يەھۇدىي ياشلىرىدىن يوسېف ۋە دېۋورا بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى سادالار تېخىمۇ زورىيىشى زۆرۈر!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىلا دۇنيا مىقياسىدا مۇئەييەن ھېسداشلىققا ۋە ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى قوللاشلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى. شان روبېرتس، جېيمىس مىلۋارد، ئادريان زېنزغا ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ياش ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغان چەتئەللىك ياشلار ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىش نۇقتىسىدىن بۇ سەپكە قوشۇلدى. يەھۇدىي ياشلىرىدىن يوسېف روس (Yosef Roth)نى ئەنە شۇ خىلدىكى ياشلاردىن دېيىش مۇمكىن.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا رابباي (Rabbi) لىق لاياقىتىگە ئېرىشكەن يوسېف ئۆزىنىڭ گۇگۇل (Google) شىركىتىدە يۇمتال ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەشتەك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن بىرلىكتە يىللاردىن بۇيان ئايالى دېۋورا چايت (Devora Chait) بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلار قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نامىدىكى پۇقراۋىي تەشكىلات نيو يورك ۋە ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە كۆپ قېتىملاپ ئاممىۋى نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئامېرىكا جامائىتىگە چۈشەندۈرۈشتە پائال رول ئويناپ كەلمەكتە.

يېقىندا نيو يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇلار رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

مۇخبىر: بىز ھازىر يوسېف ۋە دېۋورا بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. بىزنى قىزىقتۇرۇۋاتقىنى، سىلەر قانداق بولۇپ بۇ ئىشلارغا قىزىقىپ قالدىڭلار؟

يوسېف: بۇنىڭ باشلىنىشى 2018-يىلى بولدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغان ئىدۇق. ئەمما بىزگە بۇ خەۋەرلەر يالغاندەك بىلىندى. چۈنكى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى. بولۇپمۇ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماش دېگەنلەر شۇنداق ئىدى. يەنە تېخى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قامىلىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرمۇ بار ئىدى. شۇڭا بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدۇق. «ھەي، بۇنداق قەبىھ ئىشلار بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟ بۇ چوقۇم يالغان گەپلەر بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك پىكىرلەر كۆڭلىمىزدىن كەچتى. ئەمما بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇغانسېرى بۇلارنىڭ راستىنلا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ بۇ ئىشلار ئۈچۈن نالە-پەرياد سېلىشىنى كۈتتۇق. ئەپسۇس، بۇنداق چۇقاننى ياكى نالە-پەريادنى بىز كۆرمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن «ئۇنداق بولسا بىز بىر ئىشلارنى قىلىپ باقايلى» دەپ ئويلاپ «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ چىقتۇق.

مۇخبىر: دېۋورا! سىز يېڭى توي قىلغان ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئائىلە، بالىلارنىڭ ئىشى دېگەندەك نۇرغۇنلىغان قاتىلاڭچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىشىڭىز تەبىئىي. سىز قانداق بولۇپ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ قالدىڭىز؟ مۇشۇ ھەقتە ئاز-تولا سۆزلەپ باقسىڭىز.

دېۋورا: مېنىڭ بۇ ئىشلارنى باشلىشىمدا يوسېف بەك چوڭ رول ئوينىدى. ئۇ ماڭا بۇ ھەقتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەندە مەن بەكمۇ ھەيران قالغان ئىدىم. چۈنكى مەن بۇ ھەقتە تا شۇڭغىچە ھېچنەرسە ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئۇلۇغ بوۋام «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» دىن ئامان قالغان شاھىتلارنىڭ بىرى ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ ھال ئائىلىمىز ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىك ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. ئەينى ۋاقىتتا «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە دۇنيا بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلغان؛ كىشىلەر ئۇ جايلاردا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز قالغان. خۇددى شۇ خىلدىكى ئىشلار يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىۋاتقاندا بىز بۇ ئىشلارغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش لازىملىقىنى ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، دەپ ھېس قىلدۇق. يەنە كېلىپ ئەر-ئايال ئىككىمىز ئۆزىمىزنى دىندار كىشىلەردىن سانايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىر قوۋم ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقاندا بۇ ئىشلار تەبىئىي ھالدا بىز ئۈچۈن مۇھىم مەجبۇرىيەتلەردىن بولۇپ قالىدۇ.

مۇخبىر: «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» دېگىنىڭلار قانداق تەشكىلات؟ مۇشۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز.

دېۋورا: بىز يىغىلىش مەيدانلىرىدا كۆپ قېتىم ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ قاباھەتلەرگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئۆتتۇق. بۇ يولدىكى بىرىنچى خىزمىتىمىز سۈپىتىدە تا شۇنىڭغا قەدەر ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا بىرەر پائالىيەتلەردە بولۇپ باقمىغان گۇرۇپپىلارنى بۇ ئىشقا جەلپ قىلىشقا تىرىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنى بۇ ئىشقا جەلپ قىلىشنى ئويلاشتۇق. چۈنكى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق بىر يات ماكاندىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاسانغا چۈشمەيتتى. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ياكى مىللىي تەۋەلىكى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشىمۇ يوق ئىدى. مۇشۇ خىل رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىز مىللىي ياكى جۇغراپىيىۋى چېگرالاردىن ھالقىپ چۈشەلەيدىغان «ئاياللارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقى» تېمىسىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىسمىتىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشنى قارار قىلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن «سىزمۇ ئاۋاز قوشۇڭ» ناملىق بىر تور بەت ئاچتۇق ھەمدە لاگېر شاھىدلىرىدىن تۆت ئايالنى زىيارەت قىلدۇق. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قانداق قاباھەتلىك تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق ۋە تەپسىلىي بايان قىلدۇق. بۇنىڭ راستىنلا زور ئۈنۈمى بولدى.

مۇخبىر: رەھمەت! سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز ۋە تەجرىبىڭىزدىن قارىغاندا سىز بۇنى دەسلەپ ئوقۇغۇچىلار قۇرغان بىر تەشكىلات سۈپىتىدە باشلىغان ئىكەنسىز. ئەمما كېيىنچە بۇ زورىيىپ بۇنىڭدىن جىق ھالقىپ كېتىپتۇ. ئۆز تەجرىبىلىرىڭىز ئاساسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ، دەپ قارايسىز؟

يوسېف: نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ساۋاق شۇ بولدىكى، ئەتراپىمىزدا بۇ ئىشلارنى دەستەك قىلغان ھالدا تەسىر پەيدا قىلىشنىڭ پۇرسەتلىرى بەك كۆپ ئىكەن. چۈنكى پائالىيەتچىلەرنىڭ سانى ئاز بولسا بۇنىڭ تەسىر قوزغاش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. بىر ئىشتا زور تەسىر پەيدا قىلىمىز، دېسىڭىز جەزمەن بۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇشى، ئۇلاردىن چىققان سادا كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشلار ئۈچۈن ماڭىدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئىشلارنى سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۆپ ساندىكى سىياسىيونلار بار ئىكەنتۇق، ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئىشلار ئۇنچە زور تەسىر قوزغىيالمىغان. چۈنكى سىياسىيونلارغا دەل ئاشۇ خىل ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى زۆرۈر بولغان ئىكەن. جۈملىدىن ئاممىۋى يىغىلىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پائالىيەتلەرنى دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دېيىش مۇمكىن.

مۇخبىر: يىراق كەلگۈسىنى ئويلاشقاندا بۇ جەھەتتە قانداق بىر نىشانىڭلار بار؟

يوسېف: مەن دائىم قانداق قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى توسقىلى بولىدۇ، دېگەننى ئويلايمەن. قارىسام ئىقتىسادىي ئامىل بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مەزمۇن ئىكەن. يەنى خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا قويۇش ياكى بېسىم قىلىشنىڭ مەلۇم رولى باردەك قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ بىزدەك ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىمىزنى خىتايغا بېسىم قىلىشقا دەۋەت قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. ناۋادا بۇ ئىشقا ئاشسا خىتايمۇ بىزگە قارشى ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشى مۇمكىن. نەتىجىدە بىز سېتىۋالىدىغان توۋارلارنىڭ باھاسى بىراقلا ئۆرلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بىز كىشىلەرنى مۇشۇ خىل رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا كۆندۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداقلا ھۆكۈمىتىمىزگە «بىز بۇ خىل زىيانلارنى تارتىشقا رازى» دېيەلەيدىغان بولۇشىمىز لازىم. بىز مۇشۇ يوسۇندا ئەركىنلىكنىڭ پۇلدىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

مۇخبىر: روھىي زەخمەتنىڭ تەسىرى ھەققىدە سىزدىن يەنە بىر سوئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئۇلۇغ بوۋىڭىز «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نى باشتىن كەچۈرگەن ئىكەن. سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئاشۇ زىيانكەشلىكنىڭ قانداق تەسىرى بولۇۋاتىدۇ؟ بولۇپمۇ سىزگە ئوخشاش ياش بىر ئەۋلادلارغا قانداق تەسىرى بولىدۇ، دەپ قارايسىز؟

دېۋورا: شۈبھىسىزكى، مەن بۇ تەسىرنى ئىزچىل ھېس قىلىپ كەلمەكتىمەن. بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلەر مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام ۋە ئۇلۇغ مومام. يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن ئۈچىنچى ئەۋلاد ھېسابلىنىمەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا بۇنىڭ تەسىرىنى ھەرقاچان ھېس قىلىپ كەلمەكتىمەن. ئەڭ ئاددىيسى، ئائىلىمىزدە ھېچكىم ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىمايدۇ. چۈنكى بىر تۈرلۈك قورقۇنچ ھەرقاچان بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنى چىرماپ تۇرغان بولىدۇ. بۇ تەسىرنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن غايىب بولالىشىغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. شۇڭا بۇ تەسىر بىر ياقتىن كىشىلەرنى مۇشۇ خىلدىكى قاباھەتلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە قارشى تۇرىدىغان سەپكە توپلاشقا پايدىلىق. شۇنداق بولغاندا ھۆكۈمەتنى ھېچبولمىغاندا بۇ ئىشلار ھەققىدە سۆز قىلىشقا دەۋەت قىلالايمىز. ياخشى يېرى، ھازىر ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئىشقا دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئىش.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت!