مۇتەخەسسىسلەر: ياسىن سىدىقنىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش پىلانىنى نامايان قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.08.29
Yasin-Sidiq.jpg ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ياسىن سىدىق.
Social Media

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ياسىن سىدىق 20‏-ئاۋغۇست كۈنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، دىنىي كىملىك قارىشىنى تەنقىدلەپ، ئۇلاردىكى ئۆزلىرىنى تۈركىي قوۋم ۋە يەرلىك خەلق، دەيدىغان ئەنئەنىۋى قاراشلارغا ھۇجۇم قىلغان.

ياسىن سىدىقنىڭ «ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلق ئەمەس شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۈركىيەلىك تۈركلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى «ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىگە قانداشلىق بېغى ئارقىلىق باغلانغان» ئىكەن. 

ياسىن سىدىق خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭ تارىخىي، دىنىي ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە دائىر بەزى خاتا ئىدىيەلەرنى تازىلاش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن بۇيان ماقالە يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككىنچى يەرلىك ئەمەلدار. ئۆتكەن يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئەزىز مۇسا ماقالە يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

ياسىن سىدىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم كۆزىمىزنى سۈرتۈۋېتىپ، راست بىلەن يالغاننى ئايرىشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قانداشلىق بېغى ئارقىلىق باغلانغان ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئاسانغا كەلمىگەن ھازىرقى ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەدىرلىشىمىز كېرەك». 

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ رايوننى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاش، ئۇيغۇرلارنى «يەرلىك خەلق» دەپ قاراش «3 خىل كۈچلەرنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاش قىلمىشى» بولۇپ، بۇ «تارىخنى تونۇمىغانلىقنىڭ، مەدەنىيەت ساۋاتى يوقلۇقنىڭ، يالغانچىلىق ۋە ئەخمىقانىلىقنىڭ ئىپادىسى» ئىكەن.

ياسىن سىدىقنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ پەخرىي باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياسىن سىدىقنىڭ ماقالىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى مەسىلىسىدىكى رەسمىي نىيىتىنى ئىپادىلەيدىكەن. 

ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقىنىڭ بۇ ماقالىسى ئەلۋەتتە دائىرىلەرنىڭ رەسمىي نىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ۋە ئۇنى قوللاشنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇنى قوغدىشى يولسىزلىق. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قانداق بولسا بولسۇنكى، سېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىڭ خاتا. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىنى ئاقلىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ». 

ياسىن سىدىقنىڭ ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قاماپ، ئۇلاردىكى ئاتالمىش «خاتا ئىدىيە ۋە ئاشقۇن پىكىرلەرنى تازىلاۋاتقان» بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى يېقىندا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرنى قانداق قانۇنى ئاساسقا تايىنىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. 

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشىنى نوقۇل سىياسىي ۋەزىيەتكە باغلاش كۇپايە قىلمايدىكەن. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى رەت قىلىشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرىدىكى بۇ تار مىللەتچىلىك ۋە شوۋىنىزم ئىدىيىسى بۇلارنىڭ يېتىم مەدەنىيەتلىك ئەنئەنىسىدىن قالغان. خىتاي مەدەنىيىتى دۇنيادىكى 4 مەدەنىيەتنىڭ بىرى. لېكىن دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. بىردىن بىر خىتاي مەدەنىيىتى ئالاقىلىشەلمەي يېتىم قالغان. پەقەت بىر قىسىم دىنچىلار ئەكەلگەن كىتابلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشى يېتەرلىك بولمىدى». 

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى بۇ خىل يېتىم مەدەنىيەتلىك تارىخىي يۆنىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى رەت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، خىتايلاردا بىر خىل يېتىم مەدەنىيەتلىك تارىخىي تىندىنسىيە چوڭقۇر. شۇڭا ئۇلار باشقىلار بىلەن بىرگە ياشاشنى بىلمەيدۇ ياكى خالىمايدۇ. ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقات جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ كۆپ خىل ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرگە بولۇشىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. لېكىن بۇنداق قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قوبۇل قىلالايدىغان، باشقىلار بىلەن بىرگە ياشىيالايدىغان بىر مەدەنىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك». 

ياسىن سىدىق «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىپىك «بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ «ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ، تارىخنى ئۆزگەرتكەنلىكى، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى، نەپسىگە چوغ تارتىپ، كەچۈرگۈسىز جىنايەت سادىر قىلغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. 

لېكىن، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ پەخرىي باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياسىن سىدىقنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شەخس توغرىسىدا ئېنىق بىر قانۇنى ھۆكۈم يوق تۇرۇپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشى قانۇن تەرتىپكە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ بۇ قىلىقى قانۇن تۈزۈمگە ئوچۇق-ئاشكارا قول تىقىشتۇر. بىز كومپارتىيەنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە، نۇرغۇن ئۆكتىچى زاتلارنى زەربە بېرىشتە بەزى جىنايەتلەرنى توقۇپ چىقىپ، ئۇلارغا ئارتىدىغانلىقى، كۆرسەتمىچىلىك بولسىمۇ سوت ئاچىدىغانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن ئۇ بايام تىلغا ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرىغا كۆرسەتمىلىك بولسىمۇ بىر سوت ئېچىلغان ئەمەس. مانا بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانچىلىك قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش نىيىتى بار». 

مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن 2017‏-يىلنىڭ باشلىرى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك كادىرلار بولۇپ، بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغان. ياسىن سىدىق خىتاينىڭ ئۇلارنى تىلغا ئالغان تۇنجى يەرلىك ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خوڭكوڭدىكى بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئۆتكەن يىلى بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ساتتار ساۋۇتنىڭ مائارىپ نازىرى ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابىغا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى كىرگۈزۈپ، «ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلەش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلىپ باقمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.