نائومى كىكولېر خانىم: «‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدە راستمىدى؟»

0:00 / 0:00

يەھۇدىيلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق گېزىتى بولغان «ئالغا» (Forward) گېزىتىدە يېقىندا «دۇنيا بىزنى قۇتقۇزۇشتا مەغلۇپ بولدى، لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا مەغلۇپ بولساق بولمايدۇ.» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىنى ئامېرىكادىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نائومى كىكولېر خانىم ۋە «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى» دىن ئامان قالغۇچى رەيچىل گولدفارب خانىم بىرلىكتە يازغان. ماقالىدە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ئاخىرلىشىپ 77 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە دۇنيانىڭ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

ئۇلار ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان: «تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقاندا، بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭدا پەقەت ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا نەچچە مىليون ئۇيغۇر خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.»

نائومى كىكولېر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى› لارنى زىيارەت قىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى باشتىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق تارىخنى ئەسلەپ، ‹ھېچكىم بىز كۆرگەن كۈننى كۆرمىسۇن› دەپ ناھايىتى قايغۇردى. بىز ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق. ئاچچىق رېئاللىق كۆرۈنۈپلا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا بىز دۇنيادىن ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدە راستمىدى؟ دېگەن سۇئالنى سورىماي تۇرالمايمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئولىمپىك ھەققىدە بىزنىڭ دىققەت قىلغىنىمىز شۇكى، 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەھۇدىيلار مەسىلىسىدىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە يۆتكىگەن، شۇنداقلا دۇنياغا كۈچلۈك بىر دۆلەت ئوبرازىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى. بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇلار ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنى پەردازلاپ، خىتاينى گۈللەنگەن، بىرلىككە كەلگەن، چاقناپ تۇرغان دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ قىلغان تەشۋىقاتلىرى قانداق ئۈنۈم كۆرسەتكەن بولسا، بۈگۈن خىتاينىڭ ئولىمپىك جەريانىدا قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىمۇ شۇنداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر دەرىجىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ مۇشۇنداق ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەت ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، 1936-يىلى بېرلىن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەھۇدىيلارغا بولغان كەمسىتىش، باستۇرۇش كۈنسېرى ئارتقان ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتا ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان. «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا پىدائىي بولۇپ ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى» لارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىملىق پائالىيەتلىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە «ئىرقى قىرغىنچلىق» نىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن.

«ئالغا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە شۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەگەر دۇنيا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ۋە داۋاملىشىۋاتقان جىنايەتلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغاندا، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.»

نائومى كىكولېر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، خىتايلارغا سىڭدۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك بۇ سىياسەتنىڭ ناھايىتى قەبىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «1936-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك بىر دەرس شۇكى، دۇنيا ھەر تەرەپتىن كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان سىگناللارغا دىققەت قىلمدى. ئەسلىدە ئاشۇ مۇسابىقە جەريانىدىلا ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› نىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتلەرنى ئوچۇق كۆرۈۋاتىمىز. 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئالغان دەرسىمىز بويىچە بىز ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. بىلگىنىمىزدەك، بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1936-يىلى ئۆتكۈزۈلدى، 1941-يىلى بولسا ياۋروپادا يەھۇدىيلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق رەسمىي ئەۋجىگە چىقتى. بىز بۇ قېتىم قۇتقۇزۇشتا مەغلۇپ بولساق بولمايدۇ، بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ.»

نائومى كىكولېر خانىم ئاخىرىدا بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككى ھەپتە ئىچىدە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چوڭ دادام ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› زامانىدا مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئىشلىگەن ئىكەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلسەملا بىئارام بولىمەن. شۇڭا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى پەقەت ھۆكۈمەتلەردىن ۋە شىركەتلەردىنلا تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ھەر بىرىمىز ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەننىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز كېرەك. كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا يەنە 20 يىل كەتمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال جىددىي تەدبىرلەر ئېلىنىشى كېرەك.»

ئامېرىكادىكى يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسلىق سىياسەت مەركىزى بولغان «يەھۇدىيلارنىڭ ئاممىۋى ئىشلار كېڭىشى» مۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئەيىبلىگەن. . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ ئادالەتنى ياقلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۈمىد بېغىشلىماقتا.