ياپونىيە ئاخباراتى:«خىتاي شىنجاڭنى قاتتىق باشقۇرۇۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى «جاپان تايمېس» گېزىتىنىڭ 6-ئاۋغۇست سانىدا «خىتاي شىنجاڭنى قاتتىق باشقۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە يەكەندە 28-ئىيۇل كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان ۋە شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يەكەنگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر سىياسىي ئانالىز ماقالىسى مۇنداق باشلانغان: «يېقىندا يەكەندە ۋەقە تۇغۇلدى. بۇ ۋەقە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى كۆلىمى زور بولغان ۋەقە بولۇپ،5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ھۆكۈمەت ئالتە كۈنگىچە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى يۆتكەپ تازىلىغان ئىدى. يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خىتاي ئاخباراتلىرى تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرلاردىكى سۈرەتلەردىن ۋە بەزى بىر مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا بېيجىڭ تۆمۈر مۇشتۇمى بىلەن باشقۇرۇۋاتقان بۇ رايوندىكى بۇ ۋەقەنى چۈشىنىۋېلىش ئانچە تەس بولمىسا كېرەك.»،دېيىلگەن.

ماقالىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ھەددىدىن ئارتۇق دەرىجىدە باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۆتكەن يىلى ئوخشاشلا بۇ رايوندا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئاسىيا ژۇرنالىستلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بوب ھازىر يەكەنگە مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەن جايلارغا چەتئەل ۋە شۇنداقلا خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇپ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتىدۇ. ئاخباراتچىلارنى خىتاي دۆلىتى دۈشمەن كۆرۈۋاتىدۇ»،دېگەن.

بوب سۆزىدە يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەندىكى ۋەقەنى ھۆكۈمەت ئۆزى تەشكىللىگەن ئارمىيە كۈچىگە تايىنىپ قاتتىق باستۇردى. ئىنتېرنېت، قول تېلېفون قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئۈزۈپ، ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تاشقى دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشىنى توسىدى. يەكەندىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرت سىرتىغا چىقماسلىققا بۇيرۇدى.»،دېگەن.

خىتايدا ئۇزۇن مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان لوندوندىكى خان جەمەتى بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىنستىتۇتىنىڭ تېررورىزم ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى راففائېلو يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ:«ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. سىز ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مۇتلەق بىلەلمەيسىز. شۇڭا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش تولىمۇ تەس»،دېگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئارىسا خانىم ياپونىيە مۇخبىرلىرىنىڭ يەكەنگە كىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

-يەكەندە ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن تبس تېلېۋىزىيە قانىلى قەشقەردىن يەكەنگە كىرمەكچى بولغاندا يول بويىدا توسۇپ قىلىندى.ئۇلار پەقەت قاتار-قاتار تىزىلغان ھەربىي ماشىنىلىرىدا قوراللانغان ھەربىيلەرنىڭ يەكەنگە قاراپ تېز سۈرەتتە كېتىۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە ئېلىپ قايتتى.«ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ مۇخبىرلىرى قەشقەرگىچىلا بارالىدى.

ماقالىدە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان يەكەن ناھىيىسىدە 28-ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنى ھۆكۈمەت تەرەپ پەقەتلا 96 كىشى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى،2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە بولسا 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە خان جەمەتى بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ئىنستىتۇتنىڭ تېررورىزم مۇتەخەسسىسى رافائېللو يەكەن ۋەقەسىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن تېررورلۇق ھەرىكەتلەرمۇ؟ چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن راستىنىلا مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ۋەقەنىڭ سەۋەبى، جەريانى،ماھىيىتى ئوخشاشمۇ دېگەندەك تەرەپلەر دائىم جاۋابسىز قالىدۇ. مەسىلەن يېقىندا قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن توققۇز نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى ‹تېررورچىلار›، دەپ ئېلان قىلدى ۋە شۇنداقلا 30 مىڭدىن ئوشۇق دېھقاننىڭ تۇتۇشقا ياردەملەشكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ۋەقە ‹تېررورلۇق ۋەقەسى› دېيىلدى. ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا ژۇرنالىست، مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەپسىلىي ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلغاندىلا ئاندىن توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ»دېگەن.

ماقالىدە بەزى بىر چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئايروپىلان بىلەن ئاقسۇغىچىلا بېرىپ ئاقسۇ ئايرودرومىدىن ماشىنا بىلەن ۋە بەزىدە پىيادە يول يۈرۈپ يەرلىك خەلقلەردىن ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما كوچىلارغا قويۇلغان ساقچى،قوراللىق ساقچى، ھەربىيلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا پايلاقچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پۇقرالار ۋەقەلەر ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى، سەۋەبى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇچۇر بەرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ژۇرنالىست ۋە مۇخبىرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىدىن خەلق قورقۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىرىدىن شىكايەت قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا :«ئۇيغۇر ئېلىدىن زھۇرنالىستلار ناھايىتى ئازلا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ خىل ھادىسە تىبەتتىمۇ ئوخشاش»،دېگەن.

تەتقىقاتچى مايا سۆزىدە يەنە: «تىبەتتىن ئۇچۇر ئېلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما تىبەت خەلقىنىڭ دەرد- ئەھۋالىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاتراپ يۈرۈپ ئاڭلىتىدۇ. دۇنيا دالاي لامانى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەمەس» دېگەن.

ماقالىدە سىياسىي تەتقىقاتچى زۋېگنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە بەرگەن باھاسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، زۋېگ سۆزىدە:«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىدىن ئۇستىلىق پايدىلانغان بېيجىڭ بىر مەزگىل ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ نەپكە ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا ھېلىمۇ ھەم كۈچىنىڭ بارىچە ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى تېررورىزمغا باغلاپ خەلقئاراغا ئىزچىل ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ بۇ تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلايدىغان ئاق كۆڭۈل، بېيجىڭنى قوللايدىغان تاماشىبىنلار قالمىدى»،دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەنگە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنى توسۇشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پېداگوگ خەيرىنىسا ياسىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.