ياپونىيەدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ پەسىللىك ژۇرنىلىدا ياپونىيەدە كۆزگە كورۇنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى،ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇشى شۇنداقلا دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارغا ئىشلەمچىلىكە مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرىدىن ئىبارەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇرلۇك سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ،مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياپونىيەدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش» ناملىق ماقالە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاھسىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00