«خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى-يېڭى چېگرا، كونا دۈشمەن» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى
2015.10.21

چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ بىرى «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى زورايتىش. شى جىنپىڭ بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور قەدەملەرنى باستى. بىراق، كۆزەتكۈچىلەر يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا زور ئىقتىسادىي كۈچ بولۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا. بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاڭلىتىشىمىزدا مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدا، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئاجىز ھالقىلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى مەخسۇس قىسمىدىن مەلۇمات بېرىمىز.
مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە «خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى» سەرلەۋھىسىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئاپتور توم مىشەل شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيىسىنى خىتاينىڭ ئاسىيادىكى زور دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئالدىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە توختالغاندا ئاساسلىق، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچىدىكى بيۇروكراتسىيە، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ئافغانىستان-پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغىنى قوغدايدىغان ھەربىي كۈچى قاتارلىقلارنى پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاجىز ھالقىلار، دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلى شۈبھىسىزكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئاپتور «خىتاينىڭ بۈيۈك ئويۇنى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىگە ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدىكى ئەھمىيىتى ۋە رايوندىكى رىقابەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن. «يېڭى چېگرا-كونا دۈشمەن» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ قىسىمدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدىكى ئىنتايىن ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاچۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ يەرنى ئىنتايىن بىخەتەر ۋە مۇقىم دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە. ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
بۇ يىل سېنتەبىردە بايدىكى كۆمۈر كاندا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. ئەمما بۇ ۋەقەنى ھېچقانداق خىتاي ئاخباراتى خەۋەر قىلمىدى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپمۇ قىلمىدى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئوينىماقچى بولۇۋاتقان بۈيۈك ئويۇن ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئۇنىڭمۇ نېرىسىدا تىزىلىپ ياتقان زور رىقابەتلەر بارلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرو-ئاسىيا رايونىغا قارىتىلغان بۇ كەڭ زېمىندىكى پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ غەربىي رايونىنى تىنچلاندۇرۇش بىلەن باشلاش كېرەك. بىراق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچقۇننى ئۇلغايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلماقتا.
ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ھەم ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرىدىغان نېفىت تۇرۇبا يوللىرى ئۆتىدىغان تۈگۈن بولۇشى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرى ھەم شۇنداقلا يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان.
ئاۋسترالىيەدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە توختىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى، بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا كومپارتىيە ھەم خىتاي پۇقرالىرىنى ھەم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىغا ھەم شۇنداقلا بۇ يېڭى يىپەك يولىنىڭ دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا» دېگەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ يەردە مۇقىملىق يارىتىشنى كۆزلەپ، رايوندىكى مەسىلىلەرنى پەقەت «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە ئارتىپ قويۇۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەمگەك بازىرىدا ئايرىمىچىلىققا ئۇچراپ ئىشسىز قېلىشى، رايوندىكى پۇرسەتلەردىن خىتاي كۆچمەنلەرگە ئوخشاش بەھرىمەن بولالماسلىقىدەك نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاقسۇدا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە تامغا ئېسىپ قويۇلغان دىنى رادىكاللارغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «بۇنىڭ ھەممىسى ئەخلەت، بۇ يەردە ئەركىنلىك يوق»، دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئاپتور يەنە ئۇيغۇر ئېلىنى سۈرەتلىگەندە، ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەرلەردە ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ھەممە يەردە قوراللىق ساقچىلارنىڭ چارلايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ دۇكانلارغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ كىرىدىغانلىقىنى جۈملىدىن قوراللىنىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى فېن گوپىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئايالنى زىيارەت قىلغان. ئۇ خىتاي ئايال ئاپتورغا «ھەممە نەرسە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزگەردى. ھازىر خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن قاچىدۇ، ئۇيغۇرلار بولسا خىتايلاردىن قاچىدۇ» دېگەن.
ئاپتور مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت زوراۋان كۈچلەرنىلا تېررورىست دەپ باستۇرۇپ قالماي، بەلكى تىنچلىق بىلەن ئۆكتىچىلىك قىلغانلارنىمۇ ئوخشاش تېررورىست مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا ئىلھام توختىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. تونۇلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ۋاڭ لىشيوڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى مۇنداق بىر سۆزگە يىغىنچاقلىغان:
ئىلھام توختى دەل بىر مۆتىدىل ئاۋاز ئىدى. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە، ھۆكۈمەت سېنى يا بىراقلا دۈشمەن بول ياكى بىراقلا يالاقچى بول دەيدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىدا تۇرۇپ گەپ قىلىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ.
ئاپتور توم مېشەل ماقالىسى ئاخىرىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان «بىر قولدا يۇمشاق بولۇش، بىر قولدا قاتتىق بولۇش» سىياسىتىنىڭ كارغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.