغانلىقى سەۋبىدىن، ئۇلارنىڭمۇ تۈركىيەگە قارىتا ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە بۇ خىل ھەرىكەتتە ئەلۋەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا مۇھتاجلىقىنى كۆرسەتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى خۇيۇما تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تۇتقان سىياسىي مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۇزۇندىن بىرى سۈكۈتتە تۇرۇشى ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىنىڭ سەۋەبى، تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان خەلق، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ. تۈركىيە غەرب ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ خىل نازۇك ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا يولدا تۇرۇشى ئۆزى ئۈچۈنمۇ ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەت ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم دەپ قارايمەن.»

ئۇزۇن يىللار ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى نورىكو خانىم ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا باشلانغان ھۇجۇم ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قورال ئارقىلىق بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستان مەسىلىسىدىن تولۇق تونۇپ يەتتى. ئەمدىلىكتە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مەسىلىدىمۇ توقۇنۇشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئەڭ ياخشى چارە دەپ ئويلايمەن. بولمىسا ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئارتىپ ماڭىدۇ دەپ قارايمەن.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.