بۇ يىل ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيەنىڭ مىللەتچى ئېقىمىدىكى «ياپونىيە ئالغا» (Japan Forward) تورى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، ياپونىيە-خىتاي دوستلۇقىنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىدە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى جاراھەتنى ساقايتماقچى بولۇپ، خىتايغا نۇرغۇن ياردەم بەرگەن. ئەمما خىتاي 80-يىللاردىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ياردىمىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ھەربىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەگە تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ ياپونىيەگە تەۋە سېنكاكو ئارىلىنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىكەن. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى قاتارلىقلارمۇ ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋاتقان سەۋەبلەر ئىكەن. شۇڭا ياپونىيە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «4 دۆلەت ئىتتىپاقى» غا كىرىپ، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئورتاق كۈچ شەكىللەندۈرگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەھمۇد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بەزى كونسېرۋاتىپ ۋەكىللەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە كېلىۋاتقان تەھدىتنى ئۆز مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پەقەت خىتاينىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر كوزىر قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياپونىيە خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 25 مىليارد دوللار ياردەم قىلدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ياردەمنى خۇشاللىق بىلەن ئالغان بىلەن، ئۆز پۇقرالىرى ئالدىدا ئۇنى تۈزۈك ئېتىراپ قىلغىنى يوق. خىتاي دۇنياغا ئۆكتەملىك قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنى، شۇنداقلا ئۆز ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ياپونىيەمۇ يىللاردىن بېرى دۇنياغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان بۇ يالماۋۇزنى (خىتاينى) نېمىشقا بېقىپ سەمرىتىپ قويغانلىقى ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك».
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كو (Raymond Kuo) ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ 50 يىللىق مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ۋە 90-يىللاردا ياپونىيە تەرەققىي قىلغان دۆلەت، خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارىلاتتى، ياپونىيە خىتايغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ كەلگەن. ئەمما ھازىر ۋەزىيەت ئۆزگەردى، خىتاي تەرەققىي قىلغان دۆلەت دەپ قارىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ياپونىيەنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىمۇ ئۆزگىرىپ، ئۇنى سىياسەتتە دوست، سودىدا مەنپەئەتدار دۆلەت قاتارىدا ئەمەس، بەلكى رىقابەتچى قاتارىدا كۆرۈشكە باشلىدى».
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدەك مۇستەبىت بىر كوممۇنىست دۆلەتنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى تۈپتىن خاتا بولغان، خىتاي تاكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چىقىپ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرگەنگە قەدەر خەلقئارا سودا قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلماي كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ ياپونىيە سەل قارىيالمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەن.
ئىلھام مەھمۇد ئەپەندى ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قويغان چەكلىمىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياپونىيە شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئەمما تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشتا ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەتقىقاتچى رايموند كونىڭ قارىشىچە، ياپونىيەمۇ باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتا قېلىشنى خالىمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ناھايىتى روشەنكى، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك. ئەمما خىتاي بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ياپونىيەمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى تۇتۇۋالغان. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى تەمىنلىگەن خەۋپسىزلىك بىلەن خىتاي تەمىنلەيدىغان مەنپەئەتكە تەڭلا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق قۇردى. ئامېرىكا ئۇ جايدا ئۆز نوپۇزىنى تىكلەيمەن دېسە، ئۇ دۆلەتلەردە ئەسكىرىي قىسىملىرىنىلا تۇرغۇزۇپ قالماي، سودا ۋە ئىقتىساد بۆلۈملىرىنىمۇ قۇرۇشى كېرەك».
«ياپونىيە ئالغا» تاراتقۇسى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە «ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش، قىيناش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش خىتايدا ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە يېقىندا نيۇ-يوركتىكى يورك خانتىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، خىتايدىكى جىنايەتلەرنى تېما قىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ پەقەت نەزەرىيەلا ئەمەس، ئۇيغۇر رايونىدا ھەقىقەتەن يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.