ئۇرسۇلانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ۋە ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى
2023.04.07

غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇرلاپ مېڭىۋاتقان ھاڭنىڭ بىر قېتىملىق دىققەت نۇقتىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرىنىڭ 6-ئاپرېلدىن باشلاپ خىتايدا رەسمىي خىزمەت زىيارىتىنى باشلىشىدا ئەكس ئەتتى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇشتەك پەۋقۇلئاددە ئورنى، شۇنداقلا بۇنىڭ گېرمانىيە رەھبىرى ئولاف شۇلتىز (Olaf Scholz) ۋە ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز (Pedro Sánchez) نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى خىتاي زىيارىتىگە ئەگىشىپلا ئوتتۇرىغا چىقىشى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمما 6-ئاپرېلدىكى دەسلەپكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيات ئورگىنى بولغان ياۋروپا كومىسسيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېر لايىن (Ursula von der Leyen) خانىم ئېنىق قىلىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئون يىلدىن ئوشۇق مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ياۋروپا-خىتاي ئورتاق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز بولمىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ پائالىيىتىنىڭ ئەڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى بولغان بۇ تۈرنىڭ رەسمىي ھالدا «ئۆلۈك» ھالغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇرسۇلا خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى يامانلىشىپ مېڭىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «قىرغىنچىلىق» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئېيتقان «بىز ختايغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىنرەك ۋە قاتتىقراق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز لازىم» دېگەندەك مەزمۇندىكى سۆزلىرى بىلەن ئانچە ماسلىشىپ كەتمىگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇرسۇلانىڭ بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارىدا تىلغا ئېلىشى زادىلا قاملاشمىغان بىر ئىش. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭغا «كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى» نى بىلدۈرۈپ قويۇشى بىلەن شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىپ قويمايدۇ.
ئۇرسۇلانىڭ خىتايغا قاتتىق بولۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتىلا تېگىشلىك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى فۇ سوڭ بۇ ھەقتىكى بايانلارنى ئەيىبلىگەن ئىدى. BBC نىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئۇرسۇلانىڭ سۆزلىرىدە ئىزچىللىق يوق. ئۇ بىر ياقتىن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەتلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرسە يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزگە قارشى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىنى ھىمايە قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. «سىياسىيون» گېزىتىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى ئوبزورىدا بۇ ئەھۋاللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ھەر كاللىدا بىر خىيال» دەپ خۇلاسە چىقارغان.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانيۇل ماكرون (Emmanuel Macron) ۋە ياۋروپا كومىسسيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېر لايىن تەڭلا بېيجىڭغا يول ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەردىن كۆزلىگەن مۇددىئالىرى يەنىلا پەرق قىلىدۇ. بولۇپمۇ فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ بىر توپ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ماڭغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىكى مەقسەدنىڭ فرانسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بېيجىڭدا ئۇلار شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشقا باراۋەر قاتناشقاندىن باشقا قالغان ساھەلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بولىدۇ. شۇڭا گەرچە ئۇلارنىڭ بىرلىكتە خىتاي سەپىرىگە ئاتلىنىىشى قارىماققا ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراش ئاساسىدا ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى نامايىش قىلماقچىدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەت بۇ خىل رېئاللىقتىن كۆپ ئۇزاق. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ ئۇرسۇلا ۋە ئېمانىيول ماكروننى كۈتۈۋېلىش، ئۇلارنى سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇئامىلىسى غايەت زور دەرىجىدە پەرق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ماكرون مۇيەسسەر بولغان دەبدەبىلىك ۋە ھەشەمەتلىك كۈتۈۋېلىشقا خىتاي تور دۇنياسى بىردەك «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورچىقى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان، شۇنىڭدەك خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇش ۋە «خىتايدىن ئاجرىلىپ چىقىش» نى تەۋسىيە قىلىۋاتقان ئۇرسۇلا زادىلا مۇيەسسەر بولالمىغان. ئاپتورلار بۇ ئەھۋالنى تەكىتلەپ «ئۇرسۇلا زادىلا ئەمەلگە ئاشماس بىر مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىتاينى رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بەرمەسلىككە دەۋەت قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن چەكسىز دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ بولغان» دەيدۇ.
بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ھېمايىچىلەرنى ھىمايە قىلىش» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دىرېكتورى لاۋزا خارس (Laura Harth) بۇنىڭدىكى بەزى «ماس كەلمەسلىك» قىلمىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇرسۇلانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ بېيجىڭ سەپىرى پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان يازما جاۋابىدا مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: «ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېر لايىن يېقىنقى مەزگىللەردە يوللىغان ئۇچۇرلار بىردەك خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدە داۋاملىق ھالدا قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەسلىك، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلەرنى تۈپ جەھەتتىن ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ. گەرچە بۇ ئۇچۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش سانالسىمۇ، بۇ ھەقتە بىرەر كونكرېت نەتىجە بارلىققا كەلمىگۈچە بۇلارنى يەنىلا ئېغىزدىكى قۇرۇق سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىش مۇمكىن. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا بىز ئۆزىمىزنى تېگىشلىك بولغان قەدەمنى ئالدۇق، دېيەلمەيمىز. ئەمما ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى خەلققە قارشى جىنايەتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى ئۇرۇشقاقلىقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئوخشاش خاراكتېردىكى سىستېمىلىق تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. ۋوندېر لايىن تەشەببۇس قىلىۋاتقان ‹خەتەرسىزلەشتۈرۈش› ئىستراتېگىيەسى ۋە ‹ئورتاق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى›نىڭ زادىلا تىلغا ئېلىنماسلىقىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تاشلانغان بەكمۇ زۆرۈر بىر قەدەم، دېىيىش مۇمكىن. ھالبۇكى، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون دەل بۇنىڭ تەتۈرىسىنى قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇنىڭ رۇسىيە قوزغىغان قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى سۆھبەت تېمىسى قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ فىرانسىيە سودا گۇرۇھىنىڭ بىر قېتىملىق خىتاي سەپىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق. ياۋروپا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ماكروننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاشكارا تەشۋىقاتلىرىغا دوست تارتىشىپ بېرىۋاتقاندىمۇ خۇددى بىزگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتقاندەك قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى بولدى.»
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ مۇشۇ خىلدىكى قاراشقا مايىل. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھېچقانداق گۇمانغا ئورۇن قالمايۋاتقان بولۇپ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ داۋاملىق ھالدا بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ھەققىدە سۆز بولماستىن يەنىلا «مۇزاكىرە قىلىش» ھەققىدە باش قاتۇرۇش زادىلا قاملاشمىغان بىر ئىش.
نۆۋەتتە ھەر ساھە زاتلىرى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان يەنە بىر نۇقتا ئۇرسۇلانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقىسىنى كېپىللىككە ئىگە قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەممىلا ئەزا دۆلەتلەرنى خۇشال قىلىدىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. «سىياسىيون» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار بىردەك ئۇرسۇلانىڭ بۇ جەھەتتە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلىشىگە بولغان گۇمانلىرىنى ئىپادىلەپ «ئۇرسۇلا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ‹بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتۇق ۋە بۇ ھەقتە شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق› دېيىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بەرمەسلىك ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى شى جىنپىڭنىڭ بىرنەچچە سائەت ئىچىدىلا قوبۇل قىلىپ كېتىشى ئېھتىمالدىن يىراق» دەپ كۆرسەتكەن.