خىتاي سېنكاكۇ مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00


خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسى ئىز چىل داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە ياپونىيەلىك ژۇرنالىست ماسارۇ سوما بۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ئارال مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.

يۇقىرىدىكى قاراشلار ئۇ يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورى شى جىنپىڭ قېيىن ئەھۋالدا» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالە ياپونىيە شوگاكان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «ساپىئو» ژۇرنىلىنىڭ 2016 - يىللىق 3 - سانىغا بېسىلغان.

ھالبۇكى، ماسارۇ سومانىڭ مۇلاھىزىسى ھەققىدە توختالغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلغۇدەك كۈچى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.

ژۇرنالىست ماسارۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن خوڭكوڭدىكى خىتاي - ياپون مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز جىددىيلىشىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىگە دائىر بىر قىسىم قاراشلىرىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرى، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ھىمايىسىدە يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سېنكاكۇ ئارىلىغا تېزلىكتە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن شۇنداقلا ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسمى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىغا يەنە يېقىنلاشقان بولۇپ، ياپونىيەدىكى بەزى بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بۇ پاراخوتلارنى يېڭىدىن ياسالغان ئۇرۇش پاراخوتلىرى دەپ پەرەز قىلغان.

خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 9 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا كېمىلىرى يېقىندا ياپونىيەنىڭ چىبا ئۆلكىسىدىكى يېرىم ئاراللار ئەتراپىدا ھەرىكەتتە بولغان، ئەمما ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمىگەن.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8 - فېۋرال يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان ۋە خىتاي رازۋېدكا كېمىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىنورمال ھەرىكەت دەپ قارىغان.

ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەڭ كۆپ كىرگەن يىلى 2015 - يىلى بولۇپ، ئۇلار شۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا 20 قېتىمدىن ئارتۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ جىددىيلەشكەنلىكىنى، بەزى ياپون مۇتەخەسسىسلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش قىلىش قانۇنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەقسەتلىك ھالدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكىتى دەپ قارايدىكەن.

«ساپىئو» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 3-سانى
«ساپىئو» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 3-سانى


زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى مانجۇ ئايال يازغۇچى مېڭشا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: «خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي بىلەن ياپونىيە 1972 - يىلى تۇنجى قېتىم دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندا، خىتاي سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدى. لېكىن كېيىن يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ بۇ ئارالنى تالىشىشقا باشلىدى. خىتاي بۇ مەسىلىدە خەلقئارا سوتقىمۇ چۈشەلمەيدۇ. بىراق خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە سېنكاكۇ ئارىلىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ. خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىن ياپونىيە تەرەپمۇ ھەربىي جەھەتتە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە باشلىدى» دېدى.

ياپونىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئارىما خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ:«مېنىڭچە، ھازىرقى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپرەك سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.

بىراق، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن كېنشىرو سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:«سېنكاكۇ ئارىلى ياپونىيەنىڭ تۇپرىقى بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇ مەسىلىدە ئىزچىل ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي كېلىۋاتىدۇ. خىتاي مېنىڭچە بۇ مەسىلىسىنى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تەييارلانغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ماقالىدە يەنە خوڭكوڭدىكى «ئا ت ۋ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەسئۇلىنىڭمۇ سۆزى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە: «شى جىنپىڭ ئارمىيىنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. خىتاينىڭ 7 ھەربىي رايونى ھازىر جىددىي ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ ئاساسلىق 7 ھەربىي رايون ماۋ زېدۇڭ زامانىسىدە ئىچكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن بولسا، ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ زامانىسىدە چەتئەلگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئارمىيە رەھبەرلىرىگە يىغىن چاقىرىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېگەن.

ماقالىدە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇنىڭ خىتاينىڭ سېنكاكۇغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى توغرىسىدىكى بەزى بىر قاراشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ،:«خىتاي ياپون بىلەن ئۇرۇش قىلسا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شى جىنپىڭ ھازىر قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر كۆپ. ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇش پىلانىنى شى جىنپىڭغا قارشى ھەربىي ئىچىدىكى كۈچلەر پىلانلىغان. ئۇلار بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق شى جىنپىڭنى يوقاتماقچى. گەرچە بېيجىڭ توكيوغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇش دىپلوماتىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشنى تېخى بالدۇر دەپ قارايدۇ. مەنمۇ ئەلۋەتتە شى جىنپىڭ بىلەن بۇ مەسىلىدە ئوخشاش قاراشتا» دېگەن.

بېيجىڭدىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ يۇقىرىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ ئۆتكەن يىلى مەركەزدە ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىدا بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پروفېسسور ليۇ دوكلاتىدا: «ئەگەر بىز ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلساق، ھازىرقى ھەربىي كۈچىمىزدىن قارىغاندا ئۇرۇشتا «ئۇتۇش» نى تاللاش ھوقۇقىمىز بولمايدۇ. مۇتلەقكى ئۇتتۇرىمىز. ئۇ چاغدا شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋەيران بولىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

ليۇ دوكلاتىدا يەنە:«بىز ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ ئۆزىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتىنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ئىچىدە ھازىر دەرھال سېنكاكۇ ئارىلىغا ئۇرۇش باشلاش خاھىشىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈۋالغانلىقىغا قارشى ئىكەن.

پروفېسسور ليۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئارمىيە ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆزگەرتىش، شى جىنپىڭغا قارشى ھەربىي ئىچىدىكى كۈچلەرنى يوقىتىش كېرەك ئىكەن.