ياپونىيە ژۇرنىلىدا ماقالە: ئۇيغۇر، تىبەت رايونىدا نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەتلەر مەۋجۇت؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.04.02
Tarix-zhurnili-muqawisi-yaponiye-305.jpg «دۇنيا تارىخى ئوقۇش كىتابى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

ياپونىيە يوسىنشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «دۇنيا تارىخى ئوقۇش كىتابى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق سانىدا «ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەتلەر مەۋجۇت؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ژۇرنالدىكى بارلىق دۇنيا ۋەزىيىتىگە دائىر ماقالىلەر ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان چىبا، كيوتو، ئوكاياما ۋە مېيجى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە شۇنداقلا ماسۇدادەك بىر قىسىم ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان ماقالىلەردۇر.

«دۇنيا تارىخى ئوقۇش كىتابى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سانىدا ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە دائىر ماقالىدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا شەرق يەنى سۈرىيە، ئىراقتىكى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا ئائىت ئۇچۇرلار شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئۇكرائىنانىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى دېگەندەك تېمىلاردىكى دۇنياۋى سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى سىياسىي ئانالىز ماقاللىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، خىتايدىكى 56 مىللەت ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتايدەك كۆپ مىللەتلىك، زور نوپۇسقا ئىگە بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ پەقەتلا 8% نى 55 مىللەت ئىگىلەيدىغانلىقى، 92% بولسا خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت،موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە ئاپتونوم رايون قۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۈچ ئاپتونوم رايون ھەقىقىي ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىتىدىن، قانۇنىدىن شۇنداقلا ئاپتونوم رايون ئىمتىيازلىرىدىن تەلتۆكۈس مۇستەسنا بولغان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى رايونلار بولۇپ، بۇ ئۈچ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۆز دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىدا كۈرەش قىلىۋاتقان رايونلار» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ھەققىدە توختالغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ،بۇ رايوندا مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ 8-ئېسىدىن باشلاپ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلەپ، دەۋر سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا موڭغۇل ئىستېلاچىلىرىنىڭ قول ئاستىغا ئۆتكەنلىكىنى، كېيىنچە 18-ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلاسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بۇ رايون نامىنىڭ «شىنجاڭ» يەنى «يېڭى چېگرا رايون» دېگەن نام بىلەن ئاتالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرغان 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنى 1949-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ماقالىنىڭ تىبەتلەر تارىخىغا ئائىت قىسمىدا بولسا 1642-يىلى دالاي لاما بەشىنچى قۇرغان خانلىقتىن تارتىپ 18-ئەسىردىن باشلاپ تىبەتنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان دەۋرىگە قەدەر بولغان تارىخىي جەريانلار ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە، تىبەتكە 1950-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن تىبەت خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، تىبەتتىن ھىندىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان دالاي لاما ئونتۆتنىڭ، ھازىرقى ھىندىستاندىكى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى 1965-يىلى قۇرغانلىقى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.

ژۇرنالدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دىۋېزىيەسىگە كۆچمەن يۆتكەشنى ئىلگىرىدىن تارتىپلا باشلىغانلىقىنى، ئۇزاق ۋاقىتلىق خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلاردىن خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا يۈز بەرگەن ئون يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي كۈرەش داۋامىدا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، كىملىكى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ماقالىدە قىسقىچە توختالغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان توختاپ قالماي ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 1990-يىللاردىن كېيىن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قىسىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۇزۇندىن بۇيان مۇستەقىللىققا تەلپۈنۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە تېخىمۇ زور ئىلھام بەخش ئەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تاسادىپىي ھەرىكەتلەر ئەمەسلىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

«دۇنيا تارىخى ئوقۇش كىتابى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە 2009-يىلىدىن باشلاپ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، ساقچى، قوراللىق قىسىملارنىڭ ئۆز‏-ئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا شىددەتلىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇر، تىبەتلەرمۇ ئۆز ئالدىغا خاس ھالدا تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ھەرىكىتىدە ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن تىبەتلەرنىڭ ئۆز جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەر ھەققىدىكى بۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 2013-يىلى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بارغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ھەرىكىتى بىلەن 2014-يىلى ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلەر دەپ ئاتاپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئىلگىرى ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا، تالىبانلارغا باغلىغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇلارنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا باغلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇقنى باستۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارنى قانۇنسىز ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىۋاتىدۇ. بېيجىڭنىڭ بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب، ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان جۇڭگونىڭ بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەت. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى گاز، نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، تىبەت بولسا كۆمۈر بىلەن، شۇڭا بېيجىڭ بۇ ئىككى بايلىق ماكانىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى چېكىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبىدىن چېگرا ئاتلاپ چەتئەللەرگە قاچىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.