خىتاي دائىرىلىرى 2-ئاۋغۇست شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە 28-ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا «پۇقرالاردىن 37 كىشىنىڭ، ئاتالمىش توپىلاڭچىلاردىن 59 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 215 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى» نى خەۋەر قىلدى. 29-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بەرگەن خەۋىرىدە 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 31 دانە ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ۋەيران قىلىنىپ، بۇ ئاپتوموبىللار ئىچىدە 6 دانىسىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28-ئىيۇل يەركەن قانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە بەرگەن ئالدىنقى خەۋىرى بىلەن كېيىنكى خەۋەرلىرىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە تۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا «28-، 29-ئىيۇلدىكى يەكەن توقۇنۇشىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن ساندىن نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى، ھەتتا 2000-دىن 3000 غا قەدەر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، دائىرىلەرنىڭ ماشىنىلاشقان دالا ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، شۇنداقلا يەكەندىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ،«ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى بىرنەچچە كەنتتە كوچىغا چىققانلىكى ئادەم ئوققا تۇتۇلۇپ، بۇ كەنتلەردە ئادەم شالاڭلاپ كەتكەنلىكى» نى بايان قىلىشى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچلىكىدە گۇمان تۇغدۇرۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قوزغىدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 2-، 3-ئاۋغۇست شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەر ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ يەكەن توقۇنۇشى ھەققىدە مۇستەقىل خەۋەر بېرىشىگە يول قويمىغان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان بۇ خىل پەرقلىق خەۋەرلەرنى بېرىشى، بۇندىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەردىمۇ يۈز بەرگەن ئەھۋال ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچلىك نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى، فىرانسىيە رادىئوسى ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن فېيسبوك، تۋىتېر قاتارلىقلاردا تارقالغان ئۇچۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقى، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىگە سېلىشتۇرما قىلىپ بېرىلىپ، 28-ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشىنىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 28-ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشى ھەققىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنى بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە دائىرىلەرنىڭ يەكەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىشىنىڭ ئالدىنقى سەۋەبى ئىچكى جەھەتتە خىتاي پۇقرالىرىدا ۋەھىمە قوزغىماسلىقنى كۆزدە تۇتقان بولسا، تاشقى جەھەتتە يەكەندە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا يەنە 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە يەنى 30-ئىيۇل كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مەيلى قانداق ئۇسۇلنى قوللانمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىم-تىنچ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا 28-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىسياننى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا كۆپ ساندا كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا يەكەن ئېلىشقۇ يېزىسىغا تەۋە بولغان 14-، 15-ۋە 16-كەنتلىرىدە قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ ۋەقەلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپلۈكى ئېنىقلانغان ئىدى.