ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي 7 يىلدىن بېرى مۇزاكىرە قىلىپ كېلىۋاتقان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدە بىرلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تاراتقۇلار ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋروپانىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىشىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭ ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدا-زىيانلىرىنى تەھلىل قىلىشتى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» دا ئېلان قىلىنغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى نېمىشقا ياۋروپانىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى؟» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا چېتىلىدىغان بۇ غايەت زور كېلىشىم ياۋروپانىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن ئىقتىساد ۋە رايون خاراكتېرلىك سىياسەت جەھەتتە ئاجىزلىشىپ، خىتايغا زور دەرىجىدە بېقىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
مەزكۇر كېلىشىم، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «رايون خاراكتېرلىك تولۇق سودا كېلىشىمى» دىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ سودا كېلىشىمى بولۇپ، خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ئىكەن. يەنى خىتاي بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا جېڭىدە تارتقان زىيىنىنى تولدۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك رەقىب» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، كېيىن پولشا، ئاۋسترىيە، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سولچىلىققا ئېغىپ كېتىشى، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالماقچى بولۇشى بىلەن، ئۇلار خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىشىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ: «بىرىنچىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىيالايدىغان تىجارىي مۇناسىۋىتى بار؛ ئىككىنچىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيادا ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن قالسا ئۈچىنچى مۇستەقىل كۈچ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېدى.
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدىن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى تامامەن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي يەنە 2021-يىل 3-ئايدا «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» گە قاتنىشىدىكەن، ئەمما بۇ خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن بىر ئۆتكەل ئىكەن. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىردىن ئېتىبارەن خىتاينى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشقا قىستىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ قېلىشى ياكى دىيالوگ قۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم ھاسىل بولغان بىلەن ئىجرائات جەريانىدا يەنە مەسىلىلەر تۇغۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كېلىشىم بىر كىرزىس ۋە پۇرسەت. ئەمدىكى گەپ، بۇ كىرزىسنى قانداق قىلىپ پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىدۇر».
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدىن كېيىن ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ» دېدى.
ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر مەيدان دىپلوماتىك سىياسىي ئۆزگىرىش دەپ قارايدۇ» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 7 يىل بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن مەزكۇر مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلىغاندا، خىتاي بۇ كېلىشىمنى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەشەببۇس قىلغان، خىتاينى قاتمىغان «تىنچ ئوكيان سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى» (tpp) گە قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما دونالد تىرامپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، «تىنچ ئوكيان سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى» نى بىكار قىلغان. ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن «رايون خاراكتېرلىك تولۇق سودا كېلىشىمى» ئىمزالىغاندىن كېيىنلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان. خىتاي بۇ كېلىشىمنى «ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش» دەپ قارايدىكەن.
مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ». ئەمما بىر خىتاي پروفېسسور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئەمگەكچىلەر مەسىلىسىدە خىتاي ھەرگىز يول قويمايدۇ. سىلەر خىتايدا مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بار دەپ ئويلامسىلەر؟ يەنە كېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا خىتاي بۇنىڭغا تېخىمۇ ئۇنىمايدۇ».
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىسىدىن بىرى بولغان. كېلىشىم ھاسىل بولغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەڭ ئېغىر بولغان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئالدىراپ كەتكەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيبلىگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقى ياۋروپانىڭمۇ بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مەنپەئەتپەرەسلىك تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغانلىقىنى، خىتايدىن زەربە يەپ بۇرنىغا سۇ كىرمىگىچە خىتايغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە خانىم «سىزنىڭچە، ياۋروپا خىتايغا ئالدىنىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاينىڭ ياۋروپاغا يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىش تارىخى ئۇزۇن، ئۇلار ماۋ زېدۇڭنىڭ: «يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قامال قىلىش» تاكتىكىسى بويىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا ماكانلىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئارقىلىق پۈتكۈل دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە بارغان» دېدى.