ياپونىيە «ئاساھى گېزىتى» دە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر يۈرۈش خەۋەرلەر بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-03-17
Share
yaponiye-uyghur-mesilisi-tv.JPG ياپونىيە تېلېۋىزىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھاكىمە پروگراممىدىن تارتىلغان سۈرەت. 2014-يىلى مارت.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئاساھى گېزىتى» نىڭ 15-مارتتىكى سانىدا چاڭشادا يۈز بەرگەن ۋەقە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا ئۇكرائىنا قىرىم مەسىلىسىنىڭ كۆپ مىللەتلىك خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىگە سەلبىي تەسىر بېرىشتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىر يۈرۈش خەۋەرلەر بېرىلگەن.

«ئاساھى گېزىتى» نىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىدە 14-مارت ئەتىگەندە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى بىر سودا كوچىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان ناۋايخانىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەلدە ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنى قىڭراق بىلەن چاناپ ئۆلتۈرگەنلىكى،ئارقىدىنلا ئۆلتۈرگۈچى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى قىڭراقنى قولىغا ئېلىپ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە جەمئىي بەش كىشىنىڭ ئۆلۈپ،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان.

خەۋەردە يەنە چاڭشادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم يېنىدا پىچاق ساقلايدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ بەزى بىر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تور مۇنازىرىسىدە بىر قىسىم خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىسە، يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنى «تولىمۇ قورقۇنچلۇق خەلق» دەپ تەرىپلىگەنلىكى، يەنە بەزىلەرنىڭ «خىتاي جەمئىيىتىدىكى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى تېررورىزمدىن پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ خىلدىكى جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا قارىتىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ۋەقەلەرگە باھا بېرىشتە قەتئىي ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىك كېرەك» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ئاساھى گېزىتى» دە «خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن 29 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان ۋەقەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى، تېررورچىلىرى پىلانلىق ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ باھا بەردى. ئەمما بۇ قېتىمقى چاڭشادا يۈز بەرگەن ۋەقە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس. چۈنكى ۋەقەدە ئالدى بىلەن ئۆلگىنى ئۇيغۇر شۇڭا كىشىلەر بۇنىڭغا باشقىچە قارىشى مۇمكىن. ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق باش ئاغرىقى بولماقتا» دېيىلگەن.

«ئاساھى گېزىتى» چاڭشادا يۈز بەرگەن خەۋەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

«ئاساھى گېزىتى» نىڭ 15-مارتتىكى سانىغا يەنە «213 نەپەر ئۇيغۇر تايلاندتا قوغدالماقتا» دېگەن سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا «213 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن تايلاندىكى بىر كاۋچوك دېھقانچىلىق مەيدانىغا مۆكۈنۈۋالغان. ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس. قوغدىلىۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرىنى ‹تۈرك› دەپ ئاتىۋالغان. لېكىن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنى بەلكىم خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇرلار ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە 90 نەپەر ئەتراپىدا كىچىك بالا بار. بۇ كاۋچوك دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئۆتكەن يىلى كامبودژاغا كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرمۇ مۆكۈنۈۋالغان. ساقچىلار بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىۋاتقان بىرى قېچىپ كەتكەن،ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە بەلكىم قېچىپ كەتكەن كىشى قانۇنسىز كۆچمەن يۆتكەش گۇرۇھىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئېھتىماللىقى يېقىن» دېيىلگەن.

ياپونىيە «ئاساھى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە «تايلاند ساقچى تەرەپ باڭكوكتىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى.شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورىدى» دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە «تايلاندتىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ‹تۈرك› دەپ ئاتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى كۆزلىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك» دېيىلگەن.

«ئاساھى گېزىتى»نىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «خىتاي ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشامدۇ-يوق؟» سەرلەۋھىلىك سىياسىي مۇلاھىزە ماقالىسىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ رۇسىيەدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمشىرىكىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ماجىراسىغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان، ھوشيار بولۇش ۋە ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت بىرتەرەپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ۋە سىياسىتىنى نامايان قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن،» دېيىلگەن.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتى بولسا ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنادىكى قىرىم مەسىلىسى سىياسىي ئوتىنىڭ ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇنداقلا قىرىمدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئوخشاش خىتايدىكى ئۇيغۇر،تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چەت دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە خىتاي زېمىنىغا ئەسكەر كىرگۈزۈشىنى، شۇنداقلا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭنىڭ ھەر دائىملىق باياناتىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 10-مارت ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى يۇرىنا خانىم تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-تايلاندتىكى ئىككى يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدىكى زۇلۇم دەستىدىن چېگرا ئاتلاپ قېچىشىنىڭ ئۆزىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى دەپ قارايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت