ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز ئالدىغا تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلار ھەمدە بۇ جايلارغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر كېلىدىغان بولدى. بولۇپمۇ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى كۆپلەپ ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. 19-ئىيۇن ئەنە شۇ خىلدىكى ئەندىشىلەرنىڭ بىرى «جەنۇبىي گېرمانىيە خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان كاي سترىتماتتېر ئىمزاسىدىكى «بېيجىڭنىڭ لاگېرلاردىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا ئەكس ئەتتى.
ماقالىنىڭ بېشىدىلا بېرىلگەن مۇنۇ قۇرلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ: «بىر مىليارد تۆت يۈز مىليونلۇق نوپۇستىن پۇتبول تېپەلەيدىغان 11 ئادەمنىڭ چىقمىغانلىقى خىتايدا كۆپ ئېيتىلىدىغان كىنايىلەرنىڭ بىرى. پۈتۈن دۇنيا ھەمدە خىتاي نۆۋەتتىكى ‹دۇنيا لوڭقىسى› نى كۆرۈۋاتقاندا خىتايدىكى ئەڭ تالانتلىق پۇتبول چولپانلىرىدىن بىرى ھەتتا بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشتىنمۇ مەھرۇم بولغان ھالدا ‹تەربىيەلەش مەركىزى› گە بەند قىلىۋېتىلگەن. ئۇ دەل 19 ياشلىق پۇتبول چولپىنى ئېرپان ھېزىمدۇر.»
شۇ قۇرلاردىن كېيىن ئېرپان ھېزىمدەك پۈتۈن خىتايغا تونۇلغان پۇتبول ماھىرىنىڭ «چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان» دېگەن «جىنايەت» بىلەن 2018-يىلى فېۋرال ئېيىدىن باشلاپ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ئورۇنغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ يوسۇندا ئاشۇنداق «مەركەز» لەرگە بارىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ 1989-يىلىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى ھېنرى شاجاۋىسكىدىن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ پۇتبولغا بەكمۇ چوڭقۇر ھەۋىسى بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇنداق ھادىسىنىڭ تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرگە بىر سىر بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) بۇ ھەقتە غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ شىنجاڭدا پۇتبول چولپانلىرىنى يېتىشتۈرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قالدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ھازىر كۆرمەيۋاتىمىز. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا پۇتبول مۇسابىقىلىرى بولغاندا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار توپ كۆرگىلى باراتتى. مەسىلەن ئالساق، 2008-يىلىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنرەكمۇ ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم ئاشۇنداق توپ مۇسابىقىسى بولغاندا 50 مىڭ ئادەم مۇسابىقە كۆرگىلى بارغان. دېمەك، ئۇيغۇرلار پۇتبولغا ئاشۇنداق زور دەرىجىدە ھەۋەس قىلىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرگە بىر سىر بولۇپ تۇيۇلماقتا.»
ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول قاتارلىق تەنتەربىيە ساھەسىدە نام چىقىرىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ بىر ئومۇمىيلىققا ئېگە بولۇشىنىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇق بۇ خىل يۈزلىنىشنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا 1997-يىلىدىكى غۇلجا «5-فېۋرال ۋەقەسى»نىڭ دەل مۇشۇنداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھەقلىرىنىڭ شىنجاڭدا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى يېتەرلىك ئىسپاتلانغان. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ھال تەنتەربىيە ساھەسىگىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. تەنتەربىيە دەرۋەقە كۆپلىگەن ئوغۇل-قىز ياشلار ئۈچۈن سىرتقى دۇنياغا چىقىشتىكى بىر يول بولۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ ھال ھازىر ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جىسمانىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ چەكلىك بولۇپ كەلمەكتە. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان يۈكسەك ‹بىخەتەرلىك› سىياسەتلىرىنى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر بۇ سىياسەتلەر بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇنى پۈتۈنلەي يېڭى ھادىسە، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى غۇلجىدىكى سالام قارىنى مىسالغا ئالساق ئۇ كىشى 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر پۇتبول كوماندىسى تەشكىللىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ توپ سۇپىسىنى شۇ ۋاقىتلاردىكى مەشرەپ پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ساغلام بولغان چىقىش يولى تېپىپ بەرمەكچى بولغان. شۇنداقلا مۇشۇ تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يامراۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىككە خاتىمە بەرمەكچى بولغان. ئەمما ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك بۇ تىرىشچانلىق يەنچىپ تاشلاندى ھەمدە 1997-يىلى غۇلجىدىكى نارازىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى.»
ماقالە ئاپتورى كاي سترىتماتتېرنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ياش چولپانلار، ئابلاجان ئايۇپتەك ئۇيغۇر داڭدارلىرى كۆپلەپ غايىب بولماقتا ئىكەن، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ بىردەك مۇسۇلمانلار بولغان ئۇيغۇر ۋە قىسمەن قازاقلار بىلەنلا چەكلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. شۇنىڭدەك بۇ كىشىلەر قاماققا ئېلىنغان «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمگە ياكى ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا ئىكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل جازا لاگېرلىرى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا دۇنيانىڭ دىققىتىدىن مۇستەسنا قالماقتا، يەنە كېلىپ بۇ ئىشتىن خەۋەردار ساھەلەرمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالماقتا. بۇ توغرىلىق سۆز قىلىشنى ئىستىگەن مۇخبىرلارنىڭ بۇ رايونغا بېرىشى بولسا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن چەكلەنمەكتە. ئۇ بۇ ھادىسىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىنى «مەزكۇر رايوندىكى غايەت زور نېفىت ۋە گاز بايلىقى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە بولغان ‹يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى› ئۈچۈن بەكمۇ ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە بولغانلىقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ ئۆز قولىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى ئىستەيدۇ» دەيدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىققان «ساقچى دۆلىتى»، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، پۈتكۈل رايوننى قاپلىغان نازارەت مېخانىزمى ھەمدە بۇ مەقسەدتە تەقلىدىي ئەقىلنىڭ كۆپلەپ قوللىنىلىشى ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىت بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىنى يۇمۇپلا بۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن.
دەرۋەقە ماقالە ئاپتورى يەنە جېيمىس لېيبولد، ئادريان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىش ئۈچۈن ئارقىمۇ ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىش شىجائىتىنى ئالقىشلايدۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى»نىڭ پروفېسسورى ئادريان زېنزغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتقاندا ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى مەركەزلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرىلا باشلاپ بولغانلىقىنى، ھازىر بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۇنيانى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىشنىڭ تولىمۇ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەنسەك ھازىر قولىمىزدا بار بولغان بىر قىسىم دەلىل-ئىسپاتلار ئوخشاش بولمىغان سىياسىي ‹ئۆزگەرتىش› ۋە ‹قايتا تەربىيەلەش› مەركەزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللار مابەينىدىلا ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەركەزلەر ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. ‹قايتا تەربىيە› شەكلىدىكى بۇ مەركەزلەر ئەمەلىيەتتە 2000-يىللىرىلا فالۇنگوڭچىلارنى جايلاشتا كۆپلەپ قوللىنىلغان. شۇنىڭدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە، يەنى 2010-يىلىدىن باشلاپ بۇنداق مەركەزلەرنى تەسىس قىلىش ئۇيغۇرلار مەركەزلىك تارقالغان جايلاردا رەسمىي باشلاندى. 2013- ۋە 2014-يىللىرى، شۇنىڭدەك 2015-يىلى، يەنى چېن چۇەنگو ھوقۇقنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن تازا ئەۋجىگە چىققىلى تۇردى. چېن چۇەنگونىڭ قىلغانلىرى بولسا ئەمەلىيەتتە بۇ ھالنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىش بولدى. يەنە كېلىپ ئۇ بۇنى مۇئەسسەلەشكەن بىر مۇكەممەل سىستېما ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسلىھەلەر مەزكۇر رايوندىكى ئاھالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكىلى تۇردى. يەنى بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ كۆلىمى چېن چۇەنگو دەۋرىدە كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئەمما بۇلار چېن چۇەنگو كېلىشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامىۋېتىلگەن ئۇيغۇر داڭدارلىرىدىن ئېرپان ھېزىم ھەمدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدىنمۇ مەخسۇس يەر ئالغان. ئۇلار 19- ۋە 20-ئىيۇن كۈنلىرى ئېلان قىلغان «ئېرپان قەيەرگە غايىب بولدى؟»، «شىنجاڭدىكى ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نورماللىق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەكتە» ناملىق مەخسۇس تېمىدىكى تەپسىلىي خەۋەر ماقالىلىرىدە مۇشۇ مەسىلىلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
0:00 / 0:00