«ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟
2022.09.22
19-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «7-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» نى باشلىدى. مەزكۇر يەرمەنكە 2011-يىلىدىن باشلاپ ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، گەرچە دەسلەپتە ئېچىلىش ۋاقتى يىلدا بىر قېتىمدىن داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2014-يىلىدىن باشلاپ بۇ ھالەت ئۆزگەرگەن. يەنى 2014-يىلىدىن تارتىپ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلغان. 2018-يىلى 6-نۆۋەتلىك يەرمەنكە ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۆت يىلدا توختاپ قالغان بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر يەرمەنكىنى قايتا ئېچىش پىلانلىغان. ھەتتا ئەسلىدە ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئېچىش پىلان قىلىنغان بولسىمۇ، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلگەن. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئاراغا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن بەش يىلدۇر. ئەمما يېقىندا خىتاي «شىنجاڭنىڭ قالتىس ئون يىلى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىدا پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ 99 پىرسەنتكە يېتىپ، مۇقىملىقنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. دەرۋەقە بۇ يىغىندىن كېيىنلا، «خىتاي-ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» باشلاندى. ئۇ ھالدا مەزكۇر «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» زادى قانداق يەرمەنكە؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟
چېگرا سودىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ كۈچەيتىلىشى
ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» تىن كېيىنكى تاشقى سودا ئالاقىلىرى ئاساسەن 80-يىللاردىن كېيىن باشلانغان. بولۇپمۇ بىڭتۇەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇلانغان چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىۋېتىلىپ، سودا-ئالاقىلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يەنى، 1981-يىلى ئىيۇندا ۋاڭ جېن بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپى بىلەن دېڭ شاۋپىڭغا خەت يازغان. شۇ يىلى 8-ئايدا ۋاڭ جېن بىلەن دېڭ شاۋپىڭ بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەن. مەزكۇر سەپەردە دېڭ شاۋپىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ھەققىدە، ئالدى بىلەن بىڭتۈەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇقىملىقنى تەرەققىياتنىڭ ئالدىغا قويۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك مۇھىم يوليورۇقلارنى چۈشۈرگەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتاي مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۈەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى رەسمىي تەستىقلىغان ۋە بىڭتۇەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاتالمىش مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، بىڭتۇەننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. ئەمەلىيەتتە، بىڭتۇەننىڭ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىنىشى ھەقىقىي مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئەسلا بېرىلمەيدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئىدى. چۈنكى بىڭتۇەندەك بىر ھەربىي كۈچنىڭ ئاپتونوم رايون دەپ ئاتىلىدىغان بىر زېمىندا مۇقىملىقىنى قوغداش باھانىسىدە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزىلا، بۇ زېمىن ئىگىلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى ھېسابلىناتتى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېگرا سودىسى بولسا، 1987-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، گەرچە چېگرا سودىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغىمۇ قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي روناق تېپىش دەۋرىنى ئېلىپ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇن داۋاملاشمىغان. 1990-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىڭتۇەننى رەسمىي شەكىلدە ئالدىن تەرەققىي قىلىشقا يول قويۇلغان دېڭىز ياقىسى رايونلار بىلەن باراۋەر ھالدا، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزگەن. ھەتتا دۇنيا بانكىسى، ئاسىيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلاردىن «يەرلىك خەلقلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم» نامىدىكى ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتكەن.
دەرۋەقە، چېگرا سودىسى ئېچىلغاندىن تارتىپ تاكى 1994-يىلىدىكى «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي كۈچلۈك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. لېكىن ئۇيغۇرلار بولسا خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلقلەر قاتارىغا كىرىپ قالغان. چېگرالار ئېچىلىپ، خەلقئارا ئالاقىلەر ئەسلىگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى ئۇيغۇرلار نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغۇچە بولغان بىر قانچە يىلدا، ئۇيغۇرلار ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بىرىنچىسى، بىڭتۇەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى 1985-يىلى يۈز بەرگەن «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» بولۇپ، مەزكۇر ھەرىكەتتە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك شوئارلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئىككىنچىسى، 1988-يىلى يۈز بەرگەن «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» مۇ ئوخشاش خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا (بىڭتۇەن سەۋەبلىك) يۈرگۈزۈۋاتقان چەكتىن ئاشقان ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ۋە باراۋەرلىك شوئارلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق نامايىشىدۇر. ئۈچىنچىسى بولسا، 1990-يىلىدىكى «بارىن ئىنقىلابى» دۇر. مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىشىمۇ ئوخشاشلا بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ بىڭتۇەن تەرىپىدىن مونوپول قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلەردىن چەتتە قالدۇرۇلۇپ، ۋاسىتىلىك نامراتلاشتۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بولۇپمۇ بىڭتۇەن ۋاسىتىسى بىلەن نامراتلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىڭتۇەنگە ئەمەس، بەلكى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشىغا ئارتىپ قويۇلۇپ، رادىكال شەكىلدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا سەۋەب بولغان.
1990-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، تاشقى سودا-ئېكسپورت ھوقۇقى، يەر بايلىقلىرىنى ئېچىش، ئەۋزەل سىياسەت، چېگرا رايون دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىڭتۇەننىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەققىدىكى 24-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان. بۇ ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۇچقاندەك يۈكسەلدۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا داۋاملىق شەكىلدە ئىسلاھاتتىن يىراق قېلىۋەرگەن.
«ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىشى
1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى بىردىنلا خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە ئايلانغان. 1992-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي مەركىزىي كومىتېتى «ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش ھەققىدىكى 61-نومۇرلۇق ھۆججەت» نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ھۆججەتتە، «ئىشىكنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش، غەربكە ئېچىشنى ئاساسىي نىشان قىلىش، غەربنى چاقىرىپ، شەرققە باغلاش، شەرقتىن كىرىپ، غەربتىن چىقىرىش ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇش ئېنىق بېكىتىلگەن. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى» 38 دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق چەتئەللىك سودىگەرلەر، شۇنداقلا خىتاينىڭ 20 نەچچە ئۆلكە-شەھەرلىرىدىن كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، «چېگرا سودىسى» خاراكتېرى ۋە ھەجمى جەھەتتىن يېڭىچە ئۆزگەرتىش قىلىنىپ، «ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ يەرمەنكە ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى ھەجمى ئەڭ چوڭ، چەتئەللىكلەر ئەڭ كۆپ قاتناشقان دەرىجىدىن تاشقىرى يەرمەنكە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ خەلقئارالىق سودا ھەمكارلىقىدىن ھېچقانچە نەپ ئالالمىغان. چۈنكى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بىڭتۇەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىڭتۇەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ ۋە تۇپراق مەنبەلىرىنى پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا ئېلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدىكى تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلغانىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئەمەس، بەلكى بىڭتۇەنگە بېرىلەتتى. ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىڭتۇەن بىلەن رىقابەتلىشىش ئەسلا مۇمكىنچىلىكى يوق ئىش بولۇپ، بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاسىتىلىك نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2009-يىللارغا كەلگەندە بىڭتۇەن قارمىقىدىكى شىمالىي ئۇيغۇر دىيارى مەملىكەت بويىچە ئەڭ باي رايونغا، ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى بولسا، خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونغا ئايلانغان. ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بولسا، ئۇيغۇرلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلققە ئايلاندۇرۇلغان.
«ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى
2010-يىلى ئاتالمىش «بىرىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش قارار قىلىندى ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشى بەلگىلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى 12 ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، بىڭتۇەن ۋە دېڭىز ياقىسىدىن كەلگەن 19 خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت تولۇق پىشىپ يېتىلگەنىدى. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا 1952-يىلدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلىغان «لەنجۇ-شىنجاڭ تاش يولى» خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونى بولغان ليەنيۈنگاڭنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالاتاغ ئېغىزىغا باغلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇراتتى. بۇ يول سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خىتايغا ئوڭچە قالغانىدى.
بۇ ۋەجىدىن 2011-يىلىدا خىتايدا ئەسلىدىكى «ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى» نى كۆلەملەشتۈرۈپ، «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» گە ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار خەلقئارادا ئاتالمىش تېررورلۇققا باغلىنىپ، مىللەت ئوبرازى ئومۇميۈزلۈك خۈنۈكلەشتۈرۈلگەن، خىتاي ئىچىدە بولسا «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدىكى دۆلەت دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇلغان چاغلار ئىدى. بۇ مەزگىلدە خىتايدىمۇ خۇ ئەنگاڭ(胡鞍钢)، جېڭ يوڭنيەن(郑永年) قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ خىتايدىكى ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش تەشەببۇسى ئەۋج ئالدى. خۇ ئەنگاڭ بولسا، مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىكى تۇرغۇزۇش، ھەتتا ھاكىمىيەت كۈچى بىلەن بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرەپدارى. ئۇ بۇ قاراشلىرىنى «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى» دوكلاتىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى. جېڭ يوڭنيەن بولسا، سىنگاپور ئۇسلۇبىدا «جۇڭخۇا ئۇلۇسى» يارىتىش، يەنى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگولۇق كىملىكىنىلا قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغاق زىيالىيلىرىدىن بىرى بولغان ئىلھام توختى ئەپەندىم، ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنچلۇق يۆلىنىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ مەسىلىنىڭ بۇ شەكىلدە داۋام قىلساق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ھەققىدە بىر تەكلىپنامە سۇندى. تەكلىپنامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا تېگىشلىك ھەقلەرنى بېرىشنىڭلا خىتاينى مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى مەركەز قىلىنغانىدى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلھام توختىنى دەل بۇ تەكلىپ سەۋەبلىك «ئۈچ خىل كۈچ جىنايىتى» نىڭ بىرى بولغان «بۆلگۈنچىلىك» يەنى ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، 2014-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. دەرۋەقە، 2013-يىلى شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى يوقىتىشتا «فېڭ چياۋ مودېلى» قوللىنىش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاغزىدا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ساقلاپ قالىمىز، بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيمىز» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش يولىنى باشلاپ كەتكەنىدى.
دېمەك، «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» بولسا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى، ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق ياۋروپاغا باغلايدىغان يول بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ بۈيۈك پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ جان تومۇرىغا ئايلانغانىدى. دېمەك، ئاتالمىش «ئىسلاھات ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى، دېڭ شاۋپىڭ كۆرسەتكەن سىرتقا نىسبەتەن «سوققان چوتنى ئاشكارىلىماسلىق» (韬光养晦)، ئىچكى قىسمىدا «مۇقىملىق ھەممىدىن ئۈستۈن» (稳定压倒一切) ئىستراتېگىيەسىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۈرگۈزگەن. بۇ جەرياندا، دۇنياغا يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىش ۋە غەرب دېموكراتىك ئىدېئولوگىيەسىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، خىتاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق، ۋاسىتىلىك ۋە قەدەممۇ قەدەم يوقىتىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
دېمەك، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» يېقىندا «ئۇيغۇر دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇ يەرمەنكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئەلۋەتتە. خىتاينىڭ خەلقئارادا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا قارىلاش ھەرىكەتلىرى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى غەربنىڭ ئويۇنى» ئىكەنلىكىدەك قاراشنى ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشتا ئۇتۇق قازىنىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق ۋە دىنداش بولغان مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئەللىرىنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن بىر سەپتە بولۇشى، خىتاينىڭ كۈچىگە كۈچ قوشقان. خىتاي بولسا مەزكۇر يەرمەنكە ئارقىلىق دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىۋالغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى» گە باشلاپ كىرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش ۋە غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى غەربكە قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ۋەيران قىلىش شۇنداقلا ئۆزى ئارزۇ قىلغان يېڭى دۇنيا كۈن تەرتىپىنى تۇرغۇزۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش ئۈچۈن «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» نى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.