مەمەت توختى: خىتاينىڭ يەكەندە سادىر قىلغىنى مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.08.15
Memet-Toxti-ependi-305 د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى.
Photo: RFA

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ يەكەندە يۈز بەرگەن 28 - ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ خىتاينىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرلىكتە، سانلىق مەلۇماتلار توغرا دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، خىتاينىڭ يەكەن ئېلىشقۇدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كوللىكتىپ جازالاشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك جىنايەتكە ياتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، ۋەقەدە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ قوللانغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك جىنايەتكە يېتەرلىك پاكىت دەپ كۆرسەتتى.

تۆۋەندە، مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.