ياپونىيەدە چىقىدىغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 31-دېكابىردىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خىتايدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسىدە 30-دېكابىر ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا 9 نەپەر قوراللانغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلاردىن سەككىز نەپىرى ئېتىپ تاشلىنىپ، بىرى قولغا ئېلىندى. شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقە» دەپ ئېلان قىلدى دېيىلگەن شۇنداقلا مەزكۇر خەۋەرنىڭ خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۇ خىلدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر ئۈزلۈكسىز ھالدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 160 كىشى ئۆلۈپ، 1600 دىن ئوشۇق كىشى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر كونا شەھەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 14 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، نويابىر ئېيىدا بولسا قوللىرىغا پىچاق ئالغان بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ھۇجۇمچىلاردىن توققۇز نەپىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ 90% ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
«ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» دە 10-ئايدا بېيجىڭ تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 5 نەپەر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 5 نەپەر كىشىنىڭ گۇمانلىق، دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى ئۇيغۇر مۇستەقىلچى تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېلان قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق ئىقتىسادنىڭ خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ، دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقى، يېقىندا تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى «تېررورچى» نامىنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى بايان قىلغان.
ب ب س نىڭ 30-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىنغان يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە، ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان بۇ رايوننىڭ ئاھالىسىنىڭ 45% ئۇيغۇر، 40% خىتاي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە؛ «ئۇيغۇرلار تۈركىي مۇسۇلمانلار، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت قىسقا ۋاقىتلىق قۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتى بولغان، 1949-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى كونترول قىلغان ۋە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بۇ يىلنىڭ ئىچىدە يۈزدىن ئوشۇق كىشى بۇ خىلدىكى ئوخشاش ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېيىلگەن شۇنداقلا خەۋەردە تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنغان.
ھىندىستاندىن چىقىدىغان «ئىندىئا تايمېس گېزىتى»نىڭ 31-دېكابىردىكى سانىدا، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ يىپەك يولىدىكى قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ ۋەقەگە «تېررورلۇق ۋەقە» دەپ باھا بەرگەنلىكى، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئىلگىرى يۈز بەرگەن بەزى توقۇنۇشلارنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا كونكرېت ھالدا، بىرەر تەشكىلاتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىنىي تېررورلۇق تەشكىلات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايدىن بۆلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باش ماقالىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى «جاكارتا گلوبې گېزىتى» نىڭ 31-دېكابىردىكى «خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن شىكايەت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە، ئوسمان بارات، ئابدۇغېنى ئابدۇقادىر قاتارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ھۇجۇم توغرىسىدىكى سىنئالغۇلارنى كۆرۈپ تەييارلىق قىلغانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، تىلى، مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ياپونىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچى تاكۇيا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ھۆكۈمەتكە قارشى سۆز-ھەرىكەتتە بولغان ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق ماركىسىنى چاپلاپلا نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش سىياسىتى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇن ساھەسىدىكى يېڭىچە ئىسلاھاتى بولۇپ، بۇ خىلدىكى ھەرىكەت داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدە قاتتىق بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.