ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىياغا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق» مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.10.20
yaponiye-uyghur-yighin.jpg «ئاسىياغا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق» مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىدى. 2014-يىلى 18-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

18-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىنىڭ تىئەنجىن رايونىدىكى سىكۇشى مەدەنىيەت سارىيىدا «ئاسىياغا ئەركىن ۋە مۇستەقىللىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ياپونىيەدىكى ئاسىيانىڭ كېلەچىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىرما،تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە ئۇيۇشمىسى بىلەن بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە، ئاسىيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى، باراۋەرلىكى ئۈچۈن مىللەتلەر ئۆز-ئارا قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ،تىنچ، ئىناق بولغان ياۋروپا خەلقىگە ئوخشاش گۈزەل ئاسىيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىردەك كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن تەبرىك خېتى يوللىغان ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ۋە شۇنداقلا توكيودا تۇرۇشلۇق ھىندىستان ئەلچىخانىسى باش ئەلچىسىنىڭ بېغىشلىمىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، تىبەتلىك پروفېسسور پىما سۆز قىلىپ، سۆزىدە تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىختىن بىرى ئۆز زېمىنلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرى، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دەرد ئاۋازىغا ئانچە قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تىنچلىقى، ئەركىنلىكى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىبەت ۋەكىلىدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت «ئۇيغۇر ئېلىدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېما ئاساسىدا دوكلات سۆزلەپ،11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ تېررورغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى، قىز-ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، چۈمبەل سېلىشى، ھىجابلىنىشىدەك دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قامىلىۋاتقانلىقىنى، جەرىمانە تۆلەۋاتانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ماھمۇت سۆزىدە يەنە «يەكەن ۋەقەسى» بىلەن خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى، ياپون خەلقىنى جۈملىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بېرىۋاتقان موڭغۇللارنىڭ سىياسىي ھاياتى ئۈستىدە توختالغان موڭغۇل سىياسىي پائالىيەتچى دايچى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان موڭغۇل چارۋىچىلار ھەققىدە توختالدى.

تايلاندتىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى چالىدا خانىم سۆزىدە تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددا دىنىدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش، كۆپ دىنلىق، كۆپ مىللەتلىك رايونلاردىكى مىللەتلەر ئارىسىدا باراۋەرلىك، تىنچلىق ئورنىتىش ۋە شۇنداقلا ھەممىگە ئورتاق بولغان گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بەزىبىر تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ئۆتتى.

بىرمىدىن تەكلىپ قىلىنغان بۇددا دىنىي راھىبى بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ بىگۇناھ خەلقلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ:«ئەگەر كىمدۇر بىرى مېنىڭدىن، دۇنيادا ھەقىقىي تېررورچى دۆلەت قايسى، دەپ سورىسا، مەن شۈبىھسىزكى، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بىرما ھۆكۈمىتى، دەپ جاۋاب بېرىمەن» دېدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ياپون سىياسەتچىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجاۋزۇچىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، خىتاينىڭ ئوكىناۋانى ياپونىيە تۇپرىقىدىن ئايرىۋېتىش ۋە ئۆزىگە قوشۇۋېلىش مەقسىتىدە بىر قىسىم ئوخشىمىغان قاراشتىكى ئوكىناۋالىقلاردىن پايدىلىنىپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە باشلىنىپ سائەت بەشتە ئاخىرلاشتى.

بىز يىغىندىن كېيىن، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان، ئەنگلىيىدىن ياپونىيەگە قىسقا مۇددەتلىك ياپون مەدەنىيىتى ئۆگىنىش كۇرسىغا كەلگەن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزىتىپ يىغىن ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىشنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ زىيارىتىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

-مېنىڭچە، بۇ مەسىلىلەر تولىمۇ قېيىن مەسىلىلەر. ئەمما بۇ خىلدىكى يىغىلىشلار ئارقىلىق ئۆز -ئارا پىكىرلىشىش، سۆھبەتلىشىش، مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن شۇنداقلا خىتايدىكى كۆپلىگەن رايونلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

بىز ئاخىرىدا، بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.