ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى: خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تارىختا بىرەر قېتىممۇ دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغان ئەمەس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.05.15
yaponiye-heptilik-hewerliri-zhurnal.jpg ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ئىلگىرى بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى بويىچە دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتۈگەن، ھازىر توكيو تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئوبارا بونجى يېقىندا ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ ئىككى خىل يىپەك يولى قۇرۇش پىلانى بار. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا كەبى دۇنيا ساقچىسى بولۇش» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

ماقالە ئاپتورى ئوبارا ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:«30 - مارت كۈنى يەمەننىڭ ئەل - ھۇدايداھ دېڭىز پورتىدا بىر توپ كىشىلەر " ياشىسۇن جۇڭگو! ياشىسۇن جۇڭگو! " دەپ توۋلىغىنىچە قوللىرىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي پاراخوتقا چىقىۋاتاتتى. بۇلار جۇڭگو پۇقرالىرى بولۇپ، ئارىسىدا قىسمەن چەتئەللىكلەرمۇ بار ئىدى. بۇ قېتىمقى يەمەندە ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پەرمانى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پىلانلىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.»

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ ھەربىي پاراخوتىنىڭ سومالىي ئادېن دېڭىز پورتىدىن يولغا چىقىپ يەمەنگە كەلگەنلىكىنى،خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سومالىيدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە قىزىل دېڭىزدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىكى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى توغرىسىدىكى ماقالە
ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىكى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى توغرىسىدىكى ماقالە

ئاپتور ماقالىسىدە 29 - مارت كۈنى خىتاينىڭ بۇ ھەربىي پاراخوتى سومالىيدىكى ئادېن پورتىدىن 122 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ۋە تۆت نەپەر چەتئەللىكنى ئېلىپ يەمەنگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا يەمەندىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان 571 نەپەر خىتاي ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

30 - مارتتىكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، شۇ قېتىمقى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يەمەن ۋە سومالىيدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان 571 كىشىنىڭ 179 نەپىرىنىڭ پاكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ ئۇرۇش ھالىتىدىن ئەندىشە قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرىنى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىگە تايىنىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە نورمال بىر ھەربىي ھەرىكەت ھېسابلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يەمەننىڭ دېڭىز پورتىدا پەيدا بولۇشى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئوبارانىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پىلان بويىچە ھىندى ئوكياندىن ئوتتۇرا شەرققە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئافرىقا ئەللىرى ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشى، قوشنا ئەللەر بىلەن ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش، بىرلىكتە ئورتاق ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى خەلقئاراغا نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

مۇتەخەسسىس ئوبارانىڭ كۆزىتىشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئېلىپ بارغان ئۆز پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى خىتاي دۆلىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» دىن ئىبارەت ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى ھەددىن ئارتۇق قۇدىرەتلىك دەپ پەرەز قىلىشقا بولمايدىكەن.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى سومالىي ئادېن پورتىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كېچىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ شۇندىن باشلاپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئاتلانغان.

ماقالىدە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە تارتىلغان بەزى سۈرەت، سىنئالغۇلارغا ئاساسلانغاندا، قۇتقۇزۋېلىنغان خىتاي پۇقرالىرى قوللىرىدا دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن، روھىي كەيپىياتىدا جىددىيلىك بولمىغان، تەمكىن ھالدا، «جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنى قارشى ئالىمىز» دېگەن لوزۇنكىلار ئېسىلغان ھەربىي پاراخوتقا چىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن بايراقلارنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى تەرىپىدىن ئالدىن تەييارلانغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەمەندە ھېچقانداق بىر خەتەرگە يولۇقمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چەتئەل پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا قىزغىن يۇمشاق مۇئامىلىدە بولۇشى ۋە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە نامايەن قىلىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەلقئارادىكى بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىلىچە، خىتاي ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ئېكىسپورت قىلىشتا، يەمەننىڭ دېڭىز يولىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەمەندە سىياسىي ۋەزىيەت توساتتىنلا ناچارلىشىپ ئۇرۇش ھالىتى شەكىللىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ باشقا دېڭىز يوللىرىدىن پايدىلىنىشىغا توغرا كېلىدىكەن.

ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى ئوبارا ماقالىسىدە، خىتاي «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئىككىدىن ئوشۇق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇرۇش تەجرىبىسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوبارا ماقالىسىنىڭ خاتىمىسىدە، ھازىرقى دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل كۈچەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن قاتارلىق رەئىسلەرنىڭ ئۆز دەۋردە ھەربىي ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي، سىياسىيغا كۈچەپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتكەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، قانۇنشۇناس ياماگاجو خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى گەرچە سان جەھەتتە كۆپ بولىسمۇ، ئەمما تېخنىك ۋە سۈپەت جەھەتتىن تۆۋەن، خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇش پاراخوتلىرى كونا، باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان پاراخوتلار شۇنداقلا تارىخ نۇقتىسىدىن قارىساقمۇ، خىتاي دۆلىتى تارىختا بىرەر قېتىممۇ دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغان ئەمەس.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.