ياپونىيە ئاخباراتى: خىتاي ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-07-03
Share
yaponiye-uyghur-mesilisi-terror.JPG «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇندىكى مەزكۇر ماقالىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Qutluq

مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى كەلگۈسى مەنپەئەتىنى قوغداشتا يەنىلا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاجلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر كىمجۇن ھى ماقالىسىدە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنخېنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ھۆكۈمىتىمىز بۇ تەشكىلاتنىڭ قورال ياراقلىرىنىڭ، ئىقتىسادىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگىرلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق، ئىشەنچلىك، پاكىتلىق ماتېرىياللارنى توپلىدى» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيىسى ھازىر جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، شىنجاڭدىكى ئافغانىستان، پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلاردا باستۇرۇش ھەرىكىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

بېيجىڭنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئائىت باياناتلىرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقىلىق مەزكۇر تەشكىلاتقا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلىغان ھەمدە مۇستەقىلچىلەرنىڭ 40 تىن ئوشۇق مەشىق لاگېرىدا خىتايغا قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي تۈردە مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.

ماقالىدە 6-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقە مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ :«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى تېررورلۇقنى تور ئارقىلىق خىتاي ئىچىگە تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېرى، ئۆتكەن يىلى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەرنى سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى دۇنيا تېررورچىلىق ھەرىكىتىگە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ‹جىھاد› ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىتى يالغۇز خىتاي دۆلىتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى جىھاد ھەرىكىتىدۇر» دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى يۇرىنا خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى دۇنياغا تەھدىت دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى بۇ تەشكىلاتقا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ جاكارلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىمجۇن ھى ماقالىسىدە پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بېيجىڭ پاكىستاننىڭ ھەمىشە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باستۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىغا ھەشقاللا ئېيتىدۇ. ئىقتىسادىي ۋە باشقا كۆپلىگەن تەرەپلەردە پاكىستانغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە ئاپتور ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزايىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، كارازىيىنىڭ 12 يىل ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا جەمئىي 6 قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، بۇ يىل 6-ئايدا بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە «بىز كونا دوستلاردىن» دېگەنلىكىنى شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كارزايى: «ئەگەر مەن يەنە ئافغانىستانغا پرېزىدېنت بولۇپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى تۈزەشكە توغرا كەلسە، مەن خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات مودىلىنى ئۆز دۆلىتىمگە تەدبىقلايتىم» دەپ ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدىكى سودا-تىجارەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ داۋاملىق كابۇل ھۆكۈمىتىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى بىلەن قوشنا ئەللەردە ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا دائىم قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن بېيجىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق دەپ قارايدىكەن. ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارازايى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «بېيجىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇشىنى خالايدۇ» دېگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى بۇ قەدەر قوللىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ، 2012-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ قىيىنلاشقانلىقىنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 26-ئىيۇن كۈنى ئىراقتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىراقتا مىڭدىن ئوشۇق خىتاي ئىشچىسىنىڭ خەتەرلىك رايونلاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ساق ‏-سالامەت ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سۆزىدە يەنە ئۇندىن باشقا ئون مىڭدىن ئوشۇق خىتاي ئىشچىنىڭ بىخەتەر جايلاردا ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي ئىراقنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشىغا ياردەمدە بولۇش مەقسىتىدە، جەنۇبىي قىسىمدىكى نېفىت مەركەزلىرىگە كۆپلىگەن ئىشچىلارنى ئەۋەتكەن. 2009-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىراقتىن نېفىت ئىمپورت قىلىشى ئېشىپ بارغان.

خىتاينىڭ ئىراقتىن ئەڭ كۆپ نېفىت سېتىۋالىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن «نيۇيورك تايمېس گېزىتى» بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي ئىراقتىن نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى» دېگەن.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ھەققىدە توختالغان شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پاكىستان ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى،تەتقىقاتچى دۇ يۇكاڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەتى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەندەك، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىمۇ ئوخشاشلا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت