ياپونىيە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىساس ئېلىش يولى» ناملىق ماقالە ھەققىدىكى ئىنكاسلار
2016.01.05
ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىساس ئېلىش يولى» ناملىق چاتما ماقالە ھەققىدە توختالغان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىگە توغرا بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
ماقالە 3-يانۋاردىن باشلاپ ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «ماينىچى شىنبۇن» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنى مەزكۇر گېزىتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇخبىرلىرى بىرلەشمە گۇرۇپپىسى قەلەمگە ئالغان.
«ئۇيغۇرلارنىڭ قىساس ئېلىش يولى» ناملىق ماقالىنىڭ باش قىسمىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە نۆۋەتتە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى، ئەگەر ئوتتۇرا شەرقتە بۇ خىل ۋەزىيەت داۋاملىشىۋەرسە شى جىنپىڭنىڭ بۇ پىلانى خىتاي دۆلىتى ئويلىغاندەك ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغان يول بولماستىن، بەلكى خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان بىر ئۇرۇش كارىدورىنىڭ شەكىللىنىش خەۋپىدىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە: «سۈرىيەدە ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە تولىمۇ نەپرەتلىنىدۇ» دېيىلگەن.
بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن توكيودىكى «ماينىچى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، مەسئۇل مۇخبىر ئۆزىنىڭ ھازىرچە بىز سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىغا بولسا خىتايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە يوشۇرۇنچە قېچىپ چىقىپ كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇللا، ئابدۇقادىر، ئابدۇرازاق قاتارلىق ئۈچ نەپەر ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلگەن.
سۆھبەت خاتىرىسىدە ئالدى بىلەن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ 2013-يىلى قەشقەردىن چىقىپ، لائوس، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە پاناھلىنىپ ئاخىرى 2014-يىلىدا تۈركىيەگە سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇ، «ئۆز يۇرتىدىكى خىتايلارنى پەقەتلا قورال ئارقىلىق ھەيدەپ چىقىرىش مۇمكىن» دېگەن نىيەتكە كەلگەنلىكى، شۇڭا ئۇ، ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىپلا سۈرىيەدىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ مەركىزىگە بېرىپ ھەربىي تەلىم ئالغانلىقى ۋە كېيىن ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئابدۇللانىڭ سۈرىيەدىكى سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلغان.
سۆھبەت خاتىرىسىدىكى ئىككىنچى شەخس ئابدۇقادىر 2014-يىلى 11-ئايدا مالايشىيادىن تۈركىيەگە ئۈچ ياشلىق بالىسى ۋە باشقا بەش نەپەر ھەمراھى بىلەن بىرگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ، چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئۆي ۋە ماشىنىسىنى سېتىپ دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ سەپەرگە ئاتلانغان ۋە تۈركىيەگە بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئازاب تارتقان.
ئۈچىنچى شەخس بولسا 2015-يىلى 6-ئايدا ئاقسۇدىن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن ئابدۇرازاق بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا خىتايلارنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇنبەت يەرلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، قەشقەردە كوچا-كويلارغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇلۇپ كىشىلەرنىڭ دىنىي كىيىنىشى، ساقال-بۇرۇت قويۇشىدەك تەرەپلەرگىچە چەك قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەتتا كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونىغىچە كۆزىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە مۇخبىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن سوئال سورىغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك: «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداقتۇر باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىش ئەمەس بەلكى قورال ئېتىشنى ئۆگىنىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ جاۋاب بەرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئىۋاناگا مەزكۇر ماقالە ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي دۆلىتى ئۆزىدىكى تېررورغا بولغان ئەندىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئىسلاھات قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بۇ تېررورلۇق ھەرىكەت ھېسابلانمايدۇ» دېدى.
ئاخىرىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت مەزكۇر ماقالە ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى ۋە ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىگە توغرا بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.