ئىلھام ماھمۇت: «ياپونىيەدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى كۈچەيتىمىز»

0:00 / 0:00

20-يانۋار كۈنى ياپونىيە دۆلەتلىك NHK تېلېۋىزىيە قانىلىدا 18-يانۋار سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان گاتو ۋە يۇكاۋا ئىسىملىك ئىككى نەپەر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلىگەندىلا ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشلەنگەن سىن-ئالغۇ لېنتىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

شۇ كۈنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسرائىلىيە دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې مەزكۇر ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ۋەقەنى ھەل قىلىشتا ئۆزلىرىگە تۈركىيە ۋە ئىئوردانىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا شۇنداقلا تور بەتلىرىدە مۇسۇلمانلار، ئىسلام ئەللىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار ماقالە-ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى. NHK مۇخبىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ پىكىر -قاراشلىرىنى ئالغان بولۇپ، ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى مۇخبىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ھەم ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئىگىلىدى.