گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن جازاسى ۋە خىتاينىڭ قايتۇرما جازاسىغا ئائىت مۇنازىرىلەر بىلەن تولدى.
22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قوشۇلۇپ 30 غەرب دۆلىتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم تۈپەيلى خىتايغا قارىتا جازا يۈرگۈزگەن، خىتايمۇ شۇ كۈنى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، غەربنىڭ ھۆكۈمەتسىز 4 تەشكىلاتى بىلەن 10 نەپەر دېپلوماتىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ گېرمان تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن جازاسى بىلەن خىتاينىڭ قايتۇرما جازاسىغا ئائىت بەس-مۇنازىرىلەر مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى.
خىتاي جازالىغان 10 نەپەر ياۋروپالىق دېپلوماتنىڭ 2 نەپىرى گېرمانىيەلىك بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇمى سەۋەبلىك خىتاينى جازالاش تەشەببۇسىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر، يەنە بىرى پارلامېنت ئەزاسى مىخائېل گاھلېر ئىدى. خىتاي جازا ئېلان قىلغان 4 تەشكىلات ئىچىدە مەركىزى بېرلىندا بولغان «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرىمۇ بار ئىدى. رايىنخارد بۈتىكوفېر 22-مارت گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى بولغان ARD نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىدىن ۋە ئۆزىنى خىتاينىڭ «قارا تىزىملىكى» گە ئالغانلىقىدىن قىلچە ئەجەبلەنمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى «يۈزى قېلىن ۋە كۈلكىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. مىخائېل گاھلېرمۇ 23-مارت «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ جازاسىغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا بېرىش ياكى خىتاي بىلەن سودا قىلىش پىلانى يوقلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينى مەسخىرە قىلغان.
بىراق گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ جازاسىغا سۈكۈت قىلمىغان. 23-مارت گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسىنى جىددىي چاقىرتىپ، خىتاينىڭ قايتۇرما جازاسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ مەيدانىنى ئوچۇق شەرھىيىلىگەن. فرانسىيە ۋە بېلگىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكلىرىمۇ ئوخشاش تەدبىر قوللانغان.
غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ 22-مارتتىكى قارارى توغرىسىدا توختالغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، بۇنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك بىر زەربە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 23-مارت ئېلان قىلغان مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەش» ناملىق ماقالىدا، خىتاي ئېلان قىلغان بۇ جازانىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى بىلەن غەپلەت ئۇيقۇسىدا شىرىن چۈشكە غەرق بولغانلىقىنى، ئەمدى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ قەدەمنى ئەسلىدە بالدۇرراق بېسىش لازىملىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنىڭ ئىككى چوڭ پايدىسى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىرى، خىتاي مەزكۇر جازا ئارقىلىق تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئامېرىكا تەرەپكە ئىتتەرگەن. يەنە بىرى، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاي زور يول قويۇش بەدىلىگە ھاپىلا-شاپىلا ئىمزالىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نى سۇغا چىلاشتۇرغان. 22-مارت خىتاي ئېلان قىلغان قايتۇرما جازادىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» سۆھبىتىنى دەرھال بىكار قىلغان. بۇ كېلىشىمنىڭ ئەمدى ياۋروپا پارلامېنتىدا ماقۇللىقتىن ئۆتۈشى خام خىيالغا ئايلانغان.
«دۇنيا گېزىتى» 22-مارت ئېلان قىلغان «نېمە دېگەن كۈلكىلىك شاۋقۇن بۇ، ياۋروپانىڭ خىتايدىن قورقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق» ناملىق ماقالىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەۋرى قاچىسىنىڭ تولغانلىقى» سۆز بېشى قىلىنىدۇ. ماقالىدا بۇ قېتىمقى جازانىڭ بىر باشلىنىش ئىكەنلىكى، ياۋروپانىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى مۇستەھكەملىشىگە سەھنە بولۇپ بەرگەنلىكى، ئاقىۋەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە، تاجاۋۇزىغا ئۇچرىشىغا سەل قارىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ھەمدە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق جازا يۈرگۈزۈپ، بۇ جازانىڭ دائىرىسىنى يۇقۇرى تېخنولوگىيە ساھەسىگىچە كېڭەيتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
«ئاۋگىسبۇرگ گېزىتى» ئېلان قىلغان «خىتاي مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى» ناملىق ماقالىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا قارىتا قارشى جازا ئېلان قىلىپ خاتالاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى يەنىلا زور بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنە خىتايغا قارشى يېڭى قارارلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئەسلىدە توسقۇنلۇق قىلىش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن. بىراق، خىتاي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزارا ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. خىتاينىڭ ئەمدى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى سۈركۈلۈش يۆنۈلۈشىگە قاراپ يول ئالىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك قوبۇل قىلغان بۇ قارارى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان 27 دۆلەتكە «ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ، غەرب قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ» دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن ھەمدە دۇنيادا يېڭى بىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.