يەكەندىكى ۋەقەدىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ۋەقەلەر ھەققىدە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە.

28-ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ئارقىدىنلا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئوخشاش بىر قاتار ۋەقەلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ خەۋەر ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك خەۋەر قىلىندى. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال رايوندىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى توختىتىۋەتكەنلىكى ۋە خەۋەرنى ۋەقە يۈز بېرىپ نەق بىر كۈندىن كېيىن دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ھازىر يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇستەقىل، غەيرىي رەسمىي مەنبەلەردە ئوخشىمايدىغان رەقەملەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئەمما يەكەنگە مۇخبىرلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەنلىكتىن بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ راستلىقىنى دەلىللەشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

چەتئەل ئاخباراتلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرى ئېنىق بولمىسىمۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىقى دەپ ماركا چاپلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا نارازىلىق مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي، مەدەنىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە چەتكە قېقىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە خىتاي كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن نوپۇسىنىڭ بارغانسېرى ئاز سانلىقلار قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەسىلەن، بۇ ھەقتە «قولتۇق خەۋەرلىرى» تورىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۆز سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار «خىتاي چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن:
-ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەقىقەتەن ھەل قىلىمەن دېسە، ئۇنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوينىغان رولىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك... خىتاي ئۇيغۇرلارنى نېفىت ۋە مىنىرالغا باي زېمىننى ئىگىلەپ ياتقان بىر گۇرۇپپا خەلق دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى تەشكىل قىلغان كىملىكلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

قولتۇق خەۋەرلىرى ئۆز مۇلاھىزىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر تۈرلۈك كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەقەلەرنى داۋاملىق كۆپتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەڭشەش، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوڭشاشتىن باشقا چارىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىدىغان يەنە بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ئىدى. لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە بۇ تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: شەخسى سىر دېگەننى ئۇنتۇپ كېتىڭ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى سىزنىڭ تاماقتا نېمە يەيدىغانلىقىڭىزنى، قاچان يەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەكچى. چېچىڭىزنى قانداق ياسىتىشىڭىز، قانداق كىيىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچى، قولىڭىزدىكى تېلېفون ياكى ناخشا ساقلىغۇچتا قانداق ناخشىلارنى چۈشۈرۈۋالغانلىقىڭىزنى بىلمەكچى... ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھىرى قەشقەردە يۇقىرىدىكى چەكلىمىلەر شەھەردىكى كامېرالار ئارقىلىق ۋە ھەر يەردە چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار ئارقىلىق ئىجرا قىلىنماقتا. قارا رەڭلىك قالقان كىيىۋالغان قوراللىق ساقچىلار قەشقەردە ئۇيغۇرلارنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىغا ساقلىۋالغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «كىيىم-كېچەك مودا تەكشۈرگۈچىلىرى»نىڭ نىشانىغا ئايلاندى. گۈزەللىك قۇرۇلۇشى سىياسىتىگە ئاساسەن ئىسلامچە كىيىنىۋالغان ئاياللار قولغا ئېلىنماقتا.

خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئىدارە-ئورگانلارنىڭ رامزان مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ ئىدارە ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق يىگەن-يېمىگەنلىكىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى، ھەتتا بىرمۇ خېرىدار بولمىسىمۇ، ئاشخانا-رېستورانلارنى رامزان مەزگىلىدە ئېچىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان. قەشقەردىكى بىر نەپەر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىغا سىنىپتا ئولتۇرۇپ بىر بوتۇلكا سۇنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىچمىگۈچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنى سىنىپتىن ئايرىلغىلى قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ مەكتەپتىكى 8 قىز ئوقۇغۇچى، كېچىدە ئوقۇتقۇچىلار تۇيۇقسىز تەكشۈرگىلى كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشىكنى تاقىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇپ، مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارغا دىپلوم بېرىلمەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى يەنە مۇخبىرغا مەكتەپتە مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپۇتېرلىرى، تېلېفونلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بارلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرەبچە ناخشىلارنى ياكى دىنىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئاڭلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

32 ياشلىق يەنە بىر ئۇيغۇر بولسا، مۇخبىرغا ئىدارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چۈشلۈك تاماق يىگەن-يېمىگەنلىكىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ «ئىدارە بەزىدە قەستەن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا زىياپەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بەزى خىزمەتداشلىرىمىز تاماققا زورلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاي بويىچە ئاغرىق دەپ ئىشقا كەلمىدى» دېگەن. لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى يەنە، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر فوتوگراف قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتايدىكى ئاخباراتلاردا ئاشكارىلىغان ئەھۋالىنىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىشەنگۈسىز بېسىملارنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بەرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، قۇربانجان سەمەتنىڭ ئاپىسى ھەرەمگە ھەجىگە بارماقچى بولغان، بىراق دائىرىلەر بۇ ئايالنىڭ قىزىنىڭ دۆلەت كادىرلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇنداقتا قىزىم خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرسىچۇ دېسە، بەرىبىر ئوخشاش، چۈنكى قىزىڭنىڭ يولدىشى ئوقۇتقۇچى ئىكەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇخبىر يەنە، قەشقەردە يۈزىنى ئورۇۋالغان بىر ئايالنىڭ خىتاي چارلىغۇچى تەرىپىدىن ئاپتوموبىل بىلەن ئەپ كېتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇ ئايالنىڭ دەرس ئۆتۈلگەندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇخبىر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن ھەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن يەكەندىكى بىر قىزنىڭ سۆزىنى بەرگەن. ئۇ قىز مۇخبىرغا ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغان ئاياللار كىيىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە ماقۇل بولمىغۇچە، ئۇ ئاياللارنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، ئەمما ئۇ قىز يەنە «كىشىلەرگە بىر ئىشنى قانچە قىلما دېگەنسېرى شۇنى قىلغۇسى كېلىدۇ» دېگەن.

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدا ياغلىق چىگكەن، يۈزىنى ياپقان ئاياللارنىڭ كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا چىقىشتىن چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ئۆز مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىدىن مىسال بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنداق قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا خىتايغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار نيۇيوركتىكى فوردھام قانۇن مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى كارل مىنزېرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. كارل مىنزىر سۆزىدە، ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزىلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى رادىكال يوللارنى تاللاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن مەخسۇس 50 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، تېررور ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە ئۆز خەۋەرلىرىدە «ھەرمىللەت ئاممىسى تېررورچىلارغا ئورتاق قارشى تۇردى» دېگەن تېمىنى ئالاھىدە يورۇتۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.