ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»نىڭ بۇ ئايدىكى سانىدا «تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ سەۋەبلىرى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالە - ئىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە، تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ۋە شۇنداقلا ساياھەت - زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ،خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى جېكىلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ،«خىتاي پۇقرالىرىغا بۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك سىگناللىرىنىڭ بېرىلىشىدىكى سەۋەب، تۈركىيەدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان خىتايغا قارشى نامايىش ۋە ھەرىكەتلەردۇر» دېيىلگەن.
ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان ۋە شۇنداقلا خىتاي تەرەپنى ئالاھىدە ئالاقىزادە قىلىۋەتكەن بۇ نامايىش ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ،«تۈركلەرنىڭ بۇ خىلدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان سەككىز مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
ماقالىدە،«تۈركلەر بىلەن قانداش بولغان، ئوخشاش بىر دىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچراپ، ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىشى شۇنداقلا دەھشەتلىك ئازاپ - ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىشى، تۈركلەرنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتتى، بولۇپمۇ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەرىكىتى تۈركلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىشىغا ئاساسلىق تۈرتكە بولدى» دېيىلگەن.

ماقالىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلا مەسىلىسىدە پەقەتلا مەيدانىنى ئۆزگەرتمىگەن ھالدا توختىماي خىتاينى ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن. تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىقى توغرىسىدىمۇ ماقالىدە تارىخىي نۇقتىدىن قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتۈلگەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىتايغا قارشى نامايىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا چىدىمىغان تۈركىيە خەلقى ئۆز قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ناميىشلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۆز ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.بۇ قېتىم يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان تۈركلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى خىتاينى قورقۇتۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيانى تەۋرەتتى.
يۈكى خانىم سۆزىدە يەنە:«ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمۇ تۈركلەر كەبى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى ئېلىپ بارسا، ئۇ چاغدا ئەھۋال باشقىچە بولاتتى. تۈركلەر ھەققىقەتەن بۇ قېتىمقى نامايىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىسىز مىللەت ئەمەسلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى» دېدى
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانلىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىل نامايىشلاردا نامايىشچىلار خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاي رېستۇرانلىرىنىڭ پەنجىرىلىرىنى چېقىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەتتا نامايىشچىلارنىڭ ئۇقۇشماستىن كورىيەلىك بىر ساياھەتچىنى خىتايغا ئوخشىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىمۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھالدا روزا تۇتۇۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا دىنىي جەھەتتىن ياخشى مۇئامىلىلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلالمىغانلىقىنى، سەۋەبى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاللىقاچان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خانىم - قىزلارنىڭ ياغلىق چېگىش، ئەركەكلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇش، جۈملىدىن روزا ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك روزا تۇتۇشىدىن ئىبارەت بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن دۇنيا جامائىتىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا ئىككى يۈز نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قەتلىئام قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، شۇندىن ئىبارەت تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامانلىقىنى كۆزلەپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شىددەت بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ماقالىدە يەنە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى شۇنداقلا خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىققا ئاسانلا قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.