ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېڭى گۇلاگ» تېمىسى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا (1)

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇشقا باشلىغان سىياسىي باستۇرۇشلارنىڭ مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۇ خىلدىكى سىياسىي باستۇرۇشلارنىڭ ئاساسىي شەكلى ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قامىلىشىدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيادىكى داڭلىق گېزىت-ژۇرناللاردىن بولغان «ۋال سترېت ژۇرنىلى»، «نيو يورك ۋاقتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «مۇھاپىزەتچى»، «تېلېگراف»، CNN، رويتېرس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل لاگېرلارنىڭ بۇندىن كېيىن قايسى يۆنۈلۈشكە مېڭىش مۈمكىنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلار يەر ئالدى.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى «دۆلەتلىك باھا» ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جەي نوردلىنگېر ئامېرىكىدىكى داڭلىق سۆھبەت سۇپىلىرىدىن «رىكوشەي مۇنبىرى»دا 15-ماي كۈنى مەخسۇس مۇشۇ تېمىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن سۆھبەتلەشتى. جەي نوردلىنگېر ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مۇشۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىىسىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلغان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1930-يىللاردىن باشلاپ ئەۋج ئالغان «گۇلاگ» نامىدىكى سىياسىي لاگېرلارغا ئوخشاتقان ئىدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە جەي نوردلىنگېر ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ غايەت زور دەرىجىدە يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى «گۇلاگ» شەكلىدىكى تەربىلەيەش مەركەزلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە بۇ «گۇلاگ»لاردىن زور كۆلەملىك بىر قىرغىنچىلىقنىڭ ھىدلىرى گۈپۈلدەپ پۇراۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا تېخىچە سەل قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان جەي نوردلىنگېر شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ۋەتىنىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە زۇلۇم ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئالغان نۇرى تۈركەل نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ ئادەتتىكىچە ھالدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا سوزۇلغان قوللىرىنىڭ چەتئەللەرگىچە ئۇزىراۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر «ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەندىن تېشىدا كۆيگەن يامان» دېگەندەك ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن سۆھبەتنى باشلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن جەي نوردلىنگېر سۆز ئېلىپ، بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن بىر ئېتنىك تۈركۈمنى قىرىۋېتىش ھەرىكىتىنى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر قىسىم قوراللىقلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى» دەپ چۈشەندۈرگىنىدەك بۇ خىلدىكى ئەھۋالنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى سورىدى.

نۇرى تۈركەل بۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لۇغىتىدە «تېررورلۇق» دېگەن سۆزنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئوتتۇز-قىرىق يىلدىن بۇيان خەلقئارادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن «يەرلىك مىللەتچى»، «ئىسلام ئەسەبىيلىىك»، «تېررورچى» دېگەندەك ناملارنى ئىجات قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خەلقئاراغا پەردازلاپ كۆرسىتىش ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقىنى، قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قەلبىدىكى غەزەپنى ئىپادىلەشلىرىگە قاراپلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى «تېررورلۇق» دەپ ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

جەي نوردلىنگېر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بىردىنلا يامانلىشىپ كەتكەن سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بۇ جايغا يېڭىدىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كەلگەن چېن چۇەنگو بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، نەتىجىدە ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇقراق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، چېن چۇەنگونىڭ بولسا ناتسىستلار گېرمانىيەسى زامانىسىدا «گاۋلايتېر» دەپ ئاتالغان ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ رايونلۇق سېكرېتارلىرىغا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرى بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تەستىقلىغاچ ئۇيغۇرلارنىڭ 1950-يىللاردىن تارتىپلا خىتاي بىڭتۇەنى، كومپارتىيە كومىتېتى ۋە «قورچاق ئۇيغۇرلار»دىن تەشكىل تاپقان «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» قاتارلىق ئۈچ قات ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئاشۇ «قورچاق» ئورۇندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تۈرلۈك سىياسىي بەدناملارنىڭ ئارتىلىپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تۇتقۇننىڭ كۆپلۈكىدىن غايەت زور قورقۇنچ تۇيغۇسىنىڭ ھەممىلا جايغا يېيىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ قاچان بۇ لاگېرلارغا بارىدىغانلىقىنى بىلەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ جايلارغا بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايىغى چىقماس «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتىنىڭ قاينىمىغا غەرق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۇركەل بۇنىڭغا ئۇلاپلا بۇ خىلدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۇجايلاردىن چىقالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ھەتتا بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپلىگەن ئەھۋاللارنىڭ يەنىلا تاشقى دۇنياغا نامەلۇم ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

نۇرى تۇركەل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى »ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى ئەسلىھەلەرگە بۇ قەدەر زور كۈچ سەرپ قىلىشىغا يوشۇرۇنغان ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدەك خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەمدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى»نىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش-بولماسلىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بۇ زېمىننىڭ خىتاينىڭ زور كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈرۈش لايىھەسى ئۈچۈنمۇ «مۇقىم» بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان ئاسسمىلاتسىيە سىياسىتى ئۈچۈنمۇ بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتايلارنىڭ نەزىرىدە كەلگۈسىدىكى سىياسىي مالىماننىڭ پىلتىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «دۆلەتلىك باھا»غا ئوخشاش نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن مۇشۇنداق زور ھەجىملىك سۆھبەتلەرنى تەشكىللىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بىلىنىشىگە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.