ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋىليام دوپسون مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 26-يانۋاردىكى سانىدا «خىتاي دۆلىتى كوممۇنىستلارنىڭ قىمارخانىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئاساسەن خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان ئىقتىسادىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىللار ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالغان.
مۇخبىر ۋىليام دوپسون ماقالىسىدە: «غەربلىكلەر خىتاي ئىقتىسادىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا دەپ قارايدۇ» دەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، 1-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاينىڭ پايچەك بازىرى ئېچىلىپ 30 مىنۇت ئىچىدە ئويلىمىغان دەرىجىدە پاي چېكىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەندە، بۇنىڭدىن قاتتىق ئالاقزادە بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پايچەك بازىرىنى دەرھال تاقىغانلىقى، پايچېكىنىڭ دولقۇنسىمان شەكىلدە ھەر كۈنلۈكى ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ ھادىسە، بازار ئىگىلىكىدىكى ئادەتتىكى ئۇقۇم بولسىمۇ، بىراق خىتاي كومپارتىيەسى پايچېكىنى خەلقئارا بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كۆزەتمەستىن، بەلكى ئۆز سىياسىتىگە مەنتىقلاپ ئىش كۆرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كومپارتىيەنىڭ بۇ خىل قىممەت قارىشىنىڭ غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ بىمەنە ئىقتىسادى قاراش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ۋىليام دوپسون ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىغا باھا بېرىپ: «خىتاي 30 يىلدىن بىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمدىلىكتە خىتاي ئىقتىسادى زاۋاللىققا يۈزلەندى» دەيدۇ.
لېكىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقىتساد پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور سېئىجى نىشىخارا ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشى يالغۇز خىتايدىلا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيەدىمۇ بۇ خىل ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ ئوخشاش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋىليام دوپسوننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى سەۋەبچى بولغان بولۇپ، خەلق پۇلىنى چەتئەل پۇلىغا ئالماشتۇرۇشتا، خەلق پۇلىنى كونترول قىلىش، بازارنى قويۇۋەتمەسلىكتەك سەۋەبلەر يۈزىسىدىن خىتاي، بازار ئىگىلىكىنى تەڭشىيەلمەي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغان.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور: «ئەگەر ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىقتىساد تۆۋەنلەپ دۆلەت پرېزىدېنتى بۇنىڭغا لايىق تەدبىر قوللىنالمىسا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئەھۋال خىتايدا يۈز بەرسە خىتايدا ھاكىمىيەتتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بىراق، سىياسەتتە ئۆزگىرىش بولىدۇ» دەيدۇ.
ماقالىدە ئاپتور خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو ئەمگەكچىلەر ھەق-ھوقۇق ئۇيۇشمىسى» نىڭ 2015-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدىكى بەزى بىر سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئالغان بولۇپ،ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 2015-يىلى خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىشچىلار نامايىشىنىڭ سانى 2774 قېتىمغا يەتكەن،بۇ سان 2014-يىلى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش سانىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەن.
ۋىليام دوپسون ماقالىسىدە خىتايدا نېمە ئۈچۈن نامايىش سانى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ بارىدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتى كىشىلەرنى ساراڭ قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. تىجارەتچىلەر خىتاينىڭ بازار ئىگىلىك سىستېمىسىغا ئىشەنمەيدۇ. كومپارتىيەنىڭ توغرا ئىستراتېگىيەسى يوق. پۇقرالارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرگۈدەك ئەمەلىيىتىمۇ ھەم. خىتايدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋەيران بولدى. دۆلەت مەبلىغى بازارنى كونترول قىلالمىدى. ئەكسىچە، كومپارتىيە بازارنى ئېلىۋالدى. خىتايدا ئىقتىساد تۇرالغۇسىز ھالەتكە ئۆتتى. خىتاينىڭ ئىقتىسادى پىلانىنى پۇقرالار كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي ئويۇنى دەپ قارايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، غەربلىك بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي دۆلىتىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقان سودىگەرلەرگە سىگنال بېرىپ: «خىتاي دۆلىتى كوممۇنىستلارنىڭ قىمارخانىسى. كوممۇنىستلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى خىتاي بازارلىرىغا مەبلەغ سالغاندىن قائىدە-تۈزۈملۈك، بىر-بىرىنى ئالداش چەكلەنگەن، ئەخلاقىي پەزىلىتى بولغان غەربنىڭ قىمارخانىلىرىغا پۇل تاشلىغان ياخشى» دېگەن.
ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 9-فېۋرالدىكى سانىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ھەققىدە مۇخبىر شانون تېچىنىڭ «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى كۈچلۈك» سەرلەۋىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى كېلەر قېتىملىق قۇرۇلتايغىچە تۈگىتەلمەسلىكى پەرەز قىلىنىپ،بۇ ھەقتە بەزى بىر مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن.
ئۇ ماقالىسىدە، بۇ يىل يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەركەزدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
مۇخبىر شانون تېچىنىڭ دېيىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى 2016-يىلى تېخىمۇ قاتتىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ھازىر ھەممىدىن بەكرەك قىزىقتۇرۇۋاتقىنى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە كىمنىڭ تورغا چۈشۈشى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەۋەردارلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بايانىدا،2012-يىلىدىن باشلاپ 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغىچە ئىزچىل ھالدا پارا ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە كېلەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا مەركەزنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقلىرىدىن بىرىنى ئېلىشقا ئىنتىلىۋاتقان خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى مەلۇم بىر مۇھىم ئەربابنىڭ تا ھازىرغىچە قولغا ئېلىنماسلىقى كىشىلەرنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان گۇمانىنى قوزغاپ قويغان.
شانون تېچى ماقالىسىدە: «شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئاساسەن قولغا ئېلىنىپ بولدى. بىراق، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن بىر دوستى پارىخور بولسىمۇ، يەنىلا تېخىچە تۇتۇلمىدى. ئەگەر ئۇ قولغا ئېلىنمىسا، ئۇ چاغدا شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت ئىچىدىكى رەقىبلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ» دەيدۇ.
ئۇنىڭ تەھلىلىچە، 2017-يىلى كۈزدە بېيجىڭدا 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر ئىلى كېچاڭدىن باشقا مەركەزدىكى بارلىق ئەمەلدارلار ئالمىشىدىكەن. شۇڭا بۇ قۇرۇلتاي باشلىنىشىتن ئاۋۋال خىتايدا ھازىردىن باشلاپ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى باشلانغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن يۈكى نىشى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتايدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەنەنىسى بولۇپ،خىتاي كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلانغاندىلا بۇ خىل خاھىشتىن خالىي بولىدۇ» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00