26-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىي تارقىتىشقا باشلىغان «ياپونىيەنىڭ 2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» دا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان 483-بەتلىك ئاق تاشلىق كىتابنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى ئاسىيا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. خىتاي خەلقئارا قانۇنغا بوي سۇنماي قوشنا ئەللەرنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى».
ئاق تاشلىق كىتابتا خەلقئارا ۋەزىيەت،ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە شىمالىي كورېيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ياپونىيە ئۆزى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن.
كىتابتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ۋە سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىغا قىلغان تۈرلۈك ھۇجۇملىرى يىللىق جەدۋەللەر ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 2016-يىلى 15-ئاۋغۇست خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىدىن 300 گە يېقىن كېمىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا پەيدا بولۇشىنىڭ ئۆزىنى ياپونىيە تەرەپ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت، دەپ ئېيتىلغان.
كىتابتا ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىپ بىرلىكتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ خىتاي ئىچكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان قىسمىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى خىتاي ۋەزىيىتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ،بۇنىڭدا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چېرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى جۇ يۇڭكاڭدەك ئەمەلدارلارنى قولغا ئېلىپ ئۇلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتقانلىقىنى مىسال قىلىپ قىلىپ كۆرسەتكەن.
بۇ قىسمىدا خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا تەۋرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتايدىكى كومپارتىيىگە قارشى خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن خوڭكوڭ ۋە چەتئەلدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرلىكتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر قىسىمدا خىتايدىكى مىللەت مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ ئۇنىڭدا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەتلەر خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىدە بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ يۇقىرىقى مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار بولغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن قانۇنشۇناس يامادا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ياپونىيە ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. ياپونىيە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق يۆنىلىشىگە ۋە كەلگۈسىگە تولىمۇ قىزىقىدۇ. شۇڭا ئاق تاشلىق كىتابقىمۇ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى كىرگۈزگەن بولۇشى ۋە بۇنىڭغا نىسبەتەن ياپونىيە باشقىچە قاراشتا بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دېدى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئاق تاشلىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2015-يىلى ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.