خىتاي يازغۇچى شىپىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ تەمىنى يېقىن كەلگۈسىدە تېتىيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
شىپىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسىلىلىرى بويىچە ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى قاراشلىرى «دۇنيا كۆزىتىۋاتقان جۇڭگو» ناملىق كوللېكتىپ ماقالىلەر توپلىمىغا بېسىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى شىنجىاڭ مۇستەقىل بولغاندىلا ئاندىن ھەل بولىدۇ، دېدى.
شىپىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ماقالىدە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىنغان خەۋەرمۇ نەقىل قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى «خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلوڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغاندا ھەربىي، ساقچى، قوراللىق ساقچى قىسىملارغا ئۇيغۇر تېررورچىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقى بۇيرۇقىنى بەرگەن» لىكىنى كۆرسەتكەن.
ماقالىدە ئاپتور يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ كۈچەپ تەتۈر تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنى ھازىر قاتتىق باستۇرۇشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى سەۋەبى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭ لوڭنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش شوئارى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمەتكە بولغان بارلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكەت» تىن ئىبارەت قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
شىپىڭ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ھازىر باستۇرۇش كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەيدانى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان كۈرەشكە ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «شۇ چاغدىلا مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيىسى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى دالاي لامانىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بولغان تىبەتلىكلەر ئۈستىدىنمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
شىپىڭ ماقالىسىدە ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ھېچقانداق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ھەق ھوقۇقىنى، دىنىي ئېتىقادىنى، ئۆرۈپ - ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتەك مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت مىللىي روھىمۇ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن «قارشىلىق ھەرىكەت» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوبزورچى شىپىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان قارشىلىقىنىڭ كۈنسايىن ئۇلغىيىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئىلگىرىكى ساقچىلار ئارىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەمدىلىكتە ھەربىي كۈچ بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: «خىتاي كومپارتىيىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولۇۋاتقان كۈرەشنىڭ تەمىنى تېخى تولۇق تېتىپ يەتمىدى. خىتاي دۆلىتى يېقىن كەلگۈسىدە بۇنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ» دەپ بايان قىلغان
ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئىبارەت كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ يېنىۋاتقان بۇ ئوتنى خىتاي كومپارتىيىسى مەڭگۈ بېسىپ بولالمايدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئوبزورچىسى شىپىڭ ئەپەندىم ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننى باستۇرۇش شۇنداقلا مىللىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى. مىللىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاي كومپارتىيىسى دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغانلىقتىن، دىنسىزلىقنى تەرغىب قىلدى. ماۋزىدوڭ، ۋاڭجىن قاتارلىقلار «ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنى زەھەرلىگۈچى ئەپيۈن» دەپ قاراپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىسلام دىنىي باستۇرۇش، كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى قەلبىدىكى ئاللاھتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ياراتقۇچىسىنى ئۇنتۇلدۇرش، ئىسلامى ئېتىقادلىرىنى يىلتىزىدىن يوق قىلىش قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايدىغان قەبىھ، رەزىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ۋە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتمۇ ناھايىتى كۈچلۈك.
ئوبزورچى شىپىڭ ئەپەندىم ئاخىردا بىزنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ياخشى چارە شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئۆز ھوقۇقىنى يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا بەرگەندىلا مەسىلە ئاندىن ھەل بولىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش، بىڭتۇەننى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى مىللىي مەسىلىنى ئۇلغايتىۋەتتى. خىتاي كومپارتىيىسى مىللىي سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
شىپىڭ ماقالىسىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
ئوبزورچى شىپىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
.
0:00 / 0:00